بېرلىندا ۋاڭ يىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.09.01
wang-yi-myunxen-namayish-dolqun.jpg خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىغا قارشى ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 1-سېنتەبىر، بېرلىن، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

د ئۇ ق بېرلىندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ باردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئىتالىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە ۋە فىرانسىيەدىكى زىيارەتلىرىنى تۈگىتىپ 1-سېنتەبىر گېرمانىيەدىكى زىيارىتىنى باشلىغانىدى. ئۇ باشقا دۆلەتلەردە ئوخشىمىغان دائىرىدە تۈرلۈك قارشىلىقلارغا ئۇچرىغانغا ئوخشاش گېرمانىيەدىمۇ كۈچلۈك قارشىلىققا دۇچ كەلگەن.

د ئۇ ق نىڭ تەشكىللىشى بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى يۇرتلىرىدىن كېچىچە يول يۈرۈپ 1-سېنتەبىر كۈنى سەھەردە بېرلىنغا يېتىپ كەلگەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسى ئالدىدا بۈگۈن، يەنى 1-سېنتەبىر كۈنى تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، تەيۋەنلىكلەر ۋە ھەرساھە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنى ھىمايە قىلغۇچى يەرلىك ئاھالىلەر ھەمدە بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بارغان.

نامايىش مۇقەددىمىسىدە سۆز ئالغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۇتقىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، گېرمانىيە كەبى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ جىددىي تەدبىر قوللىنىپ خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايىتىنى دەرھال توختىتىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

بېرلىندىكى نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدېن ئەپەندى بۇ نامايىشقا يەنە گېرمانىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ بەزى ئەزالىرىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىش ھەرساھە مۇخبىرلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان.

نامايىشچىلار «خىتاي لاگېرلارنى تاقا! خىتاي قانلىق قىرغىنچىلىقنى توختات! خىتاي تېررورىست!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسى ئالدىنى لەرزىگە سالغان. ميۇنخېندىن بېرىپ بۇ نامايىشقا قاتناشقان ياشلاردىن ئىلىيار سىدىق نامايىشنىڭ تولىمۇ ھاياجانلىق ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بىز تۈرلۈك ئۇچۇر قاناللىرىغا قارىغىنىمىزدا، بېرلىندىكى ۋاڭ يىغا قارشى نامايىشنىڭ بۈگۈن گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ ئورۇن ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى كۆردۇق. د ئۇ ق نىڭ بېرلىندىكى شۆبە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ قېتىمقى نامايىش توغرىسىدا بىزنى ئەتراپلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى.

ۋاڭ يىنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى بۈگۈن تاراتقۇلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ياۋروپادىكى 5 دۆلەتتە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى گېرمانىيە ئىدى. ئۇ بۈگۈن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خايكو ماس بىلەن كۆرۈشەتتى. خايكو ماس بىرقانچە كۈندىن بۇيان گېرمانىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بۇ سۆھبەتتە چوقۇم ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىش بېسىمىغا ئۇچراپ كەلگەنىدى. گېرمانىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خايكو ماس بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ئېغىز ئېچىشتىن ئىبارەت ئىنتايىن قېيىن بىر سىناققا دۇچ كەلگەن. ئەمما بۇ سۆھبەتنىڭ نەتىجىسى تېخى مەلۇم ئەمەسكەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىمقى نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەت ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.