ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى: «خىتايدا ھەر كۈنى خرۇستال كېچىسى يۈز بېرىۋاتىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.11.04
wahisngton-post-uyghur-1.jpg ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە «خىتايدا ھەر كۈنى خرۇستال كېچىسى يۈز بېرىۋاتىدۇ» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدىن ئېلىنغان . 2019-يىلى 3-نويابىر.
washingtonpost.com

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كۈندىلىك بېسىم سىياسەتلىرى ۋە ئۇ يەردە 2 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ سەۋەبسىزلا قامالغان لاگېرلارغا ئائىت ئىنچىكە دېتاللار ئاستا-ئاستا سۇ يۈزىگە چىقىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى يەرشارىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق ھالدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان سىياسەتلەر ئىكەنلىكىدەك بىر نۇقتىدا ئورتاقلاشماقتا. يەنە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇنى تارىختا ناتسىستلار ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يەھۇدىيلارغا يۈرگۈزۈلگەن سىياسەتلەرگە ئوخشاتماقتا.

ئەنە شۇنداق ماقالىلەرنىڭ بىرى 3-نويابىر كۈنى ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تەھرىرات سەھىپىسى مۇھەررىرى فرەد ھايېت تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى. «خىتايدا ھەر كۈنى كىرىستالناخت يۈز بېرىۋاتىدۇ»، يەنى «خىتايدا ھەر كۈنى خرۇستال كېچىسى يۈز بېرىۋاتىدۇ» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە زور تەسىر قوزغىدى. 

ئاپتور تەرىپىدىن ماۋزۇدا ئىشلىتىلگەن «كىرىستالناخت» گېرمانچىدىكى «خرۇستال كېچىسى» دېگەن سۆز بولۇپ، بۇ ۋەقە تارىختا «ئەينەك چېقىلغان كېچە» ياكى «نويابىر پروگراممىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

تارىخى مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، «خرۇستال كېچىسى» دە يەنى 1938-يىلى 9-10-نويابىر كۈنلىرى ناتسىستلار ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئەسكىرىي كۈچلەر ۋە ئادەتتىكى ئامما يەھۇدىيلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇلارنىڭ جېنىغا، مال-مۈلكىگە قەست قىلغان. ئىككى كۈندۈز ۋە بىر كېچە داۋام قىلغان زوراۋان ھۇجۇملاردا يەھۇدىيلارغا ئائىت 1000 دىن ئوشۇق سىناگوك، 7500 دىن ئوشۇق ئىش-تىجارەت ئورنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان. يەھۇدىيلارنىڭ مەكتەپلىرى، دوختۇرخانا ۋە مازارلىقلىرى ۋەيران قىلىنغان. 16 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان 30 مىڭ ئەتراپىدا يەھۇدىي ئەرلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامالغان. گېرمانلار ئەينى چاغدا يەھۇدىيلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارىتىلغان بۇ ھەل قىلغۇچ زەربىنى «كىرىستالناخت» يەنى «خرۇستال كېچىسى» دەپ ئاتىغان. 

«ۋاشىنگتون پوچىتىسى» دا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر كۈنى مانا بۇ «خرۇستال كېچىسى» نى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى ئىپادە قىلىنغان. ماقالە تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن باشلانغان: «81 يىل ئىلگىرىكى مۇشۇ ھەپتىدە،  ‹ئەينەك چېقىلغان كېچە› دەپ تونۇلىدىغان ھەرىكەت يۈز بېرىپ، يۈزلىگەن يەھۇدىي سىناگوكلىرى ۋە مازارلىقلىرى ۋەيران قىلىنغان، مىڭلىغان يەھۇدىي تىجارەت ئورۇنلىرى تالان-تاراج قىلىنغان. مانا بۇ Auschwitz, Sobibor, Treblinka قاتارلىق قىرغىنچىلىق لاگېرلىرىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن ئېتىلغان تۇنجى پاي ئوق ئىدى. خىتاينىڭ غەربىدە، مەسچىتلەرنى ئۆرۈش ۋە مازارلىقلارنى چېقىشتەك ۋەھشىي قىلمىش داۋام قىلماقتا. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بېرى ئانچە كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ھەرىكىتىدە مىڭلىغان ئىسلامچە دىنى ئورۇنلار ۋەيران قىلىندى. ئاز دېگەندە بىر مىليون مۇسۇلمان لاگېرلارغا قامالدى. ياشانغان ئىماملار كىشەنلەندى. ياشلار دىنىدىن تېنىشقا مەجبۇرلاندى. لاگېرغا قامالمىغانلار بولسا دىنى ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا رامزاندا يەپ-ئىچىشكە، ھاراق-تاماكا ئىستېمال قىلىشقا مەجبۇرلاندى. ناماز ئوقۇشتىن، قۇرئان ئۆگىنىشتىن ۋە ھەج قىلىشتىن چەكلەندى. ئەمما ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ جىنايەتنىڭ ئەڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئالاھىدىلىكى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ 21-ئەسىردىكى بۇ بېسىم سىياسىتىنى ۋە قاتىللىقىنى شۇ جاينىڭ ئۆزىدىن خەۋەر ئېلىشنى توسۇش ئارقىلىق دۇنيادىن يوشۇرۇپ قېلىۋاتىدۇ».

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «كىرىستالناخت» يەنى «خرۇستال كېچىسى ۋەقەسى» دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ناھايىتى تونۇشلۇق بولغان ۋە يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنىڭ باشلىنىشى بولغان بىر ۋەقە بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بۇنىڭغا ئوخشىتىلىشى ئەمەلىيەتتە دۇنياغا بېرىلگەن ناھايىتى جىددىي سىگنال ئىكەن. 

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدىكى ماقالىدە ئاپتور يەنە، ئالدىنقى ھەپتە پايتەخت ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان «ئېتىقاد ۋەيرانچىلىقى: ئۇيغۇر مەسچىتلىرى ۋە مەقبەرىلىرىنىڭ چېقىلىشى» ناملىق يىغىندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىت ۋە مازارلىقلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ھەققىدە يىغقان ماتېرىياللىرىدىن دوكلات بەرگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى بەھرام سىنتاشنىڭمۇ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان. ئاپتور بەھرامنىڭ 69 ياشلىق دادىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ۋە بەھرامنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىزنالىرى ئۈستىدە ماتېرىيال يىغىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. 

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدىكى مەزكۇر ماقالىدە بەھرام سىنتاشنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر ئېلىدە ئالاھازەل 10مىڭ-15 مىڭ ئارىسىدا دىنى ئورۇنلارنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقى، بىر قەدەر چوڭ كۆلەملىك مەسچىتلەردىن 150 ئىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى ۋە شۇنداقلا يەنە خوتەندىكى سۇلتانىم مازارلىقىنىڭمۇ ۋەيران قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. 

يۇقىرىدىكى ماقالىدە ئاپتور يەنە، دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلار ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنى ئالاھىدە بىر ئەھۋال دەپ قارىغانلىقتىن، ئۇنى ئادەتتە ئالدىراپ باشقا ۋەقەلەرگە سېلىشتۇرمايدىغانلىقىنى، ئەمما شۇ كۈنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ يىغىندا مانا بۇ «خرۇستال كېچىسى» ھەرىكىتىنى تىلغا ئالغانلىقىنى بايان قىلغان. 

ماقالىدە يەنە ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان شۇ قېتىملىق يىغىندا «دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» نىڭ باشلىقى كارل گىرىشمەننىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئەينى چاغدىكى ناتسىستلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى پاش قىلىپ قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن پولشالىق سابىق ئەسكەر جون كارسكىغا ئوخشاتقانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان ۋە: «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرى مۇھاجىرەتتە ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ خىتايغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ئەمما ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى تۇنجى بولۇپ ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە تۇتقۇن قىلىندى» دەپ يېزىلغان. 

ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە جىددىيلىكىنى بىلدۈرۈش ۋە ھۆكۈمەتلەرنى دەرھال تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىش ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. 

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدىكى يۇقىرىدىكى ماقالىنىڭ ئاپتورى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئورۇنلىرىغا قىلىنىۋاتقان بۇ ھۇجۇمنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھازىر خىتاي تەرىپىدىن غايىب قىلىۋېتىلگەن، مازار تەتقىقاتچىسى دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ سۆزى ئارقىلىق تەسۋىرلەپ بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا: «ئەگەر ئۇلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان تەقدىردە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن بولغان بېغى ئۈزۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ خۇسۇسىي تارىخى، مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى تارىخى بولمايدۇ. بىر قانچە يىلدىن كېيىن بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىقىمىز ۋە قەيەرگە تەۋەلىكىمىز ھەققىدە ھېچقانداق بىر ئىزنا قالمايدۇ» دېيىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.