ئۈرۈمچى ساي مەھەللىدىكى تىجارەتچى ئەنۋەر ياقۇپنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019-05-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۈرۈمچى ساي مەھەللىدىكى تىجارەتچى ئەنۋەر ياقۇپ ئەپەندى.
ئۈرۈمچى ساي مەھەللىدىكى تىجارەتچى ئەنۋەر ياقۇپ ئەپەندى.
Alim Yaqup ependi teminligen

2015-يىلى ئامېرىكاغا كەلگەن ئالىم ياقۇپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ يۇرتى ئۈرۈمچىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. 2019-يىلى 5-ئاي مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۈرۈمچى غەربىي ساي مەھەللىسى، يەنى شىخابا مەھەللىسىدىكى تىجارەتچى ئاكىسى ئەنۋەر ياقۇپنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزگەن ئىكەن.

ئالىم ياقۇپ ئەپەندى ئاكىسىنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلمەيدىكەن، ئەمما ئۇ ئاكىسى ئەنۋەر ياقۇپنىڭ ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرىدىغان، تەقۋادار تىجارەتچى بولغانلىقى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئامەرىكاغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ ئاكىسىنىڭ تۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئالىم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاكىسى ئەنۋەر ياقۇپ ئۇيغۇرلار بىر قەدەر زىچراق ئولتۇراقلاشقان ئۈرۈمچى غەربىي ساي مەھەللىسىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان يەرلىك ئۈرۈمچىلىكلەردىن ئىكەن. كىچىكىدىنلا ئوچۇق مىجەز-خاراكتېرى بىلەن مەھەللىدىكى بالىلار ۋە ياشلارنى يېتەكلەش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان ئاكىسى كېيىنكى يىللاردا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ۋەيران بولغان زاۋۇتلارنىڭ ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى، چىنە-قاچا ۋە باشقا قاتارلىق ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى ئۇيغۇر خېرىدارلارغا توپ ۋە پارچە تارقىتىپ، روناق تاپقان ئىكەن.

ئالىم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاكىسى ئەنۋەر ياقۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەن قاتلىمىغا مەنسۇپ كىشىلەر كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان ئۈرۈمچى غەربىي ساي مەھەللىسىدىكى جامائەت ئىشلىرىدا باشلامچىلىقى ۋە ئاكتىپلىقى بىلەن تونۇلغان ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ياردەم سۆيەرلىكى ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن ئۈرۈمچى غەربىي ساي مەھەللىسى، كۆنچى مەھەللىسى ۋە كەپتەر بازىرىدا ئۇششاق ھۈنەر-كەسىپ ۋە تىجارەت بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قازانغان ئىكەن.

ئالىم ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بىلدۈرۈشىچە، ئاكىسى ئەنۋەر ياقۇپنىڭ لاگېرغا تۇتۇلۇشىغا ئۇنىڭ ئۈرۈمچى غەربىي ساي مەھەللىسىدىكى شەخسىي قورۇسىدىن كۆچۈشنى ئۈزلۈكسىز رەت قىلىپ كەلگەنلىكىمۇ سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن

ئالىم ئەپەندى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن غەربىي ساي مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتى، جەنۇبىي قوۋۇق ساقچىخانىسى قاتارلىق جايلارغا تېلېفون قىلدۇق ۋە تىجارەتچى ئەنۋەر ياقۇپنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبىنى ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. ھالبۇكى، ئۈرۈمچىگە ئۇرغان تېلېفونلىرىمىز ئۇلانمىدى.

غەربىي ساي يولى مەھەللىسى ئۈرۈمچىنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار بىرقەدەر زىچراق ئولتۇراقلاشقان كونا مەھەللىلەردىن بىرى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئوتتۇرا كۆۋرۈكنى سېلىش، ساي يولىنى كېڭەيتىش ۋە كېيىنكى چاغلاردىكى 3-كۆۋرۈك، شەرقىي ئايلانما يول كۆۋرۈكى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىش باھانىسىدە بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسى قورۇ-جايلىرى چېقىلىشقا باشلىغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت 90-يىللارنىڭ ئاخىرى، بولۇپمۇ 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن مەزكۇر رايونغا بولغان نۇقتىلىق نازارەتنى كۈچەيتكەن. 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدا باشلانغان زور كۆلەملىك تۇتقۇندا ئۈرۈمچى غەربىي ساي مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى دائىرىلەرنىڭ نازارەت ئوبيېكتىغا ۋە تۇتقۇن قىلىنىش نىشانىغا ئايلانغان.

ئىلگىرى «شىنجاڭ گېزىتى» دە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن ۋە ئۈرۈمچىدىكى يامالىق تېغى رايونى، غەربىي ساي يولى مەھەللىسى، داۋان، خۇمدانلىق (نيەنزىگو) قاتناش بېكىتى قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنى ياخشى بىلىدىغان، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان جۈرئەت نىزامىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى.

ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا ھەرساھە ۋە ھەر خىل قاتلاملاردىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىنى، بولۇپمۇ، ئەنۋەر ياقۇپقا ئوخشاش ئۆز مەھەللىسىدە ياكى جامائەت ئارىسىدا مەلۇم تەسىرگە ۋە چاقىرىق كۈچىگە ئىگە سەرخىللارنىڭ تۇتقۇن ئوبيېكتى بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت