«ۋۇخەن ۋىرۇسى» خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىنى قامال قىلىۋالغان كومپارتىيەگە بولغان نارازىلىقنى كۈچەيتتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-02-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خەلق ئاممىسى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ھەققىدە تۇنجى قېتىم جامائەتنى ئاگاھلاندۇرغان ۋۇخەن مەركىزى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى لى ۋېنلياڭغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ سۈرىتىنىڭ ئەتراپىغا تىزغان گۈللەر. 2020-يىلى 7-فېۋرال، ۋۇخەن.
خەلق ئاممىسى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ھەققىدە تۇنجى قېتىم جامائەتنى ئاگاھلاندۇرغان ۋۇخەن مەركىزى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى لى ۋېنلياڭغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ سۈرىتىنىڭ ئەتراپىغا تىزغان گۈللەر. 2020-يىلى 7-فېۋرال، ۋۇخەن.
REUTERS

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى ئەڭ بۇرۇن پاش قىلىپ، مەزكۇر يۇقۇملۇق ۋىرۇس ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ۋۇخەنلىك دوختۇر لى ۋېنلياڭنىڭ ئۆلۈمى خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور نارازىلىق قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان. خىتايدىكى تور بەتلەردە ھەتتا خىتاي ھاكىمىيىتىدىن پىكىر ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكى تەلەپ قىلىدىغان چاقىرىقلارمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىققان.

ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 11-فېۋرال كۈنىدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتايدا ھازىر «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ بۇ دەرىجىدە يامراپ، كونترولدىن چىقىپ كېتىشىگە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدىكى تەنقىدىي پىكىرلەرمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇۋاتقانلار ئىچىدە تونۇلغان ئىسىملارمۇ بار ئىكەن. «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى تونۇلغان قانۇن پروفېسسورى شۇ جاڭرۇن ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ «خىتاي ئارخىپلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ماقالىسىدە، خىتايدا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان بۇ كرىزىسىنى «خىتايدا شى جىنپىڭ بەرپا قىلغان بېسىم ئەنئەنىسى ۋە سىستېمىلىق ئاجىزلىقنىڭ نەتىجىسى» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ ماقالىسىدە يەنە تۆۋەندىكىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان: «بۇ سىستېما ھەرقانداق تەبىئىي ئاپەتنى سۈنئىي بەرپا قىلىنغان پالاكەتكە ئايلاندۇرۇۋېتىدىغان بىر سىستېما. بۇ قېتىملىق كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى خىتايدىكى ھاكىمىيەتنىڭ بۇزۇلغان يادروسىنى ئاشكارىلاپ بەردى. دۆلەتنىڭ ماھىيەتتە قانچىلىك ئاجىز ۋە ئىچى قۇرۇقلۇقىنى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە تونۇتتى»

پروفېسسور شۇ جاڭرۇن ماقالىسىدە يەنە، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە خەلقنىڭ ئەخلاقىي قۇرۇلمىسىغا بېرىپ تاقاشقان بۇ ۋىرۇسنى «دۆلەت ئاپىتى» دەپ ئاتىغان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ ۋىرۇسنىڭ بۇنچىۋالا دەرىجىدە كونترولدىن چىقىپ كېتىشىدىكى سەۋەبنى خىتاي مەركىزى ھاكىمىيىتى، دەپ كۆرسىتىپ، بۇ ۋىرۇسنىڭ خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە قانچىلىك ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن قارىغاندا، يۇقۇملۇق ۋىرۇس ۋۇخەندە 1-دېكابىر ئەتراپىدا بايقالغان بولسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئەھۋالنى جامائەتكە ئاشكارىلىمىغان. ھەتتا 30-دېكابىر كۈنى تىۋىتتىرغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىنى بۇ سىرلىق ۋىرۇس ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ۋۇخەن مەركىزى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى لى ۋېنلياڭ قاتارلىق 8 كىشىنى «ئۆسەك سۆز تارقاتتى» دەپ سازايى قىلغانىدى. ئەمما يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن لى ۋېنلياڭنىڭ 1‏-ئاينىڭ باشلىرى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ، 24 كۈن كارانتىندا تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن 6‏-فېۋرال كۈنى ئۆلۈشى تور دۇنياسىدا زور نارازىلىققا سەۋەب بولغان. تور بەتلەردە پىكىر ئەركىنلىكى تەلەپ قىلىدىغان چاقىرىقلار كۈچەيگەن.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر يۇقىرىدىكى پروفېسسور شۇ جاڭرۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم زىيالىيلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، دوختۇر لى ۋېنلىياڭدىن كەچۈرۈم سوراشنى، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلارنى قوغداشنى، ۋىرۇس مەسىلىسىدە پىكىر ئەركىنلىكى بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا نۆۋەتتە قوزغىلىۋاتقان بۇ نارازىلىق كەيپىياتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھەقىقەتەن جىددىيلەشتۈرمەكتىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب بۇ قېتىملىق ۋىرۇس خىتاي خەلقىنىڭ جېنىغا تاقىشىپ، ئۇلارغا بىۋاسىتە تەسىر پەيدا قىلغانلىقتىن نارازىلىق يۇقىرى بولغان.

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى، خۇبېي ئۆلكىلىك سەھىيە كومىتېتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارىنى ۋە خۇبېي ئۆلكىلىك سەھىيە كومىتېتى باشلىقىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىغان، شۇنداقلا يەنە، يېقىندىن بېرى ئېكرانلاردا كۆرۈنمەيۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى بىر ئاھالىلەر رايونىنى ۋە بىر قانچە دوختۇرخانىنى زىيارەت قىلغانلىقى ھەققىدە كۆپلەپ تەشۋىقات خەۋەرلىرىنى تارقاتقان. خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ «تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ ۋ ئىرادە، تېخىمۇ كەسكىن تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇم جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك» دېگەن. شى جىنپىڭ يەنە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا قەتئىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشنى تەكىتلىگەن.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋەقەسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن سودا ئۇرۇشى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ۋە تىبەت قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن ئاللىقاچان قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىگە زور خىرىس پەيدا قىلماقتىكەن.

يېقىندا ئامېرىكىدا چىقىدىغان «The Hill» دا تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر پروفېسسورى برەدلىي تېير ۋە «خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى» مۇئاۋىن باشلىقى خەن لىيەنچاۋ بىرلىكتە ماقالە يېزىپ مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇرغان: «بۇ يۇقۇملۇق كېسەل پەيدا قىلغان كرىزىس تېخى يېڭى باشلاندى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بىزگە خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزمنىڭ يەنى ئوچۇق-ئاشكارىلىق بولمىغان، ئەركىن ئاخبارات، ئەركىن پىكىر بولمىغان ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىرادىگە ھۆرمەت قىلىشتىن مەھرۇم بولغان بۇ ھاكىممۇتلەق تۈزۈمنىڭ بۇنداق زور كرىزىسلارنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ بۇنداق تراگېدىيەلەرنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە».

ئۇلار ماقالىسىدە مەزكۇر «ۋۇخەن ۋىرۇسى تراگېدىيەسى» نىڭمۇ خىتاي كومپارتىيەسى سادىر قىلىپ كەلگەن خاتالىقلار بىلەن بىرگە، تارىخقا يېزىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت