ۋۇخەنگە ئەۋەتىلگەن دوختۇرلارنىڭ «مىللىيچە ئۇسسۇلى» ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشى مۇنازىرە قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020-02-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ۋۇخەن فاڭجۇ دوختۇرخانىسىدا ئۇسسۇل ئوينىغان دوختۇر، 2-تۈركۈمدە ۋۇخەنگە ئەۋەتىلگەن داۋالاش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى باھارگۈل بىمارلارغا ئۇسۇل ئۆگەتمەكتە.
ۋۇخەن فاڭجۇ دوختۇرخانىسىدا ئۇسسۇل ئوينىغان دوختۇر، 2-تۈركۈمدە ۋۇخەنگە ئەۋەتىلگەن داۋالاش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى باھارگۈل بىمارلارغا ئۇسۇل ئۆگەتمەكتە.
Social Media

«شىنجاڭ داۋالاش ئۆمىكىدىكى دوختۇرلار ۋۇخەن فاڭجۇ دوختۇرخانىسىدا بىمارلارغا مىللىيچە ئۇسسۇل ئويناپ بەردى، ئۇنىڭ ئىسمى باھار» سەرلەۋھەلىك قىسقا سىن كۆرۈنۈشى 12- ۋە 13-فېۋرال كۈنلىرى خىتايچە تىك-توك مۇنبىرى ئارقىلىق، تۋىتتەر، فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ، كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى.

13-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ «سۇمۇرغ» تېلېۋىزىيەسىمۇ مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشى ھەققىدە خەۋەر بەردى. خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتايچە ۋېچات تورىدىكى خەۋىرى نەقىل ئېلىنىپ، ۋۇخەن فاڭجۇ دوختۇرخانىسىدا ئۇسسۇل ئوينىغان دوختۇرلارنىڭ 2-تۈركۈمدە ۋۇخەنگە ئەۋەتىلگەن داۋالاش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى باھارگۈل ئىسىملىك دوختۇر ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر خەۋەردە يەنە «باھارگۈل قاتارلىق بىرنەچچە دوختۇرنىڭ بىمارلارنىڭ ‹مىللىي ئۇسسۇل ئۆگىنىش› تەلىپىگە ئاساسەن ئويناپ بەرگەن ئۇيغۇرچە، قازاقچە ئۇسسۇللىرىنىڭ بىمارلارنىڭ كېسەل ۋەھىمىسىنى يېڭىشىگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېغىشلىغانلىقى» ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

تۋىتتېر، فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ بەزىلىرىدە مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشى ۋە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرى تەنقىدلىنىپ، بۇ خىل خەۋەرلەرنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى» دېگەن تەشۋىقاتىنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئىنكاسلاردا «ۋۇخەنگە ياردەم ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىن ئەۋەتىلگەن دوختۇرلار بىمارلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۇسسۇل ئويناپ بەردى» دېگەن خەۋەرنىڭ ئۆزى خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى تەشۋىقاتى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇ ۋۇخەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىن ئەۋەتىلگەن دوختۇرلارنىڭ دوختۇرخانىدا ئۇسسۇل ئوينىغان كۆرۈنۈشىگە قارىتا ماختاش ۋە تەنقىدلەشتىن ئىبارەت ئىككى خىل پەرقلىق ئىنكاسلارنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى بۇنىڭغا قارىتا ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن تەھلىل قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئاۋۋال مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشى ۋە بۇ ھەقتىكى نارازىلىق ئىنكاسلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى باستۇرۇش سىياسىتىدە بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى «ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر خەلق» دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەنلىكى، يەرلىك خەلقلەرنى ناخشا-ئۇسسۇل ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەدھىيەلەشكە مەجبۇرلاپ كەلگەنلىكى، دەل بۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلغان ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىدىكى ئۇيغۇر دوختۇرلارنىڭ مۇشۇنداق قىيىن شارائىتتىمۇ ئۇسسۇل ئوينىغانلىقى يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، دىنىي ئېتىقادىي بولغان بىر خەلقنىڭ ھاياتقا بولغان ئىشەنچ ۋە ئۈمىدۋارلىق روھىنى ئىپادە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

نيۇ-يوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا ئىلمى تەتقىقاتچىسى دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندىمۇ بىر دوختۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ئالدى بىلەن ئۇسسۇل ئوينىغان ئۇيغۇر ۋە قازاق دوختۇرلارنىڭ ۋۇخەندەك ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش خەۋپى ئېغىر بولغان رايونغا ياردەم نامىدا مەجبۇرىي ئەۋەتىلگەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ دوختۇرلارنىڭ ۋۇخەندىكى دوختۇرخانىدا ئۇسسۇل ئوينىشىنى پسىخىك جەھەتتىن قارىغاندا ئۆزىدىكى ئىشەنچ ۋە نورمال كەيپىياتنى ساقلاش ئۈچۈن ئېلىنغان بىر تەدبىر دەپ چۈشىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مەمەت ئىمىننىڭ قارىشىچە، ھازىرغا قەدەر مۇقىم بىر داۋالاش تەدبىرى بولمىغان ئۆتكۈر يۇقۇمغا قارىتا كىشىلەرنىڭ ئۈمىدۋار كەيپىياتتا بولۇشى ۋە بەدەن ساغلاملىقىنى ساقلىشى كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

دوختۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر دوختۇرلار ئۇسسۇل ئوينىغان بۇ كۆرۈنۈشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە تەشۋىق قىلىنىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ۋەھىمىسىگە قارىتا ئېلىنغان بىر تەدبىرى دېيىشكىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ۋەھىمە تۈپەيلىدىن خىتايدا ئېغىر ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى يۇقۇملىنىش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قامال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە يەنە خىتايدا كىشىلەرنى ئۈمىدلەندۈرىدىغان تەشۋىقات خەۋەرلىرىنىمۇ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت