«ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ۋەھىمىسى قاپلىغان ئۇيغۇر دىيارىدا مۇقىملىق ۋە يۇقۇملىنىشتىن مۇداپىيەلىنىش تەكىتلەنمەكتە

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.01.24
wuxen-wirusi.jpg ۋۇخەندىكى جىنيىنتىان دوختۇرخانىسىغا توشۇپ كېلىنگەن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار. 2020-يىلى 21-يانۋار. ۋۇخەن.
Social Media

2019-يىلى 12-دېكابىر بايقالغانلىقى ئېنىقلانغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى»، يەنى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى خىتاينىڭ چاغان مەزگىلىدە شىددەت بىلەن كېڭەيگەن. خىتايلار 2020-يىللىق چاغاننى ۋەھىمىلىك كەيپىياتتا كۈتۈۋالغان.

24-يانۋاردىكى خەۋەرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولغان 10 نەچچە شەھەر قامال قىلىنغان. 24-يانۋارغىچە مەزكۇر ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش خىتايدىكى 9 ئۆلكىگە كېڭىيىپ، 26 ئادەم «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن.

جۈملىدىن مىليونلىغان ئۇيغۇرلارلار لاگېرلارغا سولانغان، خىتايلاشتۇرۇش قەدىمى شىددەت بىلەن كۈچىيىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىمۇ بۇ يىللىق چاغاننى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن يۇقۇملىنىش ۋەھىمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان قورقۇنۇچلۇق كەيپىياتتا كۈتىۋالغان.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق دائىرىلەر 24-يانۋار يىغىن ئېچىپ، بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدە ھەم «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن يۇقۇملىنىشتىن مۇداپىيەلىنىش ھەم رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى تەكىتلىگەن.

23-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىمۇ ۋۇخەندىن كەلگەن ئىككى نەپەر خىتاي كادىرىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن يۇقۇملانغانلىق خەۋىرى ئاشكارىلانغان. 

24-يانۋاردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى جامائەت كەيپىياتىدا جىددىيچىلىكلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان. دائىرىلەرمۇ مەزكۇر يۇقۇملۇق كېسەل ھەققىدە جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغان خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىش، رايوندىكى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

«تەڭرىتاغ تورى» دا 24-يانۋار ئېلان قىلىنغان «ئاپتونوم رايون يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچتى» سەرلەۋھەلىك خەۋەردە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى جايلارنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇشنى تەكىتلىگەنلىكى بايان قىلىنغان.

پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن يۇقۇملىنىش ۋەھىمىسى ئەۋج ئېلىپ، جايلاردا مەزكۇر ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش تەكىتلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا رايوننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى. 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتايدا تارقالغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن يۇقۇملىنىش ۋەھىمىسى پۈتكۈل خىتاي ۋە خەلقئارادا دىققەت نۇقتىسى بولۇۋاتقان، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى تەھدىت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شارائىتتا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون دائىرىلەرنىڭ «كىشىلەردىكى ۋەھىمىلىك كەيپىياتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، رايوندا ھەرقانداق مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نى تەكىتلىشى «خەلقنىڭ ھاياتىغا قارىتا ئېغىر مەسۇلىيەتسىزلىك ۋە ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانلىق ئۆلچىمىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدۇر،» دېدى. 

دىلشات رىشىت يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلىدىن كېيىن رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرگە خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمىغا ئوخشاش خىتاي بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاش قىلمىشى بارغانچە ئەۋج ئالدى. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىكى دىنىي ۋە مىللى بايراملىرى چەكلىنىپ، رايوندا نەچچە مىليونلىغان يەرلىك خەلق لاگېرلارغا قامىلىپ، مىللى قىرغىنچىلىققا ئۇچراش بىلەن بىرلىكتە يەنە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىمۇ ئۇچرىماقتا.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.