گوللاندىيەدە «خەلقئارا سوتقا چاقىرىق - خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەش» ناملىق تەقلىدىي سوتلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2024.05.28
gollandiye-teqlidi-sot-1 گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ (گائاگا) شەھىرىدە ئېچىلغان «خەلقئارا سوتقا چاقىرىق - خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەش» ناملىق تەقلىدى سوتلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 23-ماي، گوللاندىيە.
Ngo Dei

گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ (گائاگا) شەھىرىدە 23-ماي كۈنى «خەلقئارا سوتقا چاقىرىق-خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەش» ناملىق تەقلىدى سوتلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان. خوڭكوڭ مەدەنىيەت-سەنئەت مۇنبىرى تەشكىللىگەن بۇ پائالىيەت، گوللاندىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيەنىڭ ۋەكىللىرى، تەتقىقاتچىلار، سەنئەتچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن.

گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ (گائاگا) شەھىرىدە ئېچىلغان «خەلقئارا سوتقا چاقىرىق - خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەش» ناملىق تەقلىدى سوتلاش پائالىيىتىدە ئەخمەتجان قاسىم ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 23-ماي، گوللاندىيە.

ئالدى بىلەن خوڭكوڭلۇق سەنئەتكار كەيسېي ۋوڭ سۆز قىلىپ: «دۇنيا مۇستەبىتلىككە كۆز يۇمماسلىقى كېرەك! بىز ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك!» دېگەن. ئارقىدىن 100 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق ئالىم، سەنئەتكار ۋە سۈرگۈندىكى خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەرنىڭ قاتنىشىشىدا «خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى سوتلاش» ناملىق تەقلىدى سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ «خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن سوتلاش» ئېلىپ بېرىلغان.

گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ (گائاگا) شەھىرىدە ئېچىلغان «خەلقئارا سوتقا چاقىرىق - خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەش» ناملىق تەقلىدى سوتتا بېشىغا خالتا كىيدۈرۈلگەن شى جىنپىڭنىڭ تەقلىدى. 2024-يىلى 23-ماي، گوللاندىيە.

تەقلىدى سوتتا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ياش سىياسەتچى ئەخمەتجان قاسىم ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شىكايەتچى، كانادادىكى خوڭكوڭلۇق خىتاي دېموكراتلىرىدىن بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلىق رولىنى ئورۇنلىغان. ئەخمەتجان قاسىم بۇ «تەقلىدى سوت» ھەققىدىكى تەپسىلاتلار ھەققىدە توختالدى.

دەنھاگتىكى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدىن يېرىم سائەت يىراقلىقتىكى دەنھاگنىڭ نيۇۋسپورت رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ تەقلىدى سوتتا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ۋەكىللىرى خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەن. گۇۋاھلىق بېرىش جەريانىدا، بىر قىسىم قاتناشقۇچىلار كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغان.

گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ (گائاگا) شەھىرىدە ئېچىلغان «خەلقئارا سوتقا چاقىرىق - خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەش» ناملىق تەقلىدى سوتلاش پائالىيىتى دۇنيا غەيرىي ماددىي-مەدەنىيەت مىراسلىرى كومىتېتى گوللاندىيە شۆبىسىنىڭ ۋەكىلى Kathleen Ferrier خانىم سۆز قىلماقتا. 2024-يىلى 23-ماي، گوللاندىيە.

ئەخمەتجان قاسىم يەنە، «ئۆزىنىڭ تەقلىدى سوتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى 1949-يىلى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تەقلىدى سوتتىن كېيىن، گوللاندىيە «دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» كومىتېتىنىڭ رەئىسى كاتلېئېن فېريېر(Kathleen Ferrier)، داڭلىق سەنئەتكار جېنس گالسچيوت(Jens Galschiot)، «پىكىر ئەركىنلىكى» كومىتېتىنىڭ ئەزاسى دوكتور ئېرىك ئوتتوۋېر(Eric Otto Wear)، گوللاندىيە «خىرىستىيان دېموكراتلار» پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى دېرىك بوسۋژېك( Derk Boswjik) قاتارلىقلارنىڭ قاتنىشىشىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېلىپ بېرىلغان.

گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ (گائاگا) شەھىرىدە ئېچىلغان «خەلقئارا سوتقا چاقىرىق - خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەش» ناملىق تەقلىدى سوتلاش پائالىيىتى ئاخىرىدا ئەخمەتجان قاسىم ۋە ئالئەركلەر گوللاندىيە «خىرىستىيان دېموكراتلار» پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى دېرىك بوسۋژېك بىلەن بىللە. 2024-يىلى 23-ماي، گوللاندىيە.

بۇ «تەقلىدى سوت ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» غا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئەخمەتجان قاسىم ۋە ۋە ئالئەرك ئابلىكىم قاتارلىق ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياش قاتناشقانىدى. ھەر ئىككىيلەن گوللاندىيە پارلامېنتى ۋە پارتىيەلىرى ئىچىدە يېتىلىۋاتقان ياش سىياسەتچىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى گوللاندىيەدىكى غوللۇق پارتىيەلەرنىڭ ئەزاسى ۋە ئۆزلىرى تەۋە پارتىيەلەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلار ئىدى. ئالئەرك ئابلىكىم بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا «دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ پەرقىنى شەرھىلەپ ئۆتكەن» بولۇپ، ئۇ، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ (گائاگا) شەھىرىدە ئېچىلغان «خەلقئارا سوتقا چاقىرىق - خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەش» ناملىق تەقلىدى سوتلاش پائالىيىتى ئاخىرىدا كۆپچىلىك بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتتە. 2024-يىلى 23-ماي، گوللاندىيە.

ئەخمەتجان بۇ ھەقتە يەنە «ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ كەلگۈسى ياشلار بىلەن داۋام قىلىدۇ، ياشلار بۇ دەۋانىڭ ئۈمىدى ۋە كېلەچىكى» دېدى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇق كۈرىشىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىدىغان ياشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قوللاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

بۇ يىغىندا، خوڭكوڭدا 5 يىل تۇرغان ۋە خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىشتەك تارىخىي جەريانىغا شاھىت بولغان، گوللاندىيە «دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» كومىتېتىنىڭ رەئىسى كاتلېئېن فېريېر سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى سىياسەتلىرى ۋە ئۇيغۇر، تىبەت خەلقىگە يۈرگۈزگەن باستۇرۇشلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئەخمەتجان قاسىم ۋە ئالئەرك ئابلىكىم پائالىيەت ئاخىرىدا يەنە، گوللاندىيە «خىرىستىيان دېموكراتلار» پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى دېرىك بوسۋژېك بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى خەتەرلىك ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.