ئابدۇللا ئالىم تۈركىستانى مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2013.09.27
abdulla-alim-fransiye-musulman-yighin.JPG سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن كەلگەن دوكتور ئابدۇللا ئالىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىمەكتە، 2013-يىل 31-مارت، پارىژ
RFA/Qutlan


ئابدۇللا ئالىم تۈركىستانى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ۋەتەنپەرۋەرلىكى بىلەن تونۇلغىنىدەك، ئەرەبلەر ئىچىدىمۇ ئۆزىنىڭ يۇقىرى بىلىمى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن تونۇلغان شەخسلەرنىڭ بىرى.

ئابدۇللا ئالىمنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن كەلگەنلەردىن بولۇپ، ئابدۇللا ئالىم ئۆزى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە تۇغۇلغان ۋە شۇ شەھەردە چوڭ بولغان. ئابدۇللا ئالىم سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھەرلىك پوچتا - تېلېگراف ئىدارىسىدە بۆلۈم باشلىقى بولۇپ يىگىرمە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىشلىگەننىڭ سىرتىدا، مەھسۇلات ۋە ئىش - پائالىيەتلەرنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى كۆتۈرۈش پروگراممىسى بويىچە خەلقئارالىق دىپلومغا ئېرىشكەن بولۇپ، ھەر قانداق جايدا لېكسىيە سۆزلەشكە روۇخسەت قىلىنغان مەخسۇس كېنىشكىسى بار. ھازىر ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ئىچىدە تەكلىپ بىلەن لېكسەىيە سۆزلەش بىلەن مەشغۇل بولماقتا. ئۇنىڭ سۆزلەيدىغان لېكسىيەسى قانداق قىلغاندا، ئىشنى تەلەپكە لايىق، سۈپەتلىك قىلغىلى بولىدۇ ۋە قانداق قىلغاندا ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بىلىم ساپاسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، دېگەن ماۋزۇلاردا بولماقتا. ئۆتكەن ھەپتە 18 - سىنتەبىر كۈنى ئۇستاز ئابدۇللا ئالىم سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تائىف شەھىرىگە قاراشلىق بىر رايوندىكى قۇرئان يادلىتىش جەمئىيىتىدە ئەرەبلەرگە لېكسىيە سۆزلەپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن ۋە مەخسۇس مۇكاپاتقا نائىل بولغان.

ئابدۇلكەرىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئۇستاز ئابدۇللا ئالىمنىڭ نۆۋەتتىكى لېكسىيەسىنى سۆزلەش سەپىرىدە بىرگە ھەمراھ بولغان ئابدۇكەرىم ھاجىم تۆۋەندىكىلەرنى سۆزلەپ بەردى: « مەلۇمكى مۇھەندىس ئابدۇللا ئالىم سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغان، ئۆز ئانا ۋەتىنىنى ئۇنۇتمىغان ئۇيغۇرلادىن بىرى، ھەم ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان تەۋەسىدىمۇ ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە نۇتۇقى بىلەن تونۇلغان كىشىدۇر. 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تائىف شەھىرىنىڭ ۋادى لەي ناھىيىسى دېگەن جايدا قۇرئان كەرىم يادلىتىش ئومۇمىي جەمئىيىتىنىڭ مەخسۇس مۇراسىمىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ لېكسىيەسىنى كادىرلارنىڭ سەۋىيەسىنى قانداق ئۆستۈرۈش ۋە ئىشنىڭ سۈپىتىنى قانداق ئۆستۈرۈش دېگەن ماۋزۇلاردا سۆزلەپ بەردى. لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارمۇ ناھايىتى مەمنۇن ھالدا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، ئاخىرىدا ئابدۇللا ئالىمغا مەخسۇس مۇكاپات تەقدىم قىلدى. ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى قۇرئان كەرىم يادلىتىش ئومۇمىي جەمئىيىتىنى قانداق قىلغاندا 21 - ئەسىرگە مۇناسىپ ھالدا تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى ۋە قانداق قىلغاندا ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ سەۋىيەسىنى ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە بولدى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.