ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا خىتاينىڭ ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش تەكىتلەندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.04.06
amerika-xitay-dokilat-305.png .ئاقساراي ئاخبارات كومىتىتىنىڭ باشلىقى مايك روجىرز ئەپەندى خىتاي تەھتىدى توغرىسىدا بايانات قىلماقتا
AFP

پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى شېرىكلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» ناملىق بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىن خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن نېمە ۋاسىتىلەرنى، قانداق ئۇسۇلدا ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى تونۇش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى قاتناشقان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 5-ئاپرېل كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى شېرىكلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا برۇكىڭ ئىنستىتۇتى، خەلقئارا ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقاتلار مەركىزى، ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى ۋە جېيمىس تاۋن فوندى قاتارلىق ئورگانلاردىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار ۋە دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى قاتناشقان. يىغىندا، خىتاينىڭ ياۋروپا ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەسىرى ئۈستىدە دوكلاتلار بېرىلگەن ۋە بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان.

يىغىندا ئالدى بىلەن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تالېنت ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئارقىلىق خىتاينىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانداق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ۋە بۇ ھەقتە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە «خىتاي ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچلەندۈرمەكتە. ئۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىلا مەقسەت قىلىپ قالماي، بەلكى رايوننىڭ ئامېرىكا باشچىلىق قىلىۋاتقان بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىنىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. خىتاي ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ بولۇشتەك ئورنىنى ئېلىشنىڭ پۇرسىتى كەلدى، دەپ قارىماقتا ۋە بۇ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىددەت بىلەن ھەرىكەت قىلماقتا» دېدى. 

كېڭەش پالاتا تالېنت خىتاينى ئاسىيا-تېنچ ئوكيان رايونىدىن چېكىندۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق رايوننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تېنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچلەندۈرۈشى ۋە رايون دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىنى كۈچەيتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

«خەلقئارا كارنېگ تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» نىڭ ياۋروپا ئىشلىرى بۆلۈم مۇدىرى ئېرىك برەتبېرگ خىتاينىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى مەبلىغى ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىنتايىن ئىستراتېگىيىلىك تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنىڭ دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلار تاللىغان ساھەلەر ئىنتايىن ئىستراتېگىيىلىك. مەيلى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلىرى بولسۇن ياكى دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلىرى بولسۇن ئۇلار ھەممىسى ئىنتايىن سەزگۈر ئورۇنلارنى، مەسىلەن يادرو ئېنىرگىيەسى، قاتناش، ئاساسىي ئەسلىھە ۋە تېلېفون-ئالاقە ساھەلىرىنى تاللىغان. خىتاينىڭ ياۋروپا بىلەن ياۋرو-ئاسىيا رايونىنىڭ سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان ‹بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسى› يەنىمۇ كۆپ خىتاي مەبلىغىنىڭ ياۋروپانىڭ ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىگىلىشىگە يول ئېچىپ بەرمەكتە.» 

برەتبېرگ ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 11 دۆلەت ۋە 6 بالقان دۆلىتى بىلەن بولغان ھەر تۈرلۈك سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان «16+1» ئىستراتېگىيىسىنىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارىتا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بىر تۇتاش سىياسىتىگە مۇتلەق خەۋپ پەيدا قىلىدۇ، دەپ ئەسكەرتتى ۋە ئۇنىڭغا خىتاينىڭ گرېتسىيە ۋە ۋېنگىرىيە دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رەت ھوقۇقىنى قوللىنىپ تۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەيىبلەش قاتارلىق قارارلارنى بىتچىت قىلغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ شەرقىي ۋە ئوتتۇرا ياۋروپادىكى تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكى، بۇ دۆلەتلەرگە «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ئىستراتېگىيەسىگە رەقىب بولالايدىغان باشقا بىر تاللاش سۇنۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

«ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كىرىستوفېر ۋالكېر ئەپەندى يىغىندا قىلغان سۆزىدە بولسا ئاساسلىق خىتاينىڭ دۇنيادا دېموكراتىيىسىگە كۆرسىتىۋاتقان سەلبىي تەسىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ۋە باشقا دېموكراتىك ئەللەر ئەينى چاغدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلسا، تەبىئىي ھالدا دېموكراتىيىنى قوبۇل قىلىدۇ، دېگەن بىر كۆز قاراش بىلەن ئۇنى دۇنيا سودا چەمبىرىكىگە ۋە قانۇنىي ئىنستىتۇتلارغا باشلاپ كىرگەن ئىدى، ھالبۇكى نەتىجە كۈتۈلگەننىڭ دەل ئەكسىچە بولۇپ، خىتاي ۋە باشقا دىكتاتور ئەللەر دېموكراتىيىگە تەھدىت قىلىشقا باشلىدى. خىتاي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئورنىغا ئۆزىنىڭ ھاكىممۇتلەق تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.»

ۋالكېر ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادا ئاممىۋى كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى، جۈملىدىن باشقا دۆلەتلەردىكى ئاممىۋى ئاخبارات، كىنوچىلىق قاتارلىق ساھەلەرگە مىلياردلىغان دوللار مەبلەغ سېلىپ، ئاممىۋى كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىشتە بەلگىلىك يول ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق ئاممىۋى چۈشەنچە ساھەسىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلغان، «كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى» ئارقىلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تالىشىشى ۋە خىتاي ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان سىياسەتلىرى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى چەكلىگەن. خىتاي بولۇپمۇ شەرقىي ۋە ئوتتۇرا ياۋروپادىكى دېموكراتىيىنى يېڭى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەرنى ئاساسىي نىشان قىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يېڭى بىخلىنىۋاتقان ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە سەلبىي تەسىر پەيدا قىلغان. ۋالكېر ئەپەندى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكىنىڭ دەرھال بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشى ۋە ئۇلارغا خىتاي تەھدىتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىشى، خىتاينىڭ دۇنيادىكى تەشۋىقات قاناللىرىنىڭ كېسىپ تاشلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. 

يۇقىرىدىكى تەتقىقاتچىلار يىغىندىكى مۇنازىرىلىرىدە، ھازىر ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا خىتاي تەھدىتىنىڭ ئوخشاش دىققەت قوزغاۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىدىكى خىتاي ھەققىدە بولۇۋاتقان مۇنازىرىلەرنىڭ ياۋروپا ئەللىرىدىمۇ ئوخشاشلا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ خىتايغا قارشى ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى، بىرلىك بولۇپ تەدبىر ئېلىشى ئۈچۈن ياخشى بىر سىگنال» دېدى.

تەتقىقاتچىلار سۆزىدە يەنە، دۇنياغا خىتاي مودېلى تەرەققىياتىنىڭ كۆرۈنگەندەك پارلاق بىر تەرەققىيات ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈشنىمۇ خىتاينىڭ تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم بىر ۋاسىتە، دەپ كۆرسەتتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، دۇنيا دۆلەتلىرى بولۇپمۇ ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلمىغان ياكى ئاز تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر خىتاينىڭ قىسقىغىنە 30 يىل ئىچىدىكى زور ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھەۋەس قىلغاچقا، خىتاي مودېلىنى قوبۇل قىلىشنى توغرا، دەپ قارايدىكەن، شۇڭا بۇمۇ خىتاينىڭ ئىتتىكلا بۇ دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشىگە يول ئېچىپ بەرگەن. شۇڭا تەتقىقاتچىلار تەكلىپىدە، ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى، جۈملىدىن، خىتاينىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئارقىسىدا تۆلەنگەن ئېغىر بەدەللەرنى مەسىلەن، دۆلەتتىكى چىرىكلىك، ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىشى، ئاممىۋى جەمئىيەتنىڭ باستۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ياخشى تونۇتۇپ، «خىتاي مودېلىنىڭ ساغلام بىر تەرەققىيات يولى ئەمەسلىكىنى بۇ دۆلەتلەرگە تولۇق كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك»، دېدى. 

يىغىندا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھەقىقەتەن ئۆزگەرتىش، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىلگىرىكى خاتا چۈشەنچىلەردىن ۋاز كېچىپ، خىتايغا قارىتا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈلۈشى كېرەكلىكى، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتە ئۆز ئارا بىرلىك ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدا باشلامچىلىق رولى ئوينىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقى قاتارلىق مۇھىم تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.