مېلبورندىكى ئامېرىكا باش كونسۇلى ئاۋستىرالىيە شەرقىي تۈركسىتان جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019.03.06
awstraliye-amerika-konsuli.jpg ئاۋسترالىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىسى مايكول كلاينې (Michael kleine) باشچىلىقىدىكى ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى. 2019-يىلى 6-مارت.
RFA/Arslan

6-مارت چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ مېلبورۇن شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى مايكول كلاينې )Michael kleine( باشچىلىقىدىكى 2 كىشىلىك ھەيئەت ئادېلايد شەھىرىدىكى ئاۋىستىرالىيە شەرقىي تۈركسىتان جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلغان.

ئامېرىكا كونسۇلى مايكۇل كلاينې باشچىلىقىدىكى بۇ ھەيئەتنى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى، مۇستاپا تۇران قاتارلىق ئاۋستىرالىيە شەرقىي تۈركسىتان جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پېشقەدەم جامائەت ئەربابىي ئەخمەت ئىگەمبەردى قاتارلىقلار قىزغىن كۈتۈۋالغان. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار تەلەپ ۋە دوكلاتلار سۇنۇلغان.

بىز بۇ ئۇچرىشىش توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئاۋستىرالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى باش كاتىپى مۇستاپا تۇران، ئادېلايدتا ياشاۋاتقان پېشقەدەم زاتلاردىن ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئامېرىكا كونسۇلىنىڭ ئادېلايدتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش تارىخىي ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولدى، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ۋەتىنىمىزدىكى ئېغىر ۋەزىيەتلەر ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە قىلىۋاتقان زوراۋانلىقلىرىغا قارشى ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى غەرب ئەللىرى جىددىي ئىنكاسلارنى بىلدۈردى. بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى بىلىش ئۈچۈن مېلبورۇن شەھىرىدىن كەلگەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ مېلبورۇندىكى باش كونسۇلى مايكول كلاينې باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت بىلەن ئۇچراشتۇق. مەن ئويلايمەن، بۇ بىر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇچرىشىش بولدى.»

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكانىڭ مېلبورۇندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى مايكول كلاينې ئەپەندى ئۇلاردىن ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ دەلىل ئىسپاتى توغرۇلۇق ماتېرىياللارنى تەلەپ قىلغان. باش كونسۇل يەنە ئۇلاردىن خىتاينىڭ ئاۋستىرالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىچىلىك سالغان ئەھۋاللارنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغان ۋە شۇنداقلا ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قايسىي دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى سورىغان.

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى بۇ ئۇچرىشىشتا باش كونسۇلغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەييارلانغان دوكلات ۋە تەلەپنامىلەرنى باش كونسۇلغا بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مايكول ئەپەندىدىن ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە تېخىمۇ جىددىي ھالدا ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باش كونسۇل مايكول كلاينې خىتايدىن باشقا دۆلەتلەر بىلەن خىتاي مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشكەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن.

ئاۋستىرالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى مۇستاپا تۇران ئەپەندى باش كونسۇلغا ئۇيغۇر دىيارىدا زۇلۇمنىڭ چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ خەلقئارالىق بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۇنياسىنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئادېلايدتىكى ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى زۇلپىيە ئابدۇللا خانىممۇ بۇ ئۇچرىشىش توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ، ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مۇھىم مەزمۇنلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.