گوللاندىيە، نورۋېگىيە ۋە شىۋېتسىيەدە «بارىن ۋەقەسى» نىڭ 28 يىللىقى خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.04.06
shiwisiyede-barin-weqesi-xatirilendi-2018.jpg شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار جۈمە خۇتبىسىدە «بارىن ۋەقەسى» نى خاتىرىلىدى. 2018-يىلى 6-ئاپرېل. سىتوكھولم، شىۋېتسىيە.
RFA/Ekrem

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 5-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن گوللاندىيەنىڭ دەنخاگ شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا «بارىن ۋەقەسى» نىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. نامايىشنى گوللاندىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» ئۇيۇشتۇرغان.

نامايىشقا قاتناشقان يەنە بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئەر-ئايال ۋە بالىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. ئۇلار خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ھەر خىل شوئارلارنى توۋلاپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى ئىپادە قىلغان. 

نامايىش ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدە توختالغاندا: «بارىن شېھىتلىرىنىڭ قېنى ھەرگىز يەردە قالمايدۇ،» دېدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، گوللاندىيەدىكى ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 5-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تىلغا ئالدى.
5-ئاپرېل ۋە 6-ئاپرېل كۈنلىرى شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ «بارىن ۋەقەسى» نىڭ 28 يىللىقىنى ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردا خاتىرىلىگەن.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئەپەندىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا، نورۋېگىيەدە بارىن شېھىتلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغان. شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى جۈمە نامىزى خۇتبىسىدە بارىن شېھىتلىرى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان.

5-ئاپرېل كۈنى «بارىن ۋەقەسى» نىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى گوللاندىيەدىن سىرت، يەنە گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردىمۇ ئېلىپ بېرىلغان.
گوللاندىيەدىكى نامايىش نەق مەيدانىدىن يېتىپ كەلگەن ئاۋازدا نامايىشقا 2 سائەت ۋاقىت قالغاندا نامايىشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بىراق زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، نامايىشنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەكلەنمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.