ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «دىجىتال تەقىبلەش» قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان ئىككى خىتاي شىركىتىنى چەكلىدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇ ئىككى شىركەتنىڭ مەھسۇلاتىنى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت، دېگەن سەۋەب بىلەن چەكلىگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ «2017-يىللىق دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى» نى ئېلان قىلماقتا. 2018-يىلى 18-دېكابىر، ۋاشىنگتون.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرى يېقىندا بىردەك قانۇن ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «دىجىتال تەقىبلەش» سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا نۇرغۇن قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشىغا ھەمكارلىشىۋاتقان ئىككى خىتاي تېخنىكا شىركىتىنى چەكلىگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇ ئىككى شىركەتنىڭ مەھسۇلاتىنى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت، دېگەن سەۋەب بىلەن چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر بۇ چەكلىمە «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا يانتاياق بولۇۋاتقان» يۇقىرىقى ئىككى شىركەتنىڭ تىجارەت پائالىيىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەزكۇر قانۇن ماددىسى ئەسلى بۇ يىل 5‏-ئايدا ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇداپىئە قانۇن لايىھىسى تەكلىپىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. لېكىن، بۇ كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇداپىئە قانۇن لايىھىسىدە تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى. 

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ئەھۋال خەيكاڭ ۋە داخۇئا شىركەتلىرى ھەققىدىكى بۇ قانۇن تەكلىپى بەلكى ئىككى پالاتا ئۆز ئارا مۇرەسسەلەشكەندە چىقىرىۋېتىلىشى مۇمكىن، دېگەن ئۈمىد پەيدا قىلغانىكەن. لېكىن ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسى دۆلەت مۇداپىئە قانۇنىنى مۇزاكىرە قىلغاندا يۇقىرىقى ئىككى شىركەتنىڭ مەھسۇلاتىنى چەكلەش توغرىسىدىكى بۇ ماددىنى بىردەك قوبۇل قىلغان. مەزكۇر قانۇن ماددىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 2‏-ئاۋغۇست كۈنى ماقۇللىغان 716 مىليارد دوللارلىق 2018-2019‏-يىللىق مۇداپىئە قانۇنىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

كۆزەتكۈچىلەر پرېزىدېنت ترامپنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى پات يېقىندا ئىمزالىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. قانۇن ماددىسىدا «جەمئىيەتنىڭ سالامەتلىكى، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ۋە باشقا دۆلەت بىخەتەرلىك ئامىللىرىنىڭ كۆزدە تۇتۇلۇپ» داخۇا، خەيكاڭ شىركەتلىرى ھەم ئۇلارغا قاراشلىق ياكى ئۇلارغا باغلىنىشلىق ھەرقانداق بىر ئورۇننىڭ مەھسۇلاتى چەكلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 

ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن قارىغاندا خەيكاڭ ۋە داخۇا شىركەتلىرىدەك ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ ئامېرىكىدا سېتىلىشى بىر ئەخلاقىي مەسىلە ئىكەن. 

ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭ بۇنىڭغا ئوخشاش يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىبلەش سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ماكانى. مانا مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ بۇ رايوندا ھەر خىل سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىلىرىنى ئەركىن تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ سەۋەبى. چۈنكى بۇ رايوندا باشقا دۆلەتلەردىكىدەك شەخسىي مەخپىيەتلىككە ئەمەل قىلىش ياكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ باشقا شەكىللىرىگە ئەمەل قىلىش، دېگەن ئەندىشە بولمايدۇ. مەھسۇلاتىڭىزنى بۇ يەردە سىناپ باشقا دۆلەتلەرگە ساتىسىز. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا بۇ يەردىكى مەسىلە 'شىنجاڭدەك رايونلاردا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ خىتاي شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنى ئىلغاركەن، دەپ سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشى مۇۋاپىق بولامدۇ؟».

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خەي كاڭ شىركىتى بىلەن داخۇا شىركىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىجىتال بىخەتەرلىك سىستېمىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش پىلانىدىن ئەڭ زور پايدىغا ئېرىشىۋاتقان شىركەتلەر ئىكەن. بۇ ئىككى شىركەت يېقىنقى بىر يېرىم يىل ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ دىجىتال بىخەتەرلىك سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ئائىت 11 خىل قۇرۇلۇش تۈرى بويىچە جەمئىي بىر مىليارد 200 مىليون دوللارلىق ھۆددىگەرلىك توختامىغا ئېرىشكەن. بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپى 2017‏-يىلى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، شۇ يىلى بۇ ئىككى شىركەتنىڭ يىللىق دارامىتى 30-40 پىرسەنت ئۆسكەن. 

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يۇقىرىقى ھادىسە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئامېرىكىنىڭ سودا ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى ئىنسانلار بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇنى پەقەتلا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى دەپ چۈشەندۈرۈش بەك پايدىلىق ئەمەس. بۇنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە باغلىنىشلىقى بار بىر مەسىلە، دەپ كۆرسىتىش كېرەك. سەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرغۇزۇشتا بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقساڭ سەن ئارزۇ قىلغاندەك نەتىجىگە ئېرىشەلەيسەن، دەپ بۇنى ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىسى بار ئورتاق مەسىلە قىلىپ كۆرسەتسە، ئۇنىڭدىن بىر ئۈنۈم چىقارغىلى بولىدۇ». 

لېكىن، نۇرىي تۈركەلنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھازىر ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسىغا تايانماي تۇرۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى تېخنىكا ئارقىلىق باستۇرۇشقا يېتەرلىك كۈچى باركەن. نۇرىي تۈركەل، شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىگە تىجارەت ئەخلاقى ھەققىدە كۆپرەك بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكىنىڭ شىركەتلىرى بۇنىڭغا قاندا قانداق قارايدۇ، دېگەندە بىزدىن ئالسا، بىز بەرسەك، بىز ئۇنىڭ بىلەن تىجارەت قىلساق مەلۇم دەرىجىدە ئۇنى كونترول قىلىپ تۇرالايمىز. بىز ساتمىساق ئۇنى رۇسىيە ساتىدۇ، يەنە بىرى ساتىدۇ، دېگەن ئاشۇنداق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ئەھۋال بار. لېكىن ۋاقتى كەلگەن چاغدا خىتاينىڭ شەرتلىرىگە بويسۇنۇۋاتقان ئەھۋال مەۋجۇت. ھازىر خىتايلار تېخنىكا جەھەتتە ئامېرىكىغا تايانماي تۇرۇپمۇ ئۇيغۇرنى يوقىتىشقا يېتەرلىك تېخنىكىسى بار. شۇڭا، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇلارنى توختىتىدىغانغا ئالاھىدە سەۋەبى يوق. لېكىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت مەجلىسى ئارقىلىق ئامېرىكا شىركەتلىرىگە تىجارەت ئەخلاقىنى كۆپرەك تەشەببۇس قىلىشى كېرەك». 

خەۋەرلەردە بايان قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ يالغۇز يەكەن ناھىيىسىدىكى دىجىتال بىخەتەرلىك قۇرۇلۇش تۈرىدىن ئالغان پايدىسى 686 مىليون دوللارغا يېتىپ بارىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىگە 300 مىڭ كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش قۇرۇلۇشى خەيكاڭ شىركىتىگە بېرىلگەن بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۆزىلا 79 مىليون دوللارغا يارايدىكەن. دائىرىلەر يەنە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋىدېيو كۆرۈنۈشلىرىنى ئانالىز قىلىش مەركىزى، ئەقىللىق نازارەت سىستېمىسى، چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى، ساقچى پونكىتلىرىنى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىقلار دىجىتال بىخەتەرلىك قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى بۇ شىركەتلەرگە ھۆددىگە بەرگەن. 

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قانۇن لايىھىسى خەيكاڭ ۋە داخۇا شىركەتلىرىنىڭ سودىسى ۋە پاي چېكىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. لېكىن، بەزى ئانالىزچىلار بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ئامېرىكا بازىرىدىن چەكلىنىشى ئۇنىڭ خەلقئارا بازاردا قاتتىق زەربىگە ئۇچراپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىشىغا يول ئېچىشىنى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.