د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا «خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول پىلانىنىڭ پايدىسىز تەسىرى» ناملىق يىغىنغا قاتناشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.08.11
Dolkun-Eysa-1belwagh-1yolgha-qarshi-yighinda.jpg د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا «خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول پىلانىنىڭ پايدىسىز تەسىرى» ناملىق يىغىندا. 2017-يىلى 11-ئاۋغۇست.
RFA/Ekrem
8-ئاينىڭ 11-كۈنى بېرلىندا «خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول پىلانى ۋە ئۇنىڭ بەلۇجىلارغا ۋە رايونغا بولغان پايدىسىز تەسىرى» ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.


قەشقەردىن گۋادار پورتىغىچە بولغان تاش يول، تۆمۈر يول، گاز تۇرۇبا يولى ۋە ئېلېكتر ئەسلىھەلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى 50 مىليارد دوللارغا يېقىن مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» نىڭ جان تومۇرى سانالغان بۇ رايوندا ئۇيغۇرلار، بەلۇجىلار ۋە سىندھلار ياشايدۇ. بۇ قۇرۇلۇش خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تىلغا ئالغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر بۆلىكى بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر خىتايدىن تاكى ياۋروپاغىچە تۇتىشىدىغان «يېڭى يىپەك يولى» نامىدىكى بۇ پىلاننىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىلا بىر تالاي زىددىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىدى. بۇ زىددىيەتنىڭ تۈگۈنىدىكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بەلۇجىلار، يەنى بالۇچىستانلىقلاردۇر. 

د ئۇ ق باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول پىلانى ۋە ئۇنىڭ بالۇچلارغا ھەم بۇ رايونغا بولغان پايدىسىز تەسىرى» ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، «خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول پىلانىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان تەسىرى» تېمىسىدا دوكلات تەقدىم قىلغان. 

مەزكۇر يىغىننى مەركىزى لوندوندا بولغان «بېلۇجى مىللىي ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلغان بۇ يىغىن ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا «يىغىننىڭ مەقسىتى، خىتاينىڭ ئىمپىرىيالىستىك كۈنتەرتىپىگە ئائىت مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش، ئىشغال ئاستىدىكى بالۇچىستان ۋە ئۇ ئۇچراۋاتقان بېسىملارغا قارشى كۈرەش قىلىش، شۇنداقلا خىتاي ئىمپىرىيالىستلىرىنىڭ ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› پىلانىنىڭ سەلبىي ئاقىۋەتلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتىن ئىبارەتتۇر» دېيىلگەن. 

ئۇقتۇرۇشتا يەنە، «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى پىلانى» ئىمزالانغاندىن كېيىن، بالۇچىستاندا قانلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكى ۋە ھېلىمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ تېخىمۇ جىددىي ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك، بۇ ئىقتىسادىي كارىدۇر لىنىيىسىدىكى كۆپلىگەن يېزا-قىشلاق ۋە شەھەرلەر ئاھالىسىنىڭ كۆچۈشكە مەجبۇرلىنىپ، نۇرغۇنلىغان ئىنساننىڭ بالۇچىستان ۋە سىندھنىڭ باشقا رايونلىرىغا كۆچۈشتەك ۋەيرانچىلىقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى» بايان قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «نۇرغۇنلىغان بەلۇجىلارنىڭ تۇتۇپ كېتىلىپ غايىب بولغانلىقى، يەنە نۇرغۇنلىغان ئىنساننىڭ پاكىستان ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى» ئەسكەرتىلگەن. 

مەلۇم بولغىنىدەك، بەلۇجىلارنىڭ ۋەتىنى بولغان بالۇچىستان بولسا پاكىستاندىكى ئىران بىلەن ئافغانىستانغا تۇتاشقان ئىستراتېگىيىلىك ئورنى مۇھىم بىر رايون. پاكىستاندىكى 4 چوڭ ئۆلكىنىڭ بىرى بولغان بالۇچىستانلىقلار 13 مىليون نومۇسقا ئىگە. بەلۇجىلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدىن نارازى بولۇپ، مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھازىرغا قەدەر داۋاملاشماقتا. 

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندا سۆز قىلغاندا، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇستەملىكىچىلىكنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەتبۇئاتلاردا بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئىراندىن ئالىدىغان نېفىت مەھسۇلاتى بالۇچىستاننىڭ گۋادار پورتىدىن ئۆتۈپ، شاڭخەيگىچە يەتكۈزۈلىدۇ. خىتاينىڭ 60% نېفىت ئېھتىياجىنى قامدايدىغان توشۇش مۇئەسسەسىلىرى مۇقەررەر بېسىپ ئۆتۈشى لازىم بولغان گۋادار پورتىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى 2002-يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاينىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن. بەلۇجىلار بۇنىڭدىن نەپ كۆرمىگەن.

«بەلۇجى مىللىي ھەرىكىتى» تەشكىلاتى باياناتچىسىنىڭ ئوچۇقلىمىسىغا ئاساسلانغاندا، گۋادار پورتى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى داشت، بال نەگۋار، گومازى قاتارلىق جايلاردا پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ ۋەھشىي قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەن. شۇنداقلا شاھراك، شاپۇك، ھوشاب، تىجابان، بائالگاتار، پاروئوم، ئاۋاران، ۋاشۇك ۋە كھاران قاتارلىق رايونلار ئاللىقاچان ھەربىي گازارمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. بۇ يەرلەرگە ئەسكىرىي تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، مىڭلىغان ھەربىيلەر جايلاشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ زوراۋانلىقى سەۋەبلىك 300 مىڭدىن ئارتۇق يەرلىك ئاھالە مەجبۇرىي تارقاقلاشتۇرۇلغان. بەلۇجىلارنىڭ مەقسىتى، يۇقىرىقى پاكىتلار ئارقىلىق خىتاي ۋە پاكىستان كۈچلىرىنىڭ بۇ ئىقتىسادىي كارىدور سەۋەبلىك بېلۇجى خەلقىگە سېلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى دۇنيا جامائىتىگە بىلدۈرۈش، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنىڭ سەلبىي ئاقىۋەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش بولغان. 

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئاخىرقى بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان بەلۇجىلارنىڭ ب د ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» سىياسىتىگە قارشى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، بەلۇجىلار، سىندھلار ۋە پاكىستاندىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. 

مەلۇمكى، بالۇچىستانغا قوشنا بولغان سىندھلارنىڭ نوپۇسى 56 مىليون بولۇپ، بۇلارمۇ يىللاردىن بۇيان پاكىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىسيانلار قىلىپ كەلگەن. سىندھلارنىڭ ئەندىشىسىگىمۇ خىتاي مۇستەملىكىسىنىڭ تەھدىتى سەۋەب بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.