جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى «ميۇنخېن تۈرك مەدەنىيەت مەركىزى» دە ئاڭلىتىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.02.18
turghunjan-alawudun-olimalar.jpg د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى «ميۇنخېن تۈرك مەدەنىيەت مەركىزى» دە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇماتلار بەرمەكتە. 2019-يىلى 17-فېۋرال.
RFA/Ekrem

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى «ميۇنخېن تۈرك مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ تەلىپىگە بىنائەن جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ۋە د ئۇ ق فوندىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىلەر تەكلىپكە بىنائەن 17-فېۋرال كۈنى مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان «ميۇنخېن تۈرك مەدەنىيەت مەركىزى» گە بېرىپ، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇماتلار بەرگەن.

«شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى قانداق؟ تۈركىيە نېمە قىلىشى كېرەك؟» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مەلۇمات بېرىش يىغىنىنى «ميۇنخېن تۈرك مەدەنىيەت مەركىزى» تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تۈرك جامائىتىگە تېخىمۇ ئەتراپلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى تەكلىپ قىلغان. تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ يىغىندا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.

«ميۇنخېن تۈرك مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ رەئىسى ئايۇپ تەنرىۋەردى ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا «ئۆزىمىزنىڭ ھەرقاچان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا بولغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇردۇق» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئانا ۋەتىنىمىز تۈركىيەدىن مىڭلارچە كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇشىغا قارىماي، يۈرىكىمىزنىڭ بىر پارچىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئاتا ۋەتىنىمىزدۇر. شەرقىي تۈركىستان قەشقەرلىك مەھمۇتنىڭ ۋەتىنى، شەرقىي تۈركىستان يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ ۋەتىنى، شەرقىي تۈركىستان سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ ۋەتىنى، شەرقىي تۈركىستان تۈرك-ئىسلام مەدەنىيىتى يارالغان ۋە تارقالغان بىر تۇپراقتۇر. بۇ تۇپراققا ئىگە چىقىش بارلىق تۈرك ئەۋلادىنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر.»

ئايۇپ تانرىۋەردى ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسكى، بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئېزىلمەكتە، ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچرىماقتا، ھەتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئاخىرقى ئايلاردىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئېچىنىشلىق خەۋەرلەرنى ئاڭلىماقتىمىز. بىز ميۇنخېن تۈرك مەدەنىيەت مەركىزى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۈگۈنكى بۇ پروگراممىنى ھەر ۋاقىت شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم جاكارلاش مەقسىتىدە ئالاھىدە ئۇيۇشتۇردۇق.»

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ميۇنخېندىكى ھەر ساھە تۈرك جامائىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلىرىنىڭ مەركىزى ئورگىنى بولغان «ميۇنخېن تۈرك مەدەنىيەت مەركىزى» يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي كۈرەشلىرىگە يار-يۆلەكتە بولۇپ كېلىۋاتقان بىر تەشكىلات بولۇپ، ئالدىنقى ئايلار ۋە ھەپتىلەردە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان ھەمدە «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقىمۇ قاتنىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

«ميۇنخېن تۈرك مەدەنىيەت مەركىزى» دە ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى قانداق؟ تۈركىيە نېمە قىلىشى كېرەك؟» ناملىق بۇ يىغىنىغا قاتناشقان د ئۇ ق فوندىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندى يىغىندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەمەلىي ۋەزىيىتىدىن ئەتراپلىق مەلۇماتلار تەقدىم قىلىپ، تۈرك جامائىتىنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاخىرقى ئايلاردىن بۇيان ياۋروپادىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈش، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ياۋروپا مىقياسىدا يەنە خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كېڭىيىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.