گېرمانىيە پارلامېنتى تارىخىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى تۇنجى قېتىم مۇزاكىرە قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىلھام
2018.11.16
margareta-bawze-305.jpg مارگېرىتا باۋزې خانىم 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئۈچ يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشىدا نۇتۇق سۆزلىمەكتە. 2012-يىلى 5-ئىيۇل. گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

يېقىنقى ئايلاردىن بېرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسان ھەقلىرى خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان شەخسلەر، جەمئىيەتلەر ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەردە ئەمەلىي ھېسداشلىقلارغا ۋە قوللاشقا ئېرىشمەكتە.

مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قەرەللىك كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق 14 دۆلەت تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن گېرمانىيە فېدېرال پارلامېنتىدا مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ ئەتىگەنلىك ناشتا مۇزاكىرىسىنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولدى.
گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە نەقەدەر كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى 8-نويابىردا تېخىمۇ ئوچۇقچىلىققا چىقتى. گېرمانىيە فېدېرال پارلامېنتى خىتاينىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا قارىماي شۇ كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان نۆۋەتتىكى قاتتىق باستۇرۇش تەقىپلىرىنى مۇزاكىرىگە قويدى. ئارقىدىن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خايكو مائاس ئۆزىنىڭ ئۆتكەن يەكشەنبە كۈندىن باشلاپ خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تارىخىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ يېڭىلىقلار ئۆتكەن ھەپتىدىن بېرى گېرمانىيەدىكى ھەر خىل گېزىتلەر، رادىئو-تېلىۋىزىيە قاناللىرى، تور بەتلىرى ۋە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئەڭ كۆپ ئورۇن ئالغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 8 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە گېرمانىيە فېدېرال پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پېترا پائۇ خانىم يېشىللار پارتىيەسى تەرىپىدىن تەييارلانغان «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى توختىتىش، ئېنىقلاش ۋە جازالاش» دېگەن تېمىدىكى ئىلتىماسنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلدى.

ئارقىدىن يېشىللار پارتىيەسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى مارگارېتا بائۇزې خانىم ئۆز پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن سۆزگە چىقىپ، ئىلتىماسنى پارلامېنت ۋەكىللىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى. 

گېرمانىيەدىكى كۈچلۈك پارتىيەلەردىن يېشىللار پارتىيەسى تەرىپىدىن تەييارلانغان بۇ ئىلتىماس گېرمانىيە دۆلەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ رەسمىي شەكىلدە ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورگىنى بولغان پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئىدى.
ماگارېتا بائۇزې خانىم مۇنبەرگە چىقىپ، ئەمەلىي مىساللار بىلەن باشلانغان ئىلتىماسىنى سۇنۇپ، مۇنداق دېدى: 

«پرېزىدېنت خانىم، خىزمەتداشلىرىم! 

- راھىلە داۋۇت، 52 ياش، خەلقئارادا تونۇلغان پروفېسسور. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.

- پەرھات تۇرسۇن، 49 ياش، ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى، ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئورۇن بەرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.

- ئىلھام تۇردى، ئارخىتېكتور، ئامېرىكا پۇقراسى بولغان بىر قىز بىلەن توي قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.

- ئىرفان ھېزىم، 19 ياش، ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان پۇتبولچى، پۇتبول كوماندىسى بىلەن بىرگە چەتئەلگە چىققانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.

- مۇيەسسەر مۇھەممەت، 37 ياش، ئۈچ پەرزەنتنىڭ ئانىسى، قازاقىستان ۋەتەنداشلىقىغا ئىلتىماس قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.

خىزمەتداشلىرىم، بۇ ئىسىملار پەقەت خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى شىنجاڭدا رەھىمسىزلەرچە ھېچقانداق قولغا ئېلىش بۇيرۇقى بولماستىن، سوت ئېچىلماستىن، ئادۋوكات ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا خەۋەرمۇ بېرىلمەستىن جازا لاگېرىغا قامالغان بىر مىليوندىن كۆپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى.»

بائۇزې خانىم ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كۈنىمىزدە بۇ زېمىننىڭ ھەقلىق ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر لاگېر دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ؛ «مەن سىلەرنىڭ بۇ خىل ئېغىر دەرىجىدىكى ئىنسان ھەقلىرىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىڭلارنى ۋە بۇ ھەقتە ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن،» دېدى.

ھەرقايسى پارتىيەلەردىن سايلانغان پارلامېنت ئەزالىرى ياڭراتقان ئالقىش سادالىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئۈزۈلۈپ قالغان بۇ دوكلاتتا بائۇزې خانىم ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ، لاگېرلارنى تاقاش، جىنايەتچىلەرنى ئېنىقلاش ۋە ئۇ جىنايەتچىلەرنى جازالاشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئېيتتى. 

ئىلتىماستا ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈرلۈك زوراۋانلىق، زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىكلەر ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۆۋەندىكىدەك ئۈچ ئىشنى ئالاھىدە تەلەپ قىلىشى تەكىتلەنگەن:

1. ئۇيغۇر دىيارىغا تەرەپسىز كۆزەتكۈچى ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ كىرىشىگە يول قويۇش، ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى رەھىمسىزلەرچە تۈركۈملەپ قولغا ئېلىشنى دەرھال توختىتىش.

2. بارلىق لاگېر ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنى تاقاش، تۇتقۇنلارنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىش.

3. يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ئىلھام توختى قاتارلىق بىر قاتار زىيالىيلارنى قويۇپ بېرىش، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئاىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش.

بائۇزې خانىم ئىلتىماسىنى «بېيجىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن تۆۋەن ئورۇنغا قويۇشى مۇمكىن. ئەمما، گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئۈچۈن ئىنسان ھەقلىرى بىباھادۇر» دېگەن جۈملە بىلەن ئاياغلاشتۇردى.

ئىككىنچى بولۇپ سۆزگە چىققان خرىستىئان دېموكراتلار بىرلىكى ۋە خرىستىئان سوتسىيالىستلار بىرلىكى ۋەكىلى مىخائېل براند ئەپەندى خىتاينىڭ غەرب ئەللىرىگە ئىقتىسادىي زوراۋانلىق ئىشلىتىپ قالماستىن، بەلكى غەرب ئەللىرىنىڭ ئەركىنلىك سىستېمىسىغىمۇ ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ياۋروپانىڭمۇ «يېڭى يىپەك يولى» تېمىسىدا بىر ئىستراتېگىيەگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق ئۇزۇن مەزگىل ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 

ئۇ دوكلاتىدا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا رەھىمسىزلىك بىلەن يولغا قويۇلۇۋاتقان ھەر خىل زوراۋانلىق ھەم قىيناش ئۇسۇللىرىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇنداق ئەسەبىي، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلارنى پاش قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. 
ئۇ يەنە كېلەر ئاينىڭ باشلىرىدا گېرمانىيە ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىنسان ھەقلىرى سۆھبىتىگە گېرمانىيەنىڭ تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن مەخسۇس تەييارلىق قىلىشى ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇئامىلىدە يېڭى بىر دەۋر ئېچىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ يەنە يېشىللار تەرىپىدىن سۇنۇلغان ئىلتىماسنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى يېتەرلىك، ئەستايىدىللىق بىلەن تەييارلانغانلىقىنى، خرىستىئان دېموكراتلار بىرلىكى ۋە خرىستىئان سوتسىيالىستلار بىرلىكىنىڭمۇ كېلەر يېرىم يىللىق ئىنسان ھەقلىرى پىلانىنى «دىنىي ئەركىنلىك: خىتايدىكى دىنغا ئىشىنىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى» دېگەن تېمىدا تۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى بىلدۈردى.

ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە گېرمانىيە ئۈچۈن ئالتېرناتىف پارتىيەسى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە باشقا پارتىيەلەرنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى ۋەكىللىرى ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلىپ، يېشىللار پارتىيەسى تەييارلىغان ئىلتىماسنى قوللايدىغانلىقىنى، گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىدە ھەرگىزمۇ كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت مەڭگۈلۈك قىممەتنى قۇربان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئەسلىدە 38 مىنۇت ۋاقىت بېرىلگەن «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى توختىتىش، ئېنىقلاش ۋە جازالاش» تېمىسىدىكى ئىلتىماس مۇزاكىرىسى 48 مىنۇت داۋاملىشىپ تولىمۇ قىزغىن مۇنازىرىلەرگە سەھنە بولدى.

بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسادىن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تارىخىدا كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئەھۋالى ھەققىدە كۆزقاراشلىرىنى سورىدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ گېرمانىيە پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن گېرمانىيەنىڭ شۇنداقلا غەرب دېموكراتىك دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئىجابىي قەدەملەر ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.