گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاينىڭ ئېتىرازىنى رەت قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018-11-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
گېرمانىيە فېدېرال ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى باربېل كوفلېر خانىم.
گېرمانىيە فېدېرال ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى باربېل كوفلېر خانىم.
Social Media

گېرمانىيەنىڭ ھاكىمىيەتتە تەسىرى كۈچلۈك بولغان 6 چوڭ پارتىيەسىنىڭ بىر ئارىغا كېلىشى ۋە ئورتاق ئاۋاز چىقىرىشى بىلەن 9-نويابىر گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا بېغىشلانغان مەخسۇس يىغىندا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان ئىدى. بۇ يىغىندا يەنە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ پاجىئەلىرى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك ھېسداشلىقىنى قوزغىدى.

مەزكۇر يىغىننى تەشكىللەشكە ھەسسە قاتقان يېشىللار پارتىيەسىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى ئەزاسى مارگارېتا باۋزې خانىم بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىش ئۇقتۇرۇشى بولمىغان، ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتلەرگە تايانمىغان، ئائىلىسى ۋە جەمئىيەت بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانغان ھالدا جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى بايان قىلىپ، راھىلە داۋۇتتىن تارتىپ ھېزىمغىچە بولغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئىسىملىرىنى ساناپ ئۆتكەن ئىدى.

10-نويابىر خىتاينىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىسى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرىگە قويۇلۇشىغا «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ،» دېگەن. بېرلىندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، مارگارېتا باۋزې قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى پارلامېنتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن دەرھال چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. 10-نويابىر «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» گە قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىگەن مارگارېتا باۋزې خانىم بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن ئىدى. 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى بۇ ھەقتە توختالغاندا گېرمانىيە پارلامېنتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە رەسمىي قول تىققانلىقىنى، خىتاينىڭ ئېتىرازلىرىنىڭ نەتىجە يارىتالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، گېرمانىيە فېدېرال ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى باربېل كوفلېر خانىم تۈنۈگۈن خىتاينىڭ ئېتىرازلىرىنى رەت قىلىپ بايانات بەرگەن. ئۇ سۆزىدە غەرب قىممەت قارىشىغا ئىگە بولغان، دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىققان بىر پارلامېنتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا خىتاينىڭ قوپاللىق بىلەن ئارىلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. 

«گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ 15-نويابىر باربېل كوفلەر خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان مەخسۇس سۆھبىتىمۇ مۇشۇ تېمىغا بېغىشلانغان. «كوفلېر: پارلامېنتتىكى شىنجاڭ مۇنازىرىسى ئىنتايىن مۇھىم» ناملىق بۇ سۆھبەتتە تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان: «گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى توغرىسىدىكى مۇھاكىمىگە خىتاي تەرەپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. بۇنىڭدىن سىز قانچىلىك ھەيرانلىق ھېس قىلدىڭىز؟» دېگەن سوئالغا باربېل كوفلېر خانىم مۇنداق جاۋاب بەرگەن: 

«بىزنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىگە قارىتا قىلغان تەنقىدلىرىمىزگە خىتاي تەرەپ ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردا قارشىلىق بىلدۈردى. بەزىدە دىپلوماتىك ئۇسۇللارنى قوللاندى، بەزىدە بىۋاسىتە سۆھبەت جەريانىدا نارازىلىق بىلدۈردى. ئەمما مېنىڭچە، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى ھەقىقەتەنمۇ يات بىر ھادىسە. پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئىشخانىسىغا بىۋاسىتە تېلېفون ئۇرۇپ بېسىم ئىشلەتسە بولمايدۇ. گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مۇستەقىل ئورنى بار. ھەرقانداق كىشىنىڭ ئاتىكارچىلىق قىلىپ نېمىنى مۇزاكىرە قىلىش، نېمىنى مۇزاكىرە قىلماسلىقنى بەلگىلەپ بېرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئەكسىچە ئېيتقاندا، بىزمۇ بۇنداق قىلالمايمىز. بىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان دوكلاتلارنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. بۇ دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار قانۇنسىز لاگېرلارغا مەجبۇرىي توپلىنىپ قاتتىق مۇئامىلە ۋە تەن جازالىرىغا ئۇچرىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى قىسمەن لاگېرلارنى ‹قايتا تەربىيىلەش مەركىزى› دەپ ئاتىماقتا، ھەتتا ئۇنى ‹كەسپىي يېتىشتۈرۈش مەركىزى› دەپ پەردازلىماقتا. ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي دائىرىلىرى كامېرالار ئارقىلىق كوچىلارنى نازارەت قىلماقتا، تۇرالغۇلارنى ئاختۇرماقتا، تور بەتلەر، ئېلېكترونلۇق ئەسلىھەلەرنى نازارەت قىلماقتا، د ن ئا ئەۋرىشكىلىرىنى توپلاش ئارقىلىق پۇخرالارنى تەقىب ئاستىدا تۇتماقتا، بۇنىڭ دەرىجىسى مىسالى تېپىلمايدىغان باسقۇچقا يەتتى. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ فېدېرال پارلامېنتنىڭ بۇ خۇسۇستا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشى ئىنتايىن مۇھىم ئىدى.»

د ئۇ ق نىڭ ياۋروپاغا مەسئۇل ۋەكىلى ئەسقەرجان ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا باربېل كوفلېر خانىمنىڭ بايانلىرىنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ پىكىرلىرىنىڭ گېرمانىيە دۆلىتىنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

گېرمانىيە فېدېرال ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى كوفلېر خانىم سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ خىتاينىڭ ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ «جۇڭگوچە كىشىلىك ھوقۇق» نى غەرب قىممەت قارىشى ئاساسىدىكى ھەقىقىي كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، غەرب قىممەت قارىشىغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «يىراقنى كۆزلىگەندە، خىتاينىڭ ئىپادە ئەركىنلىكى، ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇققا قارىتا يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ئەمەلىيەتتە مۇقىمسىزلىق يارىتىدىغان ئاساسىي ئامىل» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان. 

ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان جىددىي مۇئامىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېغىشلاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. 

ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى نۆۋەتتە خەلقئارادا جىددىي تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا. «گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ 14-نويابىردىكى «شىنجاڭ يەر شارىدا ئەڭ جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىگە دۇچ كەلمەكتە» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 10-نويابىر كۈنى تەيۋەننىڭ مەركىزى تەيبېيدە چاقىرىلغان «2018-يىللىق ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرىگە قويۇلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت