گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2014.11.10
gollandiye-uyghur-jumhuriyet-kuni.jpg گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Pidaiy


9 - نويابىر يەكشەنبە كۈنى ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە جەم بولغان ئۇيغۇرلار، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە ئۇنىڭدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان مەشھۇر شەخىسلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى.

پائالىيەت قۇرئان كەرىم تېلاۋىتى بىلەن باشلىنىپ دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى. پائالىيەت داۋامىدا سۆزگە چىققانلار، ۋەتەن، مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن تىنماي كۆرەش قىلىپ كەلگەن مەشھۇرلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ئۆرنەكلەر كەلتۈردى، بارلىق خەلقىنى پىداكارلىققا چاقىردى. پائالىيەت زىياپەت ۋە نامازدىن باشقا، ئۆز - ئارا ئەركىن سۆھبەت، جۇمھۇرىيەت تارىخى ھەققىدە تېپىشماقلىق سوئال - جاۋابلار، قىزغىن بەس - مۇنازىرلەر بىلەن 5 سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھۈسەيىن تەجەللىي ئەپەندى ئىككى جۇمھۇرىيەت تارىخىنىڭ ئىجابىي تەسىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۇنيادا زۇلۇمغا قارشى كۆرەش بىلەن داڭ چىقارغان نۇرغۇن قەۋملەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلاردەك دۆلەت قۇرۇش شەرىپىگە مۇشەررەپ بولغانلىرىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.