گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئىككى تەرجىمان گۇمان بىلەن ئىشتىن توختىتىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2013.03.15
gollandiyediki-uyghurlarning-jumhuriyet-kuni-xatire-paaliyitidin-bir-korunush-305.png گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرە پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Pidaiy

ئىككى كۈندىن بىرى گوللاندىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

14 - مارت گوللاندىيە دۆلەتلىك رادېئو - تېلېۋىزىيىلىرىدىن نۈ ۋە نوس قاتارلىق داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گوللاندىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسى ئۇزۇندىن بىرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر تەرجىماننى فېۋرال ئايلىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئىشتىن توختاتقان. سەۋەبى ھەققىدە بېرىلگەن مەلۇماتلارغا كۆرە: بۇ ئىككى تەرجىماننىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مەخپىي مەلۇماتلارنى خىتايغا يوللاپ بەرگەنلىكى گۇمان قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە، بۇلتۇر 2012 - يىلى گوللاندىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئومۇمىي كەچۈرۈم يولى بىلەن بۇ ھەقتە بىر سىگنال بەرگەنلىكىمۇ قەيت قىلىنغان.

ئىگىلىشىمىزچە، گوللاندىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرى 2012 - يىلى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن غەيرىي رەسمىي شەكىلدە ئالاقىلىشىپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدە خىتايغا ئۇچۇر يوللاش قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار ھەققىدە ئىنكاس ئىگىلىگەن.

ھەرقانداق بىر گوللاند پۇقراسىنىڭ ھەرقانداق بىر شەكىلدە بۇ خىل ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ قانۇنسىزلىق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە مەجبۇرىي يوللار بىلەن ئىلاجسىز شۇنداق قىلىپ سالغانلارنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلسا، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقى بىلەن ئۇچۇر بەرگەنلىكىدەك ئەھۋاللارمۇ يېرىم يېپىق شەكىلدە ئاشكارىلانغان ئىدى.

گوللاندىيە «نوس» رادېئو - تېلېۋىزىيىسى تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگونىڭ غەربىدىكى بىر مۇسۇلمان مىللەت ئىكەنلىكى، بۇرۇن «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغان ئانا ۋەتىنىنىڭ، ھازىر خىتايلارنىڭ تېررىتورىيىسىدىكى «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى» دېيىلىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرىدە تېگىشلىك بولغان ھەق - ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقى بىلەن شىكايەت قىلىپ، چەتئەللەرگە قېچىپ چىقىپ پاناھلىنىش يولىنى تۇتۇۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللارمۇ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان.

گوللاندىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى مەسئۇل خادىمىنىڭ، دۆلەت رادىئو - تېلېۋىزىيىسى «قانال 1» نىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن ئىنكاسىدىمۇ، ئۇيغۇرلار گوللاندىيەگە كەلگەندىن كېيىن، تۈرلۈك نامايىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ رەسىملىرىنى «فېيىسبوك» ۋە ئېلخەتلەر ئارقىلىق تورلارغا تارقىتىۋاتقانلىقى، بۇ ئۇچۇرلاردىن خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى پايدىلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقىغىمۇ سەل قارىماسلىق لازىملىقىنى بىلدۈردى.

رەسمىي خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ئىككى تەرجىماننىڭ كىملىكى ئاشكارىلانمىغان. ئەمما، گوللاندىيە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىدىن ئىگىللەپ، بۇ ئىككى تەرجىمان ئىلتىجاچىلىق تەلىپى بىلەن خىتايدىن كېلىپ، گوللاندىيە نوپۇسىدا ياشاۋاتقانلىقى، جۇڭگوغا بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئامىللاردىن تەخمىن قىلىنغان مەزكۇر ئىككى تەرجىماننىڭ كىملىكىگە جەزم قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن تېلېفون زىيارىتى قىلدۇق. ئۇلار ھازىرچە زىيارەت قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى، باشقىلارنىڭ كۆرەلمەسلىك بىلەن شىكايەت قىلىش نەتىجىسىدە تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنغان ھەرقايسى مەنبەلەردىكى خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەردە، ئىلتىجاچى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىگە قايتۇرۇلسا قەتئىي بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. بۇ ئىككى تەرجىماننىڭ مەسىلىسى چىققاندىن كېيىن، گوللاندىيە ئىلتىجاچىلار ئىشلىرى ئورگىنى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىرلىككە كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىتلىق بولسىمۇ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن.

كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، جاسۇسلۇقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان بۇ ئىككى تەرجىمان ئۇيغۇرنىڭ ئىلتىجا ئىشلىرى قايتىدىن قاراپ چىقىلىدىكەن.

ئېگىرى شۋېتسىيە، گېرمانىيە ۋە باشقا ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت رايونلاردىمۇ، بۇ خىل ئەيىبلەشلەر ۋە گۇمانلار بىلەن بىر قىسىم كىشىلەر پاش قىلىنىپ كەلگەن ئىدى.

بۇ قېتىم گوللاندىيەدە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى بىر تەرەپتىن كۆڭۈلنى غەش قىلسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بىلەن ھاياجانلىق ئىنكاسلارنى ئاڭلىماقتىمىز. بۇ ھەقتە پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا توختىلىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.