«ئۈرۈمچى رېستورانى» گوللاندىيەدە تەشۋىق قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.09.08
urumchi-restorani.jpg زەينىدىن ئەپەندى ئاچقان «ئۈرۈمچى رېستورانى». روتتېردام، گوللاندىيە.
RFA/Ekrem

روتتېردامدىكى «ئۈرۈمچى رېستورانى» تائاملىرى بىلەنلا ئەمەس، ئۇيغۇرچە سۈپەتلىرى ھەم مىللىي پائالىيەتلىرى بىلەن گوللاندىيەدە تەشۋىقات تېمىسى بولماقتا.

گوللاندىيەدىكى «خەلق گېزىتى» تورىنىڭ «ئۈرۈمچى رېستورانى» ھەققىدە ئىشلىگەن فىلىمىنىڭ قىسقا بىر كۆرۈنۈشى 6-سېنتەبىر ئېلان قىلىنىپلا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەش-پەش دېگۈچە 47 مىڭ كىشىنىڭ زىيارىتىگە ئۇلاشتى. فىلىمدا ئۇيغۇر دوپپىسى، ئۇيغۇر تائاملىرى تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ فىلىم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرىغا سازاۋەر بولدى.

«ئۈرۈمچى رېستورانى» ئىككى يىل ئىلگىرى گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدە ئۇيغۇر زىيالىيسى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى تەرىپىدىن ئېچىلغان بولۇپ، بۇ رېستوران ئۇيغۇر ئەتلەسلىرى، چىمەن دوپپا، بادام دوپپا ۋە ئۇيغۇر چالغۇ ئۆرنەكلىرى بىلەن بېزەلگەن. بۇ شەھەردە ئاران 15 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئاھالە ياشايدىكەن. پۈتۈن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تەخمىنەن 2 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. گوللاندىيەدە «گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى»، «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن.

تېخى ئالدىنقى ئايدىلا، زەينىدىن ئەپەندىنىڭ گوللاندىيەدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرىنى «ئۈرۈمچى رېستورانىدا» دا كۈتۈۋېلىپ، بۇ يىل 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلىپ بارىدىغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر مۇھىم يىغىلىشنىڭ ھازىرلىقىنى قىلىشقانلىقلىرى تورلاردا كەڭ تارقالغان ئىدى. بۈگۈن بولسا، ئۇنىڭ گوللاندىيەدە مىليونلارچە مۇشتىرىسى بولغان مەشھۇر گېزىتلىرىدىن «خەلق گېزىتى» نىڭ تەشۋىقات نىشانىغا ئايلانغانلىقى كۆرۈلدى.بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زەينىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ قىسقىچە كەچمىشلىرى، «ئۈرۈمچى رېستورانى» نىڭ ۋەزىيىتى، ھەر يىلى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تارىخىي ۋەقەلەرنى ئەسلەش پائالىيەتلىرى ۋە ئۆزىنىڭ رېستوران خىزمىتىدىن سىرت، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن بىرلىشىپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن بىزنى ۋاقىپلاندۇردى.

ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دىققىتىنى تارتقىنى «ئۈرۈمچى رېستورانى» دىن بەكرەك، رېستوران خوجايىنى زەينىدىن ئەپەندىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى بولدى. بۇ يىل 23-ئىيۇن كۈنى، زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىدا يۈز بەرگەن ئاخىرقى 4 چوڭ سىياسىي ۋەقەنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۆزگىچە پائالىيەتلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئوخشاشلا قىزغىن قوللاش ۋە ماختاشلارغا سازاۋەر بولغان ئىدى.

شۇ چاغدا ئۇ: «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ھەمدە «28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى» دىن ئىبارەت خەلقئارادا زور تەسىر پەيدا قىلغان 4 چوڭ ۋەقە ئۈچۈن قانچە مىڭ دانە قىزىل ئەتىرگۈل سېتىۋېلىپ، روتتېردامدىكى خەلق مەيدانىدا بۇ تۆت ۋەقەنىڭ يىل خاتىرىسىنى يۈرەك شەكلىدىكى چەمبىرەك ئىچىگە ئېلىپ ئاجايىپ گۈزەل بىر مەنزىرە ھازىرلىغان ۋە بۇ ئارقىلىق گوللاندىيە خەلقى، دۇنيا جامائىتىنىڭ سەمىگە ئۇيغۇر تارىخىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىقلار بىلەن تولغان بۇ كەچمىشنى سالماقچى بولغان ئىدى. ئۇيغۇر جامائىتى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇتۇش ئۈچۈن قوللانغان بۇ ئۆزگىچە ئۇسۇلىغا ئەينى چاغدا يۇقىرى باھالار بېرىشكەن ھەمدە ئۇنىڭ غەيرەتلىرىگە ئاپىرىنلار ئېيتىشقان ئىدى.

زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئايالى راھىلە خانىممۇ «ئۈرۈمچى رېستورانى» نىڭ خىزمىتىدە ئېرىغا ھەمكارلىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇ زەينىدىن ئەپەندىنىڭ ۋەتەن دەۋاسى يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى ئۆز ۋاقتىدا يەنە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان بولۇپ، ئۇ مەزكۇر تەشكىلات بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى گوللاندىيەدە تونۇتۇشقا تېرىشىپ كەلگەن. ئۇ بۇ يىل 23-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆز رېستورانىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە «ئۇيغۇر كۈنى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، تۈرمىدىكى ئۆكتىچى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئەكېلىشكە تېرىشىدىكەن.

ئايالى راھىلە خانىم بولسا، زەينىدىن ئەپەندىنىڭ ۋەتەننىڭ خىزمىتى يولىدا كۆپلىگەن ياخشى ئارزۇلىرى بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ چامىنىڭ يېتىشىچە يار-يۆلەكتە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.