ئەنىۋەرجان: ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ غايىسى ئۇيغۇر داۋاسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.12.09
ilham-toxti-germaniye-teshwiqat-wariqi.jpg رەسىم: «ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى»
RFA/Ekrem

12-دېكابىر باۋارىيە پارلامېنتىدا «پروفېسسور ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى» دېگەن تېمىدا خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلىدۇ.

12-دېكابىر باۋارىيە پارلامېنتىدا «پروفېسسور ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى» دېگەن تېمىدا خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلىدىغان بولۇپ، يىغىننى ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى، گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن. يىغىننىڭ ساھىپخانلىقىنى يېشىللار پارتىيىسى ئۈستىگە ئالغان. يىغىننىڭ تەكلىپنامىسىدە، «باش تېما، ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونىم رايونىنىڭ (شەرقىي تۈركىستاندىكى) نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە مىللەتلەر ئارا زىددىيەتلەرنى ئىلھام توختىنىڭ ئىدىيىسى ئاساسىدا تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئىمكانلىرى» دېگەن جۈملىلەر ئورۇن ئالغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، 2016-يىلى 26-ئاپرىل د ئۇ ق تەرىپىدىن بېرلىندا چاقىرىلغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى مەسىلىسى يىغىنىدا ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ رەسمىي قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمىگەن ئىدى. 12-دېكابىر كۈنى بۇ مۇراسىم مارگارىتا باۋزې خانىمنىڭ ساھىپخانلىقىدا ميۇنخېن شەھىرىدىكى باۋارىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى. مۇراسىمغا دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرى قاتناشقاندىن سىرت، بىر قىسىم چەتئەللىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، سىياسىيۇنلار، باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىللىرى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلارمۇ قاتنىشىدىكەن.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ غايىسىنىڭ ئاپتونومىيە ئەمەسلىكىنى، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن سۆز قىلىش سالاھىيىتى ھەم ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

باۋارىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مارگارىتا باۋزې خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا بولسا، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىغا ئوخشاش يېڭى شەيئىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قۇچاق ئېچىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ، دېموكراتىك شەكىللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى قەتئىي داۋام ئەتكۈزۈشلىرىنى ۋە بۇ يولدىن ھەرگىز چېكىنمەسلىكىنى، ئارقىغا سۈرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. گېرمانىيەدە، ئامېرىكىدا، ياۋرۇپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ دائىما كۈنتەرتىپتە تۇرۇشى ئۈچۈن جىددىي غەيرەت قىلىشلىرىنى سورايمەن. ۋەتەندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ياردەم بېرىشنى، خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئازاپلاردىن قۇتۇلۇشىنى ھەر دائىم خاتىرىسىدە ساقلاپ، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى يولىدا ئاكتىپ ئىزدىنىشلىرىنى، كۆرەشلىرىنى خەلقئارالاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى مانا بۇ ۋەزىپىنىڭ بىر ئۈلۈشىنى ئۈستىگە ئالىدىغان تەشكىلاتتۇر.»

مارگارىتا باۋزې خانىم يەنە، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىغا ئوخشاش يېڭى شەيئىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىغا ئوخشاش يېڭى تەشكىلاتلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن پايدىلىق. ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان ئىدىيە، يول، ھەرىكەتلەر بىلەن ئۆز دەۋاسىنى كۈچلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئۇيغۇر مىللىتىگە پايدىلىق بولغان ئاقىلانە تەدبىرلەرنى تېپىش يولىدا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ماسلىشىشى لازىم.»

ئەنىۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، ياۋرۇپا پارلامېنتىدا يىغىنلار ئۆتكۈزدى، ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نائىل قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى ۋە ئىلھام توختىنىڭ «مارتېن ئەننالىس ماكاپاتى»غا ئېرىشىشىگە بىر ئۈلۈش ھەسسىلەر قوشتى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ھازىرقى ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى چەتئەللىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئىلھام توختى مەسىلىسىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، غەرب دېموكراتىك ئەللىرىدە ئۇيغۇر دەۋاسىنى تېخىمۇ كەڭ تونۇتۇش ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا كېلىچەكتە كۈچلۈك خەلقئارالىق بېسىم شەكىللەندۈرۈش ئىمكانىنى يارىتىش ئىكەن.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن فىرانسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مارى خولىزمان خانىم بولسا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختىغا ئوخشاش بىگۇناھ ئازاپ چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشلىرى لازىملىقىنى، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ مەقسەتتە قۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن پىكىر قىلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان زىيالىيلارغا ئىگە چىقىش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى. بىز ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكى، شەرىپى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئۇنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش مەقسىتىگە يەتتۇق. گەرچە ئۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ياۋرۇپا پارلامېنتىدا ئۆز تەسىرىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. مارتېن-ئەننالىس مۇكاپاتى بۇ يىل ئۇنىڭغا زور شەرەپ بېغىشلىدى. كېلەر يىلى ساخاروف مۇكاپاتىنىڭ شان-شەرىپىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن. باۋارىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلىدىغان بۇ قېتىمقى يىغىنمۇ ئىلھام توختىغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈندۇر.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.