سېيىت نادىر ئەپەندى ۋە قىزى ئىئوردانىيەدىكى بۇخارالىقلار جەمئىيىتىنى تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتىگە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرىكەتتە

0:00 / 0:00


ئىنقىلابچى ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئىزىدا مېڭىش ئۈچۈن بەل باغلىغان ئىيوردانىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن كارخانىچى سېيىت نادىر ئەپەندى بىلەن قىزى، يېقىندا ئامماندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇخارالىقلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىس ۋە ھەيئەت سايلىمىغا قاتناشقان. سايلامدا سېيىت نادىر ئەپەندى جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىكىگە، قىزى بولسا جەمئىيەتنىڭ ئاياللار مۇدىرلىقىغا سايلانغان.

سايلامدا ئۇتۇپ چىققان بۇ ئاتا - بالا پائالىيەتچىلەر تۈرك مىللەتلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشىنىڭ جىددىي زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزبېكلەر ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدىغان بۇ بۇخارالىقلار جەمئىيىتىنىڭ نامىنى تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتىگە ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى سۇنغان.

بۇ تەكلىپ، مەزكۇر جەمئىيەت ئەزالىرى تەرىپىدىن توغرا كۆرۈلگەن، نۆۋەتتە بۇ نام ئۆزگەرتىشنىڭ قانۇنىي قەدەملىرى بېسىلماقتا. سېيىت نادىر ئەپەندى، مۇخبىرىمىز بىلەن ھەقتىكى سۆھبىتى داۋامىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىيوردانىيەدىكى باشقا جامائەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى.

بىز ئۆتكەنكى پروگراممىمىزدا، سېيىت نادىر ئەپەندى ئائىلىسىنىڭ 1950 - يىللاردىكى باي - زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش دولقۇنىدا ئەنگلىيە پاسپورتىنىڭ قۇتقازغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق.

سېيىت نادىر ئەپەندى، بۇ قېتىمقى ئالاقىمىزدە، ئاتا - ئانىسى 1956 - يىلى چېگرادىن چىقىشتا قوللانغان پاسپورتنىڭ رەسىمى بىلەن تەمىنلىدى. رەسىمدىن مەلۇم بولۇشىچە، سېيىت نادىر ئەپەندىنىڭ بوۋىسى سېيىت غۇلاممەمەتخان 1930 - يىللاردا ھىندىستاندا ئالغان ئەنگلىيە پاسپورتى، ھىندىستان ۋە پاكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن پاكىستان پاسپورتىغا ئۆزگەرتىلگەن. سېيىت نادىر ئەپەندىنىڭ ئاتا - ئانىسى 1949 - - يىلى بېرىلگەن پاكىستان پاسپورتىغا تايىنىپ چېگرادىن چىققان. مەزكۇر پاسپورت ۋە ۋىزىنىڭ رەسىمى تور بېتىمىزدە كۆرۈلۈشكە ھازىردۇر.