ئۇيغۇر ۋەكىللەر مەككىدە ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى ئالىي كېڭەش يىغىنىغا قاتناشماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.01.16
islam-ammiwiy-teshkilatlar-birliki.jpg ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكى گىرىبى
RFA/Erkin Tarim

ئىسلام دۇنياسىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا، مۇقىمسىزلىق، ئىچكى ئۇرۇشلار داۋاملىشىۋاتقان ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ناھايىتى ئېغىر بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مەركىزى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە ئىسلام دۇنياسى جەمئىيەتلەر بىرلىكى ئالىي كېڭەش يىغىنى چاقىردى. مەزكۇر يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇسۇلمانلار قۇرغان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى قاتناشماقتا.

بىز مەككىگە تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى 2007 - يىلىدىلا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىسلام دۇنياسى تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا بولغانلىقىنى، ھازىرغىچە بۇ تەشكىلاتنىڭ پۈتۈن يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ يىغىنلار ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىغا ناھايىتى ياخشى ئاڭلاتتۇق دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ، بۇ يىغىننىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئېغىر بولۇۋاتقان، ئىسلام دۇنياسىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئىچكى ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە چاقىرىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىنىي جەھەتتىكى بېسىملارنى ئاڭلىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكى يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش
ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكى يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى يەنە ئىسلام دۇنياسى جەمئىيەتلەر بىرلىكىنىڭ ئالىي كېڭەش يىغىنىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە 3 كۈن داۋاملىشىدىغانلىقىنى، يىغىندا ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا يىغىننىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقىسى 20 - قېتىملىق ئالىي كېڭەش يىغىنى بولۇپ، بۇرۇنقىلىرى ھەرقايسى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە چاقىرىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.