ئىسلام دۆلىتى بىلەن ئەل قائىدە خىتايغا قارشى «جىھاد» قىلىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.03.09
islam-doliti-suriye-azad-armiye.jpg ئامېرىكا قوللاۋاتقان سۈرىيە دېموكراتىك قوراللىق كۈچلىرى جەڭچىسى. 2017-يىلى 8-فېۋرال، رەققە شەھىرى ئەتراپى.
AFP

ئاتالمىش ئىسلام دۆلىتى‏ - دائىش بىلەن ئەل‏-قائىدىگە باغلىق ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى قوراللىق گۇرۇھلار يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ فىرات ئاخباراتى، ئىسلام ئاۋازى قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا سۈرەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى ئېلان قىلىپ، خىتايغا قارشى «جىھاد» تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەن.

ئاتالمىش ئىسلام دۆلىتىنىڭ 25‏-فېۋرال، ئەل-قائىدىگە باغلىق «جىھادچى» گۇرۇھلارنىڭ ‏27‏-فېۋرال ئېلان قىلغان ۋىدېئوسىدا، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى خىتايغا قارشى جىھاد قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆچىنى ئېلىشقا چاقىرغان.
بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى بۇ تېررورلۇق گۇرۇھلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى بىرلا ۋاقىتتا خىتايغا قارشى «جىھاد»قا چاقىرىشى دۇنيا ئاخباراتى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ خىتايغا قارشى تەشۋىقاتى ۋە بېيجىڭغا قارشى جىھاد قىلىش ئېلانى تاسادىپىي ئەمەس بولۇپ، بۇ ھەر ئىككى گۇرۇھنىڭ ھەرىكەت مەقسىتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى ئەكس-ئەتتۈرىدىكەن.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق قىرغىز مۇتەخەسسىسى ئۇران بوتوبېكوفنىڭ «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، بۇنىڭ 3 خىل ئېھتىماللىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى خىل ئېھتىماللىقنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالىق جىھادچىلارنى ئۆزلىرىگە جەلپ قىلىش. يەنە بىر خىل ئېھتىماللىق، ئىراق ۋە سۈرىيەدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسا، خەلقئارا جىھاد ھەرىكىتىنىڭ مەركىزىنى خىتايغا قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافغانىستانغا يۆتكەشكەن.

بەزى ئانالىزچىلار ‏3‏-خىل ئېھتىماللىقنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا نيۇيورك شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭنىڭ قارىشىچە، ئافغانىستاننىڭ ئەھۋالى ئەل-قائىدە ۋە ئىسلام دۆلىتىنىڭ بازا قۇرۇشىغا قولايلىقكەن.

شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا زادى قەيەر ئۇلار ئۈچۈن يېڭى بازا بولالايدۇ. ھازىرقى ئەھۋالىدىن ئالغاندا ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتى مۇقىم ئەمەس. ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئاستا-ئاستا چېكىنىپ چىقىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن شىنجاڭ رايونى مۇقىمسىز ئامىلغا ئايلاندى. شۇڭا، بۇ رايون ئەل‏-قائىدە ۋە دائىش قوراللىق گۇرۇھلىرىغا بازا قۇرۇپ يەرلىشىدىغان يېڭى دۇنيا بولالايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ بىپايان زېمىن ئۇلارنى بىر بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، جىھادچىلارنىڭ مەركىزى بۇ رايونغا يۆتكەلسە، مەزكۇر رايوندىن باش پانا ئىزدەپ چىقىپ كەتكەن نۇرغۇن جىھادچىلار بار، ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىپ،جەڭگە قاتنىشىشتەك زور ئارزۇسى ئىشقا ئاشىدۇ».

بىراق ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شون روبېرتس، ئەگەر دائىش ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى نىشان قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ۋىدېئوسى ئۈنۈملۈك تەشۋىقات قورالى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، دائىشنىڭ تەشۋىقات ۋىدېئوسىنىڭ ئۇيغۇر تەرىپىدىن ئىشلەنگەنلىكى گۇمانلىقكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ دائىشنىڭ نىشانىنى كېڭەيتىپ، خىتاينى ئۆزىنىڭ ھۇجۇم ۋە زوراۋانلىق ھەرىكىتىنىڭ نىشانى، دەپ قاراۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز دائىشتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنداق كۆپ ئەمەسلىكىنى بىلىمىز. سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىدە ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ. دائىشتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ300 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىگە دائىر بەزى دەلىللەر بار. دائىشتىكى ئۇيغۇرنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىدەك پاكىتلاردىن، ئۇنىڭ ۋىدېئو تەشۋىقاتى قانداق ئىشلەنگەنلىكىدىن قارىغاندا، مەن ئۇنىڭ ئۇيغۇر تەرىپىدىن ئىشلەنگەنلىكىگە گۇمان قىلىمەن».

پروفېسسور روبېرتس يەنە، ئەگەر خىتاي دائىشنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا خىتاينىڭ ئۆز سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي يەر شارى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە ئارىلىشىش كېرەكلىكىنى بارغانچە ھېس قىلىشقا باشلىدى. خىتاي ئۇزۇندىن بېرى خەلقئارالىق ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق، بولۇپمۇ ھەربىي ئارىلاشماسلىقتا تۇرۇپ كەلگەن. ھالبۇكى، بىز خىتاينىڭ خەلقئارا رولىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ھازىر بولسا ئۇنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانىنى ھەربىي چىقىرىپ قوغداش-قوغدىماسلىق مەسىلىسى مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلىدى. بۇنىڭ خىتاينى سۈرىيەدە ھەربىي رول ئويناش-ئوينىماسلىقنى ئويلىشىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقى ئاشكارا. مەن بۇرۇن خىتاينىڭ بۇنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى ۋە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەك قوللاشقا ئېرىشمەسىلىكىگە ئىشىنىمەن. بىراق مېنىڭ قارىشىمچە، پەقەت خىتاي دائىش تەرىپىدىن رەسمىي ھۇجۇمغا ئۇچرىسا ئۇ ئاندىن ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى مۇمكىن»

نيۇيورك شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور شيا مىڭنىڭ قارىشىچە،دائىش ۋە ئەل‏- قائىدىنىڭ تەھدىتى بىر تەشۋىقات بولسىمۇ، بىراق بۇ خىتاينى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان. ئۇ، خىتاينىڭ بۇ ئەندىشىدە بەزى قاتتىق ئامانلىق تەدبىرلىرىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خىل تەھدىتنىڭ خىتايغا نىسبەتەن زور قورقۇتۇش كۈچى بار. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا ئۈنۈملۈك ھۇجۇم قىلىش پىلانى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك ھەربىي مۇداپىئە پىلانى يوق. نېمىشقا بۇنداق دەيمىز، چۈنكى، پۈتۈن جۇڭگو ئىنتايىن ئاجىز بىر يەر. بۇ دېگەنلىك، جۇڭگو تاشقىرىغا، تېررورچىلارغا مەلۇم دەرىجىدە ھۇجۇم قىلالايدۇ. بىراق پۈتۈن جۇڭگودا توسۇپ بولمايدىغان يۇمشاق بوشلۇق بار. تېررورچىلارنىڭ بۇ بوشلۇققا زەربە بېرىشى بەك ئاسان. شۇڭا، يېقىندىن بېرى ئۇ قاتتىق جىددىيلىشىپ كەتتى. بۇنى ھېس قىلىش مۈشكۈل ئەمەس».
شيا مىڭنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەندىشىنىڭ تۈرتكىسىدە مۇسۇلمانلارغا قارشى كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا قوراللىق قىسىملارنىڭ زور كۆلەملىك قەسەم بېرىش يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، كۈچ كۆرسەتكەن. تەڭرىتاغ رايونىدا ھاۋا ئارمىيە، شتاتى نامەلۇم قوراللىق قىسىملار ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە مانىۋېرلىرىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭدىن سىرت يېقىنقى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىن 5000 كىشىلىك قوراللىق ساقچى يۆتكىگەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلار پەيدا بولدى. قەشقەرگە يەنە يۇقىرى مۇئاش ۋە تەمىنات بىلەن 3000 ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەدبىرلەرنى بۇ يىل 14‏-فېۋرال يۈز بەرگەن گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن ئالغان بولسىمۇ، بىراق بەزى چەتئەللىك مۇتەخەسسىس ۋە كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بىر ناھىيەدىكى پىچاقلىق ھۇجۇمغا بۇنداق قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشى «بازغاندا ياڭاق چاققانلىق» دەپ قارىغان ۋە بۇنىڭ ئارقىسىدا باشقا سەۋەبلەرنىڭ بارلىقىدىن گۇمان قىلغان ئىدى.

ئۇران بوتوبېكوفنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىش بىلەن ئەل-قائىدىنىڭ يۇقىرىقى ھەر 3 خىل ئېھتىماللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن جىھاچىلارغا جىددىي ئىدېئولوگىيىلىك تەربىيە ۋە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشىغا ئېھتىياجلىقكەن. ئۇران بوتوبېكوف ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، «يېقىنقى ۋىدېئولار بۇنىڭ يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلى» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.