«تېررورچىنىڭ ئۇيغۇرلار بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى» دېگەن باياناتقا ئۇيغۇرلار نارازىلىق بىلدۈردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.01.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
istanbul-terror-hujum.jpg ئىستانبۇلدىكى رېينو رېستورانىغا ھۇجۇم قىلغان تېررورچى.
Socila Media

بۈگۈن تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋەيسى قايناق ئىستانبۇلدىكى رېينو رېستورانىغا ھۇجۇم قىلغان تېررورچىنىڭ كىملىكىنىڭ ئايدىڭلىشىپ بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر باياناتتىن كېيىنلا قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى بايانات ئېلان قىلىپ نارازىلىق بىلدۈردى.

مەزكۇر تېررورلۇق ۋەقەسى يېڭى يىل كېچىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە قولىدا ئاپتومات كۆتۈرگەن تېررورچى كەچلىك كۇلۇبقا بېسىپ كىرىپ كۇلۇبتىكى يېڭى يىلنى قۇتلۇقلاۋاتقانلارنى قارا-قويۇق ئوققا تۇتقان. يەتتە مىنۇتچە بىرقانچە قېتىم ئوقدان ئالماشتۇرۇپ، قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان تېررورچى، كېيىن قورالىنى تاشلاپ ۋە كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ، بىر تاكسىغا چىقىپ كۇلۇبتىن قاچقان. ۋەقەدە 12 سى تۈرك، قالغانلىرى چەتئەللىك بولۇپ 39 كىشى ئۆلگەن، 65 كىشى يارىلانغان. 5 كۈندىن بېرى تۈركىيە ساقچىلىرى مەزكۇر تېررورچىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ئوپېراتسىيە ئېلىپ بارماقتا. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈرك ساقچىلىرى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنى، سىلىۋرە، سەفاكۆي رايونلىرىدا، ئىزمىر شەھىرىنىڭ بورنوۋا ۋە قوناق رايونلىرىدا كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرغان بولۇپ، بەزى ئۇيغۇرلار تۇتۇپ كېتىلىپ سوراققا تارتىلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسا، يەنە بەزىلىرى ھازىرغىچە سوراققا تارتىلماقتا.

ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەردە تېررورچىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىش بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ ياخشى تەربىيەلەنگەن مەرگەنلىكى، تەمكىنلىكى ۋە تەجرىبىلىكلىكىمۇ خەۋەرلەرنىڭ مەركىزى بولماقتا. ھازىرغىچە بېرىلگەن تۈركىيە خەۋەرلىرىدە تېررورچىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلۈش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ قىرغىز، ئۆزبېك ياكى ئۇيغۇر بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ۋە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئەربابلىرىدىن ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۈگۈن چۈشتە تۈركىيە باش مىنىستىر مۇئاۋىنى ۋېيسى قايناق ئەپەندىنىڭ باياناتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇغا تېلېفون قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى، ئارقىدىنلا بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى ۋە باياناتىنى تۈركىيەدىكى «سۆزجۈ» گېزىتىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تېررورنى بىر مىللەت، بىر دۆلەت ۋە مەلۇم بىر قوۋىمنىڭ نامى بىلەن ئاتاشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيەدىكى بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن بىرىنچى كۈندىن ئېتىبارەن، قەستەن «شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قىلدى» دېگەن سۆزنى تەكىتلەشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى خەۋەرلەردە بۇ ۋەقە يۈزبەرگەندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقانلىقى، ئەگەر بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ۋەقەسىنى ئۇيغۇر قىلغان بولۇپ چىقسا، تۈركىيە-بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىشى مۇمكىنلىكى ھەم خىتاينىڭ بۇ پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامىزىنى ئوقۇپ، تىجارىتىنى قىلىپ نورمال ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

«ھۈررىيەت» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، تۈركىيە ساقچىلىرى تېررورچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ بولغان، ئەمما تېررورچى تېخى تۇتۇلمىغان بولغاچقا ئاشكارىلاشنى توغرا كۆرمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت