ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا بىر تۈركۈم ياردەم خىزمىتى ئېلىپ بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2016.07.16
turkiye-istanbul-uyghur-muhajir-yardem-1.jpg ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا بىر ياردەم
RFA/Arslan

يېقىنى يىللاردىن بېرى خىتايدىن قېچىپ تۈركىيەگە كېلىپ پاناھلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن بىر نەچچە يۈز ئائىلە تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە ئورۇنلاشقان بولسىمۇ، يەنە نەچچە يۈز ئائىلە ئىستانبۇلغا يەرلەشكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ھال - كۈنى قىيىن ئەھۋالدا ئىكەن.

يېقىندىن بۇيان مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ تىرىشچانلىق قىلىشى بىلەن ئىستانبۇلدا قىيىنچىلىقتا قالغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا پۇل ۋە ماددىي ياردەم بۇيۇملىرى تارقىتىلغان.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلار مەسئۇلى كېرەم قارىم ۋە ئاياللار بۆلۈم باشلىقى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇرخانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، موھتاجلىقتا قالغان يېتىملەر، تۇل ئاياللارنىڭ تىزىملىكلىرى قايتا رەتلىنىش بىلەن بىرگە دوختۇرخانىدا داۋالىنىش ئېھتىياجى بولغانلارغا، دوختۇرخانىلارنى تونۇشتۇرۇش، باھاسى ئۇيغۇن بولغان دوختۇرخانىلار ياكى ھەمكارلىشىشىنى خالايدىغان دوختۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، داۋالاش ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا تىلدا قىينالغان قېرىنداشلارغا تەرجىمانلىق قىلىش سەپەرۋەرلىكى ئېلىپ بېرىلغان. ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا قىينالغان ۋە قىيىنچىلىقلارغا يولۇققانلارغا ئالاقىدار ئورۇنلارغا تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىنغان.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا ياردەم تارقىتىلماقتا
ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا ياردەم تارقىتىلماقتا
RFA/Arslan

«شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» ئىجتىمائى ئىشلار مەسئۇلى كېرەم قارىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىستانبۇلدىكى ئېھتىياجلىق ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە 10 توننا گۆش، 10 توننا ئۇن - گۈرۈچ تارقىتىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار 40 ئەتراپىدا ئائىلىگە بىر قانچە يىلدىن بۇيان ھەر ئايلىقى 500 لىرادىن نەخ پۇل ياردەم بېرىپ كەلمەكتە ئىكەن.

«شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» ئاياللار بۆلۈمى مەسئۇلى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ياردەم ھەمكارلىق خىزمەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «رامىزان كىرىشتىن ئىلگىرى باشلانغان تەشۋىقات پائالىيىتى نەتىجىسىدە، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئەۋەتىلگەن سەدىقە، فىترە ياردەملىرىنىڭ مىقدارى ئېشىش بىلەن بىرگە رامىزان بويىچە ئۈزلۈكسىز ئىجتىمائىي ئالاقىلەردە موھتاجلارنىڭ ھالىغا يېقىندىن كۆيۈنۈپ كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋەزىيەت ئومۇملاشتى. رامىزان ئېيى ئىچىدە جەمئىي 60 نەپەر يېتىم ۋە ياردەمگە موھتاج ئوقۇغۇچىلىرىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزگە ‹ياردەم قولى ئىجتىمائىي ياردەم جەمئىيىتى› ۋە شەخسلەر تەرىپىدىن 100 تۈرك لىراسى قىممىتىدە ھېيتلىق كىيىم كىيدۈرۈلدى. كىيىندۈرۈلمىگەن يېتىملىرىمىزغا ھەر ئايلىق ياردەم پۇلىدىن باشقا يەنە كىشى بېشىغا 50 لىرادىن ھېيتلىق قوشۇپ بېرىلدى.»

ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ياردەم خىزمەتلەر بۆلۈمىدىن يېتىم، تۇل، ۋە ياردەمگە موھتاجلارغا تارقىتىلغان نەق ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى ۋە سېتىۋېلىش كارتىسى جەمئىي 40 مىڭ تۈرك لىراسىغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 15 مىڭ تۈرك لىراسى «ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى» تەرىپىدىن جەمئىيەتنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ شۆبىسىدە تارقىتىلىپ بېرىلگەن. دىيانەت ئىشلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن كارتا 5000 لىرا ئەتراپىدا بولغان. ياردەم قولى جەمئىيىتىدىن كەلگەن 500 لىرالىق كارتىمۇ بۇ ئورۇندا تارقىتىلغان.

بىز يەنە ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇھاجىر ئادىل ئابدۇغۇپۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئادىل ئەپەندى، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ بىر قىسىمىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجى قامدالغان بولسىمۇ، بىر قىسىم ئېھتىياجلىق ئائىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈردى.

2009 - يىلى يۈز بەرگەن «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇرلار تۈركىيىگە كېلىشكە باشلىغان بولۇپ 2012 - يىلىدىن باشلاپ تېخىمۇ كۆپلەپ كېلىشكە باشلىدى. تولۇق بولىمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2012 - يىلىدىن 2015 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيىگە 8 مىىڭ بىلەن 10 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ بىر قىسمى سودا - تىجارەت قىلىش، شېركەتلەردە ئىشلەش ئارقىلىق تۈرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىر قىسىملىرى ئىشسىز تۇرمۇش قىيىنچىلىقىغا ئۇچراپ كەلمەكتە ئىكەن. خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ شەرقىي تۈركىستان ئاسىيا ئەللىرى ئارقىلىق تۈركىيىگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمى تايلاند ئارقىلىق كەلگەن بولسىمۇ، كۆپ ساندىكىلىرى مالايسىيە ئارقىلىق كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.