ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر بالىلار يەسلىلىرىدە قىشلىق تەتىل پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2016.01.25
turkiye-istanbul-uyghur-yesli-2016-003.jpg ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدىكى ئۇيغۇر بالىلار يەسىلىسىدىكى پائالىيەتلەردىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Arslan

ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۇيغۇر بالىلار يەسلىلىرىدە 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئوقۇۋاتقان بولۇپ يېقىندا قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلدى.

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەسىس قىلىشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان سافەكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇ رايونلىرىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر يەسلىلىرىدە ئوقۇۋاتقان 200 دىن ئارتۇق ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى بىرىنجى مەۋسۈملۈك ئوقۇشنى تاماملاش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇكاپاتلاش ۋە شاھادەت تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى ۋە قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلدى.

ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدىكى ئۇيغۇر بالىلار يەسىلىسىدىكى پائالىيەتلەردىن بىر كۆرۈنۈش
ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدىكى ئۇيغۇر بالىلار يەسىلىسىدىكى پائالىيەتلەردىن بىر كۆرۈنۈش

مۇراسىمغا ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا - ئانىلىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۆسمۈرلەر ھەر خىل شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى، ناخشا ئوقۇدى ۋە ئۈگەنگەنلىرىدىن ئارىيە تەقدىم قىلدى.

سەفاكۆيدىكى يەسلىدە 110 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان بولۇپ، بىز بۇ يەسلىنىڭ مۇدىرى رەناخانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. رەناخانىم بۇ يەسلىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ، ھازىر ئۇيغۇر يەسلى قۇرئان كۇرسىدا 3 سىنىپ بولۇپ بۇنىڭدا 4 - 6 ياش ئوتتۇرىسىدا جەمئىي 110 دىن ئوقۇغۇچى دەرس ئوقۇۋاتقانلىقىنى، بۇلاردىن 37 نەپىرى تۈرك ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى قالغانلىرى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رەناخانىم ئۇيغۇر يەسلىدە ئۆگىتىلىۋاتقان دەرسلەر توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى، بۇ يەسىلىدە 4 - 6 ياش ئوتتۇرىسىدىكى ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن 2 يىللىق دەرس ئوقۇش پىلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ جەرياندا، ئۇيغۇر تىلى، ماتېماتكىدىن ساناقلار، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ئىسلام دىنىغا ئالاقىدار قىسقا چۈشەنچىلەر، قۇرئان كەرىم، ناماز ئوقۇش قائىدلىرى ۋە دۇئا قىلىش شۇنداقلا مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەت ۋە ئەخلاق دەرسلىرى ئۆگىتىلىشتىن سىرت يەنە، رەسىم سىزىش، رەڭ ۋە شەكىللەرنى تونۇش، زېھنىنى ئاچىدىغان ئويۇنلارنى ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئۇيغۇر يەسلىدىكى ئۆسمۈرلەردىن 7 ياشقا توشقانلار باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلىدىكەن.
ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى ئۇيغۇر يەسىلىسىدىكى بالىلار سىنىپتا
ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى ئۇيغۇر يەسىلىسىدىكى بالىلار سىنىپتا

بىز بۇ يەسلىدە ئوقۇۋاتقان بىر قىسم ئۆسمۈرلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى دىنىي دەرس ۋە قۇرئان ئوقۇشنى، ناماز ئوقۇشنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، ساياھەتكە بارىدىغانلىقىنى، رەسىم سىزىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.

بىز بىر قىسىم ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. بىر ئۇيغۇر ئۆسمۈر، چوڭ بولغاندا نېمە بولىسەن دېگەن سوئالىمىزغا: «چوڭ بولسام ئانامغا ياردەم قىلىمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

بىز بۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئانىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئوغلىنى ئۇيغۇر يەسلىگە بەرگەن ئەلىف باشىئوغلى ئىسىملىك تۈرك خانىم، ئوغلىنى ئۇيغۇر يەسلىگە بېرىشتىكى ئاساسلىق سەۋەبىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: «ماڭا بۇ يەسلىنى باشقىلار تەۋسىيە قىلدى، مەن پەرزەنتىمنىڭ دىنىي تەلىم ئېلىشىنى خالايمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇيەسلىگە بەردىم، مەن بۇ يەسلىدىن بەك مەمنۇن بولدۇم، چۈنكى مېنىڭ ئوغلۇم ھازىر تۆت يېرىم يېشىدا، ئەمما ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي چۈشەنچىلىرىنى ئۆگەندى، ئۆيگە كەلگەندە قۇرئان ئوقۇيدۇ، دۇئا قىلىدۇ. مەن بۇلاردىن بەك مەمنۇن بولدۇم. كېيىنكى مەۋسۇمدىمۇ ئوغلۇم بۇ يەردە ئوقۇشنى داۋام قىلىدۇ. بۇ يەسلىنى ئاچقان ۋە يەسلىدە پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن پۈتۈن ئوقۇتقۇچىلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.»

بىز يەنە دېڭىز ئالتۇنئال ئىسملىك بىر خانىمدىن نېمە ئۈچۈن ئوغلىنى ئۇيغۇر يەسلىگە بېرىشنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىكىنى سورىدۇق. دېڭىز خانىم مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئوغلۇم بۇ يەسلىدە ئوقۇۋاتقىلى ئىككى يىل بولدى. بىز ئوغلىمىزنى، ئاللاھنى بىلسۇن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تونۇسۇن، دىننى ئۈگەنسۇن دېگەن مەقسەتتە بۇ يەسلىگە بەردۇق. بىز ئوغلىمىزنىڭ دىنىي تەلىم ئېلىشى، قۇرئان ئوقۇشى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىلىشى بىزنى بەك خۇشال قىلىدۇ. ئوغلۇمغا ئەجىر سىڭدۈرگەن، بۇ يەسلىنى تەسىس قىلغان ۋە بۇ يەردىكى پۈتۈن ئوقۇتقۇچىلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن دەيمەن. مېنىڭ يەنە بىر كچىك ئوغلۇم بار. ئۇنىڭ يېشى توشقاندا يەنە مۇشۇ يەسلىگە بېرىشنى ئويلاۋاتىمەن. پۈتۈن ئوقۇتقۇچىلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.»

زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۇيغۇر يەسلىدە 100 دىن ئارتۇق ئۆسمۈر ئوقۇيدۇ

ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدىمۇ ئوخشاش شەكىلدە بىر يەسلى ئېچىلغان بولۇپ بۇ يەسىلىدىمۇ 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش ۋە شاھادەت تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى ۋە قىشلىق تەتىل ئۈچۈن قويۇپ بېرىلدى. بىز زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۇيغۇر يەسىلىنى زىيارەت قىلىپ يەسلىنىڭ مۇدىرى خۇرشىدە خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

خۇرشىدە خانىم يەسلى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۇيغۇر يەسىلىدە بۇ مەۋسۇم جەمئىي 100 ئوقۇغۇچى تەربىيىلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 88 نەپىرى ئۇيغۇر پەرزەنتى، قالغانلىرى تۈرك، قازاق ۋە ئۆزبەك ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان.

ئۇيغۇر يەسلىدە 21 - يانۋار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانىلىرى تەكلىپ قىلىنىپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمدا قۇرئان ساۋادىنى چىقارغان ۋە قۇرئاننى يادلاپ تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا شاھادەتنامە تارقىتىپ بېرىلگەن. بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ھەدىيە تەقدىم قىلىنغان. ئىگىلىنىشىچە ئۇيغۇر يەسىلىلەردە يېڭى مەۋسۇملۇق ئوقۇش 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى باشلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.