ئىستانبۇلدىكى پارتلاشتا بىر ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 41 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2016.06.29
istanbulda-partlash-abdulhekim-bughda.jpg

ئىستانبۇل ئاتاتۈرك خەلقئارالىق ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 41 كىشىنىڭ ئىچىدە ئابدۇلھەكىم بۇغدا ئىسىملىك ئۇيغۇرمۇ بارلىقى توغرىلىق خەۋەردىن سۈرەتكە ئېلىنغان. 2016-يىلى 29-ئىيۇن. RFA/Arslan

istanbulda-partlash-abdulhekim-bughda-2.jpg

ئىستانبۇل ئاتاتۈرك خەلقئارالىق ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 41 كىشىنىڭ ئىچىدە ئابدۇلھەكىم بۇغدا ئىسىملىك ئۇيغۇرمۇ بارلىقى توغرىلىق خەۋەردىن سۈرەتكە ئېلىنغان. 2016-يىلى 29-ئىيۇن. RFA/Arslan

istanbulda-partlash-abdulhekim-bughda-1.jpg

ئىستانبۇل ئاتاتۈرك خەلقئارالىق ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 41 كىشىنىڭ ئىچىدە ئابدۇلھەكىم بۇغدا ئىسىملىك ئۇيغۇرمۇ بارلىقى توغرىلىق خەۋەردىن سۈرەتكە ئېلىنغان. 2016-يىلى 29-ئىيۇن. RFA/Arslan

istanbulda-partlash-3-qetim-adem-bomba.jpg

ئىستانبۇل ئاتاتۈرك خەلقئارالىق ئايرودرومىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن رايوندىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 29-ئىيۇن. RFA/Arslan

ئىستانبۇلدىكى ئاتاتۈرك خەلقئارالىق ئايرودرومدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 41 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 239 كىشى يارىلاندى. ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا ئايرودرومدا ئىشلەيدىغان ئابدۇلھەكىم بۇغدا ئىسىملىك ئۇيغۇرمۇ ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ قانلىق ۋەقە 28-ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇل ۋاقتى كەچ سائەت 21:22 دە مەيدانغا كەلدى.

ئىستانبۇل ۋالىيلىقى: 41 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 239 كىشى يارىلاندى

ئىستانبۇل ۋالىيلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «28-ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى ئاتاتۈرك ئايرودرومىدا مەيدانغا كەلگەن زوراۋان تېررورلۇق ھۇجۇم نەتىجىسىدە 41 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئېنىقلاندى. ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن 37 كىشىنىڭ كىملىك سالاھىيىتى ئېنىقلاندى. بۇلاردىن 10 كىشى چەتئەللىك، 3 كىشى قوش ۋەتەنداش ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ۋاپات بولغانلاردىن 19 كىشىنىڭ جەسىتى ئائىلىلىرىگە تاپشۇرۇلدى. ۋەقەدە يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا ياتقان 239 كىشىدىن 109 كىشى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ بولدى. 130 كىشىنى داۋالاش داۋام قىلماقتا. زوراۋان تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە جىنايەتچىلەر ھەققىدە كەڭ تۈردە ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ خائىنلارچە ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، ئائىلە يېقىنلىرىغا سەبىر، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»

تېررورلۇق ھۇجۇم ئۈستىدە تەكشۈرۈش داۋام قىلىۋاتىدۇ

ئىستانبۇلدىكى بەكىركۆي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى تەرىپىدىن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئالاقىدار تەكشۈرۈش داۋام قىلىۋاتىدۇ. 3 تېررورچىنىڭ جەسىتى پۈتۈنلەي پارچىلىنىپ كەتكەن بولۇپ، كىملىك سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقى، چەتئەللىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ساقچى دائىرىلىرى ئايرودرومنىڭ بىخەتەرلىك كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ خاتىرىلىرىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

تېررورچىلارنى ئايرودرومغا ئېلىپ كەلگەن تاكسىچى سوراقتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.

باش مىنىستىر ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇندا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى

تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنئەلى يىلدىرىم، مۇئاۋىن باش مىنىستىر نومان قۇرتۇلمۇش، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالا، قاتناش مىنىستىرى ئەخمەت ئارسلان، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتىمە سايان خانىم قاتارلىق مىنىستىرلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئەنقەرەدىن ئىستانبۇلغا كەلدى ۋە ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇننى كۆزدىن كەچۈردى.

بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمدىن كېيىن تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنئەلى يىلدىرىم ئىستانبۇل ئايرودرومىغا كېلىپ ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇننى كۆزدىن كەچۈردى ۋە باكىركۆي دوختۇرخانىسىدىكى يارىدارلارنى زىيارەت قىلدى. مۇخبىرلارغا ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

باش مىنىستىر بىنئەلى يىلدىرىم، ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىدا سائەت 21:22 دە يۈز بەرگەن پارتلاش ھۇجۇم نەتىجىسىدە دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغان 36 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە كۆپ ساندا كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر بىنئەلى يىلدىرىم، بۇ ھۇجۇمنىڭ بىگۇناھ كىشىلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان پەسكەش بىر تېررورلۇق ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە مۇنداق دېدى: «تېررورلۇق خەلقئارالىق بىر تەھدىت ئىكەنلىكى بۇ ۋەقە بىلەن يەنە بىر قېتىم ئوپئوچۇق ئوتتۇرىغا چىقتى. مەقسىتى، نىشانى نېمە بولۇشتىن قەتئىينەزەر قايسى تەرەپتىن بولسا بولسۇن دۆلىتىمىز بۇ پەسكەش ھۇجۇمغا باش ئەگمەيدىغان مۇستەھكەم ئىرادىگە ۋە كۈچكە ئىگە.»

باش مىنىستىر بىنئەلى يىلدىرىم تېررورچىلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تېررورچىلار بىر تىجارەت تاكسى بىلەن ئايرودرومغا كەلگەن ۋە ھۇجۇم پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرغان، تېررورچىلار ئالدى بىلەن قورالىدىن قارا-قويۇق ئوق ئاتقان، كېيىن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقان 3 ئادەم بومبىنىڭ ھەممىسى ئۆلدى.»

بىنئەلى يىلدىرىم بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا دائىش (ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى) تەشكىلاتىنىڭ پەيدا قىلغان بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەقە يۈز بېرىپ 5 سائەتتىن كېيىن ئايروپىلان قاتناش ئۇچۇشلىرى قايتىدىن ئەسلىگە كەلدى.

تۈركىيە دۆلەت مىقياسىدا بىر كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىنىپ، بايراق يېرىم چۈشۈرۈلدى.

ئابدۇلھەكىم بۇغدا ئىسىملىك ئۇيغۇر ۋەقەدە ۋاپات بولدى

ئىستانبۇل ئاتاتۈرك خەلقئارا ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئابدۇلھەكىم بۇغدا ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشمۇ ھاياتىدىن ئايرىلدى.

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ئابدۇلھەكىم بۇغدا ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ خەۋەرلەر تارقىتىلدى.

مەرھۇم ئابدۇلھەكىم بۇغدانىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن مۇھەممەت توختىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇم ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدا ئانىسى بىلەن ئولتۇرىدىكەن. ئەسكەرلىككە قاتنىشىپ قايتىپ كەلگىنىگە تۆت ئاي بولغان. تۈركىيەنىڭ قانۇنلىرىغا ئاساسەن ياشلار 20 ياشقا توشقاندا ئەسكەرلىككە قاتنىشىپ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەيدۇ، ئۇ ئەسكەرلىككە بېرىشتىن بۇرۇن «چەلەبى» ئىسىملىك بىر تېز يەتكۈزۈش شىركىتىدە خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، شىركەتنىڭ ئاتاتۈرك ئايرودرومىدىكى يۈك سېلىش ئورنىدا ئىشلىگەن.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرىدىن تىبەت يۈجەتۈركنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇلھەكىم بۇغدا ئايرودرومدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۈچ يېرىگە ئوق تېگىپ ئېغىر يارىلانغان ۋە دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۇنىڭ جەسىتى ھازىر ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلمەكتە.

مەرھۇم ئابدۇلھەكىم بۇغدانىڭ دادىسى بۇرۇنلا ۋاپات بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاقىتسىز قازا تېپىشى ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئېغىر مۇسىبەتكە سالماقتا. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار مەرھۇمنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈرۈشمەكتە.

بىز، ئابدۇلھەكىم بۇغدا ۋە بۇ ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز. ئۇنىڭ ئائىلىسىگە شۇنداقلا مۇسىبەتكە ئۇچرىغان بارلىق ئائىلىلەرگە سەبىر تىلەيمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.