جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مەخسۇس تونۇشتۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.11.16
krizisqa-patqan-uyghurlar.jpg جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «كرىزىسقا پاتقان ئۇيغۇرلار: كۈلپەتتىكى مىللەت» تېمىسىدىكى مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 15-نويابىر. ۋاشىنگتون، ئامېرىكا.
RFA/Eziz

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ بارغانسېرى دۇنيا ئاخباراتىدىكى قىزىق تېمىلاردىن بولۇپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرگە قىزىققۇچى كىشىلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە قىسمەن ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولغان بولسىمۇ، يەنە كۆپلىگەن مەسىلىلەردە تېڭىرقاپ قېلىۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىشنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. ئەنە شۇ خىل ئەھۋالغا قىسمەن بولسىمۇ خاتىمە بېرىش ئۈچۈن 15-نويابىر كۈنى كەچقۇرۇن جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «كرىزىسقا پاتقان ئۇيغۇرلار: كۈلپەتتىكى مىللەت» تېمىسىدا مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى.

جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى «كەسپىي تاشقى ئىشلار مۇلازىمىتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مىللەت بويىچە ئىنسان ھەقلىرى، سىياسىي باستۇرۇش ۋە ئىرقىي تازىلاش ساھەلىرى بويىچە نىشانلىق ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

ئالدى بىلەن دولقۇن ئەيسا سۆز ئېلىپ ئۆزىنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئوتتۇز يىل ئىلگىرى مۇشۇ زالدا ئولتۇرغانلارغا ئوخشاش ساددا بىر ئوقۇغۇچى بولغانلىقىنى، ئەمما 1980-يىللاردىن باشلاپ ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان ئۇيغۇرلارنى يەكلەش سىياسىتىگە قارشى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى تەشكىللىگەنلىكى ئۈچۈن 1988-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرمەيلا ئوقۇشتىن ھەيدەلگەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى سۈرەتلەپ بەردى. 

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇماتلارنى بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ رايوننى 1949-يىلى قورال كۈچى ئارقىلىق بېسىۋالغانلىقى، ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرىدىغان ئاپتونومىيە تۈزۈمى ۋەدە قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1950-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي ۋە باشقا ھەقلىرىنى قەدەممۇ-قەدەم بوغۇپ كەلگەنلىكى، گەرچە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇنلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىگەن ھەقلىرى بېكىتىلگەن بولسىمۇ بۇ ماددىلارنىڭ ھېچقاچان ئىجرا بولۇپ باقمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ شۇنىڭغا ئۇلاپلا 2000-يىللارغا قەدەر ئۇيغۇرلارنى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن دۇنيا مىقياسىدىكى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دولقۇنىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا پەردازلاپ كەلگەنلىكىنى، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىمۇ كۆپ قېتىم تېررورچىلار ئىسىملىكىدە ئېلان قىلغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ تا ھازىرغا قەدەر «تېررورچىلار» ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ھەربىي قورال-ياراقلارنى كىنولاردىن باشقا يەرلەردە كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى، بۇ خىل قارىلاشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولسا 2018-يىلى ئوتتۇرىغا چىققان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىدا ئەكس ئەتكەنلىكىنى، بۇ لاگېرلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر دىنىي ئالىملىرى، زىيالىيلىرى، ئىجتىھاتلىق سودىگەرلىرى ۋە چاقناۋاتقان تەنتەربىيە چولپانلىرىنىڭ قامىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداق تۇرۇقلۇق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. 

ئارقىدىن سۆزگە چىققان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن نۇقتىلىق قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك كرىزىسلارنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەر ۋە مۇلاھىزە ماقالىلىرىنىڭ غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ھەر كۈنى ئونلاپ دېگۈدەك ئېلان قىلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى كۆپ قىسىم ھۆكۈمەتلەرگە ۋە شەخسلەرگە مەلۇم بولغان بولسىمۇ بۇنىڭغا قارىتا تېگىشلىك تەدبىر ئېلىنمايۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئىزچىل ھالدا دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان ئىنكاسىنى دەڭسەپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ ئاشكارا ھالدا ئۆز ۋەھشىيلىكىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئېلشات ھەسەننىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى دۇنيانىڭ بۇ ئىشقا ئۇنچە كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرمىگەنلىكى سەۋەبلىك ھازىر زور كۈچ بىلەن «سىياسىي قىرغىنچىلىق» نى داۋام قىلماقتا ئىكەن. گەرچە خىتاي دۆلىتى ياكى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ رايوندا ھازىر ھېچقانداق ئۇرۇش ۋەھىمىسى مەۋجۇت بولمىسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشقا پۈتۈنلەي بولىدىغان كۆپلىگەن قىلمىشلارنى كەڭ مىقياستا سادىر قىلماقتا ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆلەمدە لاگېرلارغا قامىلىشى ۋە تۇتقۇن قىلىنىشى ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ زور ساندىكى ئۆلۈمگە مەھكۇم بولۇشى، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر زىيانكەشلىككە دۇچار بولۇشى، ھاياتلىق شارائىتىنىڭ قەستەن ناچارلاشتۇرۇلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ غەرەزلىك ھالدا توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى، شۇنىڭدەك سەبىي گۆدەكلەرنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا باشقا بىر مىللەتكە ئايلاندۇرۇلۇشى دېگەنلەرگە سەۋەب بولماقتا ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ب د ت نىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىدە «قىرغىنچىلىق» نىڭ تەبىرى ئۈچۈن بېرىلگەن بولۇپ، بۇ خىل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار قاتارىدا ئۇ ھازىرغىچە دەلىللەنگەن كۆپلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ۋە رەسىملىرىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭدەك سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بىر مىللەتنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىشى ھەمدە بۇ خىلدىكى بىر پۈتۈن مىللەتنى يوقىتىش نىشانى قىلغان ھەرىكەتنى نېمە دەپ ئاتاش لازىملىقى ھەققىدىكى خۇلاسىنى شۇ مەيداندا ئولتۇرغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى چىقىرىشىغا ھاۋالە قىلدى. 

دوكلاتتىن كېيىن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى قىزىققان دائىرە بويىچە سوئاللار سورىدى. دولقۇن ئەيسا ۋە ئېلشات ھەسەن ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ جاۋاب بەردى.

دوكلاتتىن كېيىن بىز دولقۇن ئەيسانى ئايرىم زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن بۇ قېتىمقى دوكلاتقا نېمە ئۈچۈن مەكتەپ رايونىنى تاللىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. 

بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر توغرىلىق سۆز قىلغان ئېلشات ھەسەن بۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ھازىر تاشقى دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دىققىتىنى قوزغاشتا ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ زادى قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالدى. 

بۇ قېتىمقى دوكلاتقا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان بولۇپ، شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى ۋېكتور ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى لېكسىيەدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەكمۇ كۆپ مەلۇماتلارنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: 

«بۇ قېتىمقى ئىككى لېكسىيە بەكمۇ ياخشى بولدى، شۇنىڭدەك ھازىرقى مەسىلىنىڭ ئەمەلىيەتتە قايسى دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى ناھايىتى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەردى. مەن باياتىن دەپ ئۆتكىنىمدەك ھازىر كۆپ كىشىلەر بۇ ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ قايسى دەرىجىدە خەتەرلىكى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭدەك بۇنىڭ خەلقئارا ئۈچۈن نېمىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقىدىنمۇ خەۋەرسىز قېلىۋاتىدۇ. چۈنكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مۈشكۈلاتلار قانداقتۇر خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەر، ئۇنىڭ تاشقى دۇنيادىكى كىشىلەر بىلەن ھېچقانچە ئالاقىسى يوق، دەپ قارىلىۋاتىدۇ. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تەشكىلاتلار، خەلقئارالىق مەسىلىلەر ۋە خەلقئارالىق سەھنىلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي تازىلاش ھەرىكىتىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىپ كەلمەكتە.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.