كانادا مۇتەخەسسىسى: كانادا –خىتاي قوش دۆلەت مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ماقۇللاش مۇمكىنچىلىكى تۆۋەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رۇقىيە
2013.10.26
kanada-xitay-oktichi-kishilik-hoquq-305.png كانادادىكى خىتاي ،ئۆكتىچىلىرى ۋە بىر قىسىم كانادالىق سىياسەتچىلەر خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە كانادا خىتاي مۇناسىۋۋەتلىرى ناملىق يىغىندا
RFA/Gulshen

 

«يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان كانادا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى كانادا خىتاي قوش دۆلەت مەبلەغ كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشقا ئالدىراتتى.
كانادا ھۆكۈمىتى، خىتايغا مەبلەغ سالىدىغان كانادا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا ئادىل مۇئامىلىگە ئۇچرىماسلىقىدىن ئەنسىرىگەچكە ۋە شۇنداقلا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كاناداغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشىغا يول قويۇلسا، بىرمۇنچە كانادا يەرلىك قانۇنلىرىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدىغان بولغاچقا، بۇ شەرتنامىنى تەستىقلاشنى كەينىگە سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.
كانادا خىتاي تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى دوكتور چارلېز بۇرتون بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىر كاناداغا مەبلەغ سالغان خىتاي شىركەتلىرى كانادا قانۇنىنىڭ مۇستەقىل ھالدا قوغدىشىغا ئېرىشەلەيدۇ، خىتايدا ھۆكۈمەتتىن مۇستەقىل تۇرىدىغان قانۇن گەۋدىسى بولمىغاچقا، خىتايغا مەبلەغ سالغان كانادا شىركەتلىرى بۇ ئەۋزەللىكتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. ئەگەر كانادا، كانادا- خىتاي قوش دۆلەت مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ئىمزالايدىغان بولسا، نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كاناداغا مەبلەغ سېلىشى، بايلىقلارنى ئېچىشى، ئېنېرگىيىلەردىن پايدىلىنىشىغا يول قويۇشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندا مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى ۋە يەرلىكلەردە پەيدا بولىدىغان ئىشسىزلىق مەسىلىسى دېگەندەك بىر تۈرلۈك مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ. كانادانىڭ يەرلىكلەرنى قوغدايدىغان قانۇنلىرى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ.
دوكتور بۇرتون، يەنە ئەگەر كانادا بۇ شەرتنامىگە ئىمزا قويسا بۇنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقتىن ئۇلار كاناداغا ئىچكىرىلەپ كىرىۋالغاندىن كېيىن كانادا ھۆكۈمىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇشىنى سۇسلاشتۇرۇشقا ۋە يوققا چىقىرىشقا تىرىشىدۇ.
ئەمما، دوكتور بۇرتوننىڭ ئانالىزلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە كانادانىڭ بۇ شەرتنامىنى ماقۇللاش مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك. چۈنكى بۇ شەرتنامىنى پارلامېنت قاراردىن ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ كانادا يۇقىرى سوت مەھكىمىسى بۇ شەرتنامىنى كانادا يەرلىك قانۇنلىرىغا زىت كېلىدۇ دەپ قاراپ بىكار قىلىدىغانلىقى مۇقەررەر.
خىتاي بىلەن كانادا خىتاي قوش دۆلەت مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى تۈزەش كۆز قارىشى باش مىنىستىر ستېفېن خارپېر سودىدا ئامېرىكىغا يۆلىنىپ قالماي، تەرەپ-تەرەپكە كېڭىيىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن كېلىپ چىققان.
لېكىن، يېقىندىن بېرى كانادا ياۋروپا بىرلىكى بىلەن سودا قىلىشنى پۈتۈشۈۋاتقان بولۇپ، بۇ كانادانى خىتاي بىلەن سودا قىلىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغانلىقى مەلۇم.


«يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان كانادا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى كانادا خىتاي قوش دۆلەت مەبلەغ كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشقا ئالدىراتتى. 
كانادا ھۆكۈمىتى، خىتايغا مەبلەغ سالىدىغان كانادا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا ئادىل مۇئامىلىگە ئۇچرىماسلىقىدىن ئەنسىرىگەچكە ۋە شۇنداقلا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كاناداغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشىغا يول قويۇلسا، بىرمۇنچە كانادا يەرلىك قانۇنلىرىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدىغان بولغاچقا، بۇ شەرتنامىنى تەستىقلاشنى كەينىگە سۈرۈپ كەلگەن ئىدى. 
كانادا خىتاي تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى دوكتور چارلېز بۇرتون بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىر كاناداغا مەبلەغ سالغان خىتاي شىركەتلىرى كانادا قانۇنىنىڭ مۇستەقىل ھالدا قوغدىشىغا ئېرىشەلەيدۇ، خىتايدا ھۆكۈمەتتىن مۇستەقىل تۇرىدىغان قانۇن گەۋدىسى بولمىغاچقا، خىتايغا مەبلەغ سالغان كانادا شىركەتلىرى بۇ ئەۋزەللىكتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. ئەگەر كانادا، كانادا- خىتاي قوش دۆلەت مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ئىمزالايدىغان بولسا، نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كاناداغا مەبلەغ سېلىشى، بايلىقلارنى ئېچىشى، ئېنېرگىيىلەردىن پايدىلىنىشىغا يول قويۇشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندا مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى ۋە يەرلىكلەردە پەيدا بولىدىغان ئىشسىزلىق مەسىلىسى دېگەندەك بىر تۈرلۈك مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ. كانادانىڭ يەرلىكلەرنى قوغدايدىغان قانۇنلىرى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. دوكتور بۇرتون، يەنە ئەگەر كانادا بۇ شەرتنامىگە ئىمزا قويسا بۇنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقتىن ئۇلار كاناداغا ئىچكىرىلەپ كىرىۋالغاندىن كېيىن كانادا ھۆكۈمىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇشىنى سۇسلاشتۇرۇشقا ۋە يوققا چىقىرىشقا تىرىشىدۇ.
ئەمما، دوكتور بۇرتوننىڭ ئانالىزلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە كانادانىڭ بۇ شەرتنامىنى ماقۇللاش مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك. چۈنكى بۇ شەرتنامىنى پارلامېنت قاراردىن ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ كانادا يۇقىرى سوت مەھكىمىسى بۇ شەرتنامىنى كانادا يەرلىك قانۇنلىرىغا زىت كېلىدۇ دەپ قاراپ بىكار قىلىدىغانلىقى مۇقەررەر. 
خىتاي بىلەن كانادا خىتاي قوش دۆلەت مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى تۈزەش كۆز قارىشى باش مىنىستىر ستېفېن خارپېر سودىدا ئامېرىكىغا يۆلىنىپ قالماي، تەرەپ-تەرەپكە كېڭىيىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن كېلىپ چىققان.
لېكىن، يېقىندىن بېرى كانادا ياۋروپا بىرلىكى بىلەن سودا قىلىشنى پۈتۈشۈۋاتقان بولۇپ، بۇ كانادانى خىتاي بىلەن سودا قىلىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.