كانادانىڭ بىرقانچە شەھىرىدە خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.01.04
Kanada-Birleshme-Namayish-2018-01.jpg كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش.
RFA/Mehriban

4-يانۋار ئەتىگەن كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى قاتارلىق پائالىيەتچىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كانادانىڭ تورۇنتو، مونتېرىيال ۋە ۋانكوۋىر شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

كانادانىڭ مونتېرىيال شەھىرىدىكى نامايىش يېتەكچىلىرىدىن نۇرمەمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان نارازىلىق نامايىشىغا مونتېرىيال شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلاردىن خېلى كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. 4-يانۋار ئەتىگەن ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشىغا قارىماي مونترىيال ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ نامايىش مەيدانىغا ئەتىگەندىلا يىغىلغان. 

كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تورۇنتودا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشىنى كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما نامايىشقا كانادادا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، خىتاي دېموكراتلىرى، تىبەتلەر، فالۇنگوڭچىلار ۋە «بىر ئەركىن دۇنيا» تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىمۇ ئاۋاز قوشقان. 

نامايىش مەيدانىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تورۇنتو شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشىدا خىتاينىڭ «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش، خىتاي تۈرمىسىدە يىللاردىن بۇيان قامىلىپ يېتىۋاتقان ھۈسەيىن جېلىلنى ئازاد قىلىش، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا تۇتقۇن قىلغان كانادا پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنىپ، خىتايغا قارشى نارازىلىق شوئارلىرى توۋلانغان. 

نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كانادادىكى «بىر ئەركىن دۇنيا» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى مەجىت ئەپەندى، خىتاي دېموكراتلىرىدىن شېڭ شۆ خانىم ۋە كانادادىكى خرىستىيان جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئىشتىراك قىلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى.

«بىر ئەركىن دۇنيا تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقى مەجىت ئەپەندى سۆزىدە مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ ئۆز پائالىيەتلىرىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دائىرىلەر تەرىپىدىن ئېزىلىشكە ئۇچراۋاتقان ئاز سانلىقلارنىڭ ھەقوقۇقىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان چېكىدىن ئاشقان باستۇرۇشىغا قارىتا پۈتكۈل دۇنيانىڭ يەنىلا سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايدا ھازىر دىكتاتورلۇق تۈزۈم كۈچىيىۋاتىدۇ. ئۇ يەردە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، فالۇنگوڭچىلار ۋە خرىستىيان مۇرتلىرى باستۇرۇلىۋاتىدۇ. ئۇ يەردىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلار، فالۇنگوڭچىلار ئىزتىراپ چېكىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرى ئېلىنىۋاتىدۇ. ئەمما پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆزى خىتيايدىن كېلىدىغان پۇلدا ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتتە بولغىنى ئۈچۈن بۇ جىنايەتلەرگە سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ. ئەمما بىز پۇل-مەنپەئەتنى دەپ ئۇ يەردە بولۇۋاتقان جىنايەتلەرگە سۈكۈت قىلماسلىقىمىز كېرەك. نارازىلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.»

ئۇ يەنە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە ئىنكاس قايتۇرماي سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىدى.

«كانادا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ مەسىلىدىكى خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسى بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈۋاتىدۇ. چۈنكى كانادا ھۆكۈمىتىمۇ ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى ۋە پۇلنى كۆزلەۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ئەھۋال ئۆزگىرىشى كېرەك! كانادا ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيا خىتايغا قارىتا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشى ۋە تېخىمۇ كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىشى كېرەك!»

خىتاي دېموكراتلىرىدىن شېڭ شۆ خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ خىل نارازىلىق نامايىشلىرىغا دائىم قاتنىشىپ تۇرىمەن. مەن تورۇنتودا تۇرۇۋاتقىنىمغا 30 يىلغا يېقىنلاشتى. مەن ئۆزۈممۇ بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنداق نارازىلىق نامايىشلىرىدىن 100 دىن ئارتۇقىنى تەشكىللىدىم دېسەم بولىدۇ. چۈنكى بۈگۈن بىزنىڭ بۇ يەردە بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بېرىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دېمەكچى بۇلغىنىم كومپارتىيە خىتايدا ھاكىمىيەت ئورناتقاندىن بۇيان ئۇ يەردىكى خەلقلەر ئۈزلۈكسىز ھالدا كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ يەردىكى خەلقلەر كومپارتىيەنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشكە، قارشىلىق قىلىشقا ئامالسىز ھالەتتە. 50-يىللار، 60-يىللار، 70-يىللار، ھەتتا 80-90-يىللاردىن كېيىنمۇ ئۇ يەردە كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى داۋاملىق يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بولسا مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر جاز لاگېرلىرىغا قامىلىپ، ئۇلارغا قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ. ئەگەر بىز ئەركىن دۇنيادا ياشاپ تۇرۇقلۇقمۇ بۇخىل جىنايەتكە سۈكۈت قىلساق، ئۇ ھالدا ئىنسانلىققىمىزغىمۇ يۈز كېلەلمەيمىز.»

كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەكرەم ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ كانادا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن ۋاقىتقا توغرا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ نارازىلىق نامايىشىدىن ئىلگىرىكى تەشۋىقات خىزمىتى ياخشى ئىشلەنگەنلىكى ئۈچۈن نامايىش مەيدانىغا كانادادىكى تەسىرى نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. 

كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى 4-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭ 2019-يىلى كىرىشى بىلەن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق نامايىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.