ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دەلىللىدۇق

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.10.31
lager-derwazisi.jpg ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاينىڭ 13-دېۋىزىيەسى «تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ ئالدى دەرۋازىسى. 2017-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلى، قۇمۇل.
BITTER WINTER

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ دەلىللەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېرىمىي ھۇنت سەيشەنبە كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ يىغىنىدا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئەنگلىيە دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ «ئومۇميۈزلۈك توغرا» ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەنلىكىنى ئېيتقان.

جېرىمىي ھۇنت، ئەنگلىيە دىپلوماتلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندا قەيەرلەرنى زىيارەت قىلغانلىقى، كىملەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە دائىر كونكرېت تەپسىلاتلارنى چۈشەندۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما زىيارەتنىڭ بۇ يىل 8‏-ئايدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى، زىيارەت نەتىجىسىدە «بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىدە پىكىر ئورتاقلىقىدا بولغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

جېرىمىي ھۇنت چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىچىدە ھازىرغا قەدەر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ دەلىللەنگەنلىكىنى ئاشكارا ئېلان قىلغان تۇنجى مىنىستىر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارىدۇر. ئۇ ئەنگلىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بىز بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە ناھايىتى ئەندىشە بىلەن دىققەت قىلماقتىمىز. بىز بۇ يىل 8‏-ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىسىگە دىپلوماتىك زىيارەت ئېلىپ باردۇق. ئۇلار بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىكەنلىكىدە ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلدى. مەن خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بىز ئۇ يەردە بولۇۋاتقان ئىشلاردىن داۋاملىق پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قىلىمىز» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىدى ۋە بېسىمىغا ئۇچرىماقتا. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ لاگېرلاردىكى ئاز دېگەندە بىر مىليوندەك ئۇيغۇرغا قارىتا جىسمانىي ۋە روھىي ئىسكەنجە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىلىرىنى ئەيىبلەشكە، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇرلىماقتىكەن. بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، جېرىمىي ھۇنتنىڭ سۆزى خىتايغا بېرىلگەن سىياسىي سىگنالدۇر.

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى‏-ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم مۇنداق دەيدۇ: «دەلىللەرگە قارىغان ھەرقانداق بىر كىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى ئاقلىشى ۋە ئىنكار قىلىشىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىغا گۇمان قىلمايدۇ. مېنىڭچە يۇقىرى دەرىجىلىك بىر غەرب ئەمەلدارىنىڭ ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىشى، ئۆزلىرى ئېلىپ بارغان دىپلوماتىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دەلىللىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئىنكار قىلىشلىرىغا قارىتا قارشى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ سىياسىي سىگناللىق رولى زور. بۇنىڭ دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن سىياسىي سىگناللىق رولى زور دېيىشكە بولىدۇ. . . . . . . . . . شۇڭا مېنىڭچە بۇ سىگنال بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ مەزكۇر مەسىلىدە جىددىي ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بەلكى ئۇ، ب د ت نىڭ كېلەر ھەپتە باشلىنىدىغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش يىغىنىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن».

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى «قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش» يىغىنى 6‏-نويابىر باشلىنىدۇ. جېرىمىي ھۇنت دەل بۇ يىغىننىڭ ھارپىسىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى دەلىللەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ھازىر ب د ت ۋە غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتنىڭ لاگېرلار مەسىلىسىدە كونكرېت تەدبىر قوللىنىش ۋاقتىدۇر. ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە ماھمۇت خانىم مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھازىر ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كەتتۇق. چۈنكى، ئۇنىڭ ئۆزى بۇنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتىدۇ. ئەمدىكى مەسىلە تەلەپ قويۇش. ھەقىقەت بۇ، بۇنىڭغا سىلەر قانداق قىلىشىڭلار كېرەك؟، دېگەندەك».

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەنگلىيە خىتاينىڭ پايدا-زىيىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك. رەھىمە ماخمۇت: «ھازىرقى ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىگە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە بولدى، دەپ تەنقىد قىلىشتىن ھالقىپ كەتتى. مەسىلەن، ھازىرقى مەسىلە بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پايدا-زىيان توغرىسىدا قانداق تەدبىر ئېلىش مەسىلىسىدۇر. قايسى يولنى تاللىغاندا خىتاينى بۇ مەسىلىدە ئويلىشىدىغان بىر يەرگە ئەكەلگىلى بولىدۇ دېگەندە ئىزدىنىشىمىز كېرەك. ئىزدىنىپ قايسى تەلەپنى قويسا ھەم ئۈنۈملۈك ھەم ئەمەلگە ئاشۇرغىلى ھەم رېئالىستىك بولىدۇ؟، شۇنى تېپىشىمىز كېرەك».

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا سۈكۈت قىلىش بىلەن تەنقىد قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەركىنلىك سارىيىدىكى ساراھ كۇكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان دەپسەندىچىلىكنىڭ ئاشكارىلىنىشى ۋە بۇنىڭ ۋەھىمىسى بۇ سۈكۈتنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسى نۇرغۇن مەسىلىلەردە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نازارىتى ۋە تەنقىدىدىن قېچىپ قۇتۇلۇپ كەلدى. چۈنكى، خىتاينىڭ ئىقتىسادى كۈچى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇنى دىپلوماتىك ئالاقىلەردە قوللىنىشى سەۋەبلىك چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلغان. بىراق شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ جىددىيلىكى، بۇنىڭغا دائىر ئېنىق دەلىللەر، دەپسەندىچىلىكنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ۋە زوراۋانلىق خاراكتېرى سۈكۈتنى بۇزۇپ تاشلىدى».

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزى بىر سىياسىي بايانات بىلەن چەكلىنىپلا قالماي، كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلىنىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ: «شۇنىڭدىلا بۇ، زوراۋانلىقنى ئازايتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشى، تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا ۋە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈمىدى يارىتىدۇ» دېدى.

ئەنگلىيە تاشقى مىنىستىرى خىتاي ھۆكۈمىتى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ، بۇ ئورۇنلارنى «كەسپىي تەربىيە مەركەزلىرى» دەپ پەردازلاۋاتقان مەزگىلدە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى دەلىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، كىشىلەرگە بۇ لاگېرلاردا «كەسپىي تەربىيە» ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، بۇ لاگېرلارنى كىشىلەر ئىختىيارى قاتنىشىدىغان، ئەسلىھەلىرى تەلتۆكۈس بىر تەتىل ئورنىدەك تەسۋىرلىگەن. ئارقىدىنلا خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ ئورۇنلاردىكى ئاتالمىش «ئوقۇغۇچىلار» نى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار ئارقىلىق لاگېرلارنى پەردازلاشقا كىرىشكەن. ئۇلار بۇ لاگېرلاردا يېتىپ چىققان ياكى ئۇنىڭدا ئىشلىگەن چەتئەلدىكى بەزى شاھىتلارنىڭ بايانلىرىغا پۈتۈنلەي زىت بىر مەنزىرە ياراتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.