فەرھات تانرىداغلى: ئۇيغۇرلار مىللىي كىملىك جەھەتتىن بىرلىشىشى كېرەك

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.09.08
Perhat-tengritaghli.jpg تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى. 2015-يىلى مارت، تۈركىيە.
RFA/Arslan

فەرھات قۇربان تانرىداغلى ئەپەندىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى مىللىي ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك كۈرىشى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

تۈركىيەدە كۆپ تارقىتىلىدىغان «خابەر ئاجاندا» ژۇرنىلىنىڭ 9-ئايلىق سانىدا بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىستانبۇل مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن فەرھات قۇربان تانرىداغلى ئەپەندىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى مىللىي ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك كۈرىشى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ 133 يىلدىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ئىنقىلابىنى خىتاينىڭ بۇرمىلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقاندەك تېررورلۇق پائالىيىتى بولماستىن، بەلكى مىللىي ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك كۈرىشى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. بىز ماقالە توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ماقالىنىڭ ئاپتورى در. فەرھات قۇربان تانرىداغلى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

دوكتور فەرھات قۇربان تانرىداغلى ئەپەندى ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنى خەلقئارادىكى بەزى تېررورلۇق گۇرۇپپىلارغا چېتىپ قارىلاش ئارقىلىق بەزى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، بۇ ماقالىنى يېزىشتىكى ئاساسىي مەقسىتىنىڭ تۈرك خەلقىگە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خاراكتېرىنى چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دوكتور فەرھات قۇربان تانرىداغلى ئەپەندى ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېيىنكى يىللاردا تۈركلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي دەۋاسىغا بولغان كۆز قارىشىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ بۇرمىلاش ئۈچۈن تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بۇنىڭغا قارىتا ئۇيغۇرلار تەدبىر ئالمىسا، تۈرك خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا بولغان كۆز قارىشىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بۇ مەقسەت بىلەن بۇ ماقالىنى يازغانلىقىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى قوللاۋاتقان ژۇرنالنىڭ بۇ ماقالىنى باسقانلىقىنى، بۇنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور فەرھات قۇربان تانرىداغلى ئەپەندىنىڭ «خابەر ئاجاندا» ژۇرنىلىنىڭ 9-ئايلىق سانىدا ئېلان قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى مىللىي ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك كۈرىشى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي سەۋىيىسىنىڭ كەمچىل بولۇشى، سىياسىي كۆز قاراشلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئوخشاش بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەگە كېتىپ قالغانلىقىنى، بۇنى باھانە قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي دەۋاسىنى خەلقئارا تېررورىزمغا باغلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىدە بىرلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى مەسئۇلى خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى دوكتور فەرھات قۇربان تانرىداغلى يازغان «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى مىللىي ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك كۈرىشى» ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ ئىشەنچلىك مەنبەلەرگە تايىنىپ يېزىلغان ماقالە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىي ئالىبەيوغلۇ، فەرھات قۇربان تانرىداغلى ئەپەندى ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغاندەك  يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تېررورىزمغا  چېتىپ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارشى دوكتور فەرھات تانرىداغلى ئەپەندى يازغاندەك ماقالىلەرنىڭ كۆپلەپ يېزىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلاردا كىشىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. تىجارىي مەقسەتلەر ئۈچۈن بەزى تۈرك ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. خىتاي تۈركىيەدە نېمە قىلسا قىلسۇن، نېمە دېسە دېسۇن بۇنى بىر تېررورلۇق ھەرىكەتكە چاتالىشى مۇمكىن ئەمەس.  بەزى كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتەلىشى مۇمكىن، ئەمما تۈرك خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي دەۋاسىغا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.  شۇنداق بولسىمۇ دوكتور فەرھات قۇربان تانرىداغلى ئەپەندى يازغاندەك ماقالىلەرنىڭ كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشى كېرەك. تۈرك خەلقىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئىزچىل ھالدا مەلۇمات بېرىپ تۇرۇش كېرەك دەپ ئويلايمەن.»

خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى «خابەر ئاجاندا» ژۇرنىلىنىڭ ھەر سانىنىڭ 100 مىڭ ئەتراپىدا بېسىلىدىغان چوڭ ژۇرنال ئىكەنلىكىنى، بۇ ماقالىنىڭ ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ژۇرنىلى ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى سىياسەتچىلەرگە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بۇنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

«خابەر ئاجاندا» ژۇرنىلى تۈركىيەدە ئايدا بىر قېتىم چىقىدىغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر توغرىسىدا يېزىلغان ماقالىلەر ئېلان قىلىنىدىغان ژۇرنال بولۇپ، 2 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 10 پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.