مىسىردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىشقا خىتاي ئامانلىق خادىملىرىنىڭ قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.07.24
misirda-uyghur-tutqun-yol-tekshurush.jpg ئايرودرومغا كېتىۋاتقان يولۇچىلارنى تەكشۈرۈۋاتقان مىسىر ساقچىلىرى.
AFP

يەكشەنبە كۈنى 4 نەپەر خىتاي ئامانلىق خادىمى قاھىرە شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسى تۇرۇشلۇق بىناغا كېلىپ، ئۇنى تۇتۇشقا كىرىشكەن. بىراق، بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئەھۋالنى تۇيۇپ قېلىپ، دەرھال قېچىپ چىقىپ كەتكەن. بۇ ئوقۇغۇچى دۈشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ 4 نەپەر خىتاي ئامانلىق خادىمى، ئىككى مىسىر ئىستىخبارات خادىمىنىڭ ھەمراھلىقىدا كەلگەنلىكىنى، ئۇلار بىناغا كىرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق بىنانىڭ كۆزەتچى خادىمى ئۇلارنى كىرگۈزمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئوقۇغۇچى: بىز 3-4 ئۇيغۇر بالىلار ئىدۇق. ئائىلىدىكىلەرنى ئېلىپ كېلىپ ئولتۇرغانتۇق. بىر يەرگە بېرىپ كېلىمىز، دەپ چىقىپ كېتىپ ئايلىنىپ قايتىپ كەلدۇق. قايتىپ كىرىپ پېشىننى ئوقۇدۇق. پېشىننى ئوقۇپ بولۇپ تۇرساق، بىزنىڭ ئاغىنە بالىلارنىڭ بىرىنىڭ بالىسى قىزىپ كېتىپتىكەن، ئايالىغا دەپ دوختۇرخانىدىن دورا ئېلىپ كىردۇق. ئايالى دورىخانىغا دورا ۋە ئوكۇل سالدۇرۇشقا چۈشۈپ كەتكەن. بىردەمدىن كېيىن قىزى يۈگۈرۈپ چىقىپتۇ، دادا تۆۋەندە خىتايلار تۇرىدۇ، دېدى. بىردەمدىن كېيىن، بىزنىڭ ئۆيگە تۆۋەندىكى قەۋەتتىن تېلېفون قىلىپتۇ. چوڭ قىزىم ئېلىپ بىر نېمىلەرنى دەپ ماڭا تۇتقۇزۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئەرەبچە بىرىنى سورىغاندەك قىلدى. خاتا نومۇرغا قىلىپسەن، دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتىم. بۇ ئارىدا ئايالىمغا سەن گەپ قىل دېسەم، ھازىر جۇڭگولۇقتىن بىرى گەپ قىلدى دېدى. ئايالىم، بۇ جۇڭگولۇق ئەمەس، ئۇ مېنىڭ يولدىشىم دېگەن بولدى. ئۇ، ياق، ئۇ جۇڭگولۇق دەپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئايالىم ئىككىمىز چۈشۈپ باقايلى، دەپ، بالىلارنى مۆكتۈرۈپ قويۇپ، پەسكە چۈشتۇق. تۆۋەنگە چۈشۈپ قارىسام، ئىشىك ئالدىدا بىر خىتاي تۇرىدۇ. سىرتىدىكى ئادەم ئىچىنى كۆرەلمەيدۇ.. مەن ئىچىدە تۇرۇپ ئايالىمنى چىقاردىم.

مۇخبىر: خىتايلار تالادا ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، سىز ئىچكىرىدە ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىز؟

ئوقۇغۇچى: ھەئە، ئىشىك ئالدىدا تۇرىدۇ. بىزنىڭ ئىشىككە قارايدىغان ئامانلىق خادىمى كىرگۈزمەپتۇ ئۇلارنى. شۇنىڭ بىلەن ئايالىم چىقىپ، بۇ يەردە جۇڭگولۇق يوق دېسە، ئۇ خىتاي قوپۇپ، جۇڭگولۇق بار دەپ ئايالىمغا سەت ۋارقىراپتۇ. شۇنىڭ بىلەن گەپ سۆز قىلغاي قارىسا، ئۇ قولىدىكى يوغان تېلېفوندا پاسپورتتىكى نەرسىلەرگە قاراپ ئىزدەۋېتىپتۇ. ئىشىككە قارايدىغان ئامانلىق خادىمى يوق دەپتۇ. ئايالىم چىقىپ قارىسا، ئۇلاردىن بىرى مىسىرلىقكەن. چىرايىدىن ئىستىخباراتنىڭ ئادىمىدەك قىلىدۇ، دەيدۇ.

مۇخبىر: ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مىسىرلىقمۇ بارمىكەن؟

ئوقۇغۇچى: ھەئە، مىسىرلىقلار. 3 خىتاي ماشىنىنىڭ ئىچىدە ساقلاپ، بىر خىتاي ئىشىكنىڭ ئالدىدا ساقلىغان گەپ. بىردەمدىن كېيىن ئۇ ساقچى چىقىپتۇ، چىقىپ، رەسىمدىكى ئادەمنى تاپتىڭمۇ دېسە، ياق، دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنداق بولسا ھېلىقى يەرگە بېرىپ باقايلى، دەپ يېنىمىزدىكى بىناغا كىرىپ كەتكەن ئوخشايدۇ. شۇ ئارىدا بالىلار دەرھال چىقىپ كەتتى. مەنمۇ بىردەمنىڭ ئارىلىقىدا چۈشتۈم. شۇ، ئاشۇنداق تەستە قۇتۇلۇپ چىقتۇق. خۇدايىم بىر ساقلىدى. ئاخشامدىن بېرى بىز سىرتتا، كېچىچە بىز ئۇيقۇسىز بالىلار بىلەن. سىرت ئىسسىق ئۇنىڭ ئۈستىگە. ئۇ بالىلارنىڭ قورسىقى ئاچ، ياكى يۇيۇنالمىغان، ھەتتا ناماز ئوقۇيدىغانغىمۇ سۇ تاپالماي ئاشۇنداق بولۇپ كېتىپ بارىمىز. مېڭەم دېگەن قاتتىق ئاغرىۋاتىدۇ، ھازىر. شۇنداق قىلىپ ئاخشامنىڭ ياقى سەرسان بولۇپ يۈردۇق. بالىلىرىمنىڭ يىغىسى، ئايالىمنىڭ يىغىسىنى دېمەيسىز، ئۇمۇ نېمە ئىش بولۇپ كەتتى، دەپ كۆز يېشى قىلىپ، مانا ھازىر 24 سائەت بولۇپ قاپتۇ، تۈنۈگۈن ئەسىردىن بېرى ئارام ئالالمىدۇق، دەڭە.

مۇخبىر: بىرىنىڭ قولىدا سىزنىڭ رەسىمىڭىز بار، دېدىڭىزمۇ بايام؟

ئوقۇغۇچى: ئاشۇ خىتاينىڭ قولىدا پاسپورتنىڭ رەسىملىرى باركەن دەيدۇ. بىزنىڭ خوتۇن كۆرۈپتۇ. ‹ۋاتىسئاپ› تە گەپ قىلدى، دەيدۇ. مەن تېلېفوننى ئويناۋاتقانلىقىنى ئىچىدە تۇرۇپ كۆردۈم. ئەمما ئايالىم، تېلېفوندا پاسپورتتىكى رەسىملەر باركەن دەيدۇ. يېقىنراق بولغان بولسا، رەسىمدىكىلەرنى كۆرەلەيتتىم دەيدۇ. بىزنىڭ ئىشىككە قارايدىغان ئادەممۇ قورقۇپ كېتىپتىكەن. كېيىن ئايالىم ئايالى بىلەن پاراڭلاشسا، بۇ يەردە جۇڭگولۇقلار باركەن، دەپلا كەلدى دەيدۇ. بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ بولۇپتىكەن، لېكىن ئىشىككە قارايدىغان ئادەم بۇ يەردە جۇڭگولۇق يوق دەپ، چىقىرىۋەتسەك ئىشىكنىڭ تۈۋىدە تۇرۇۋالغان گەپ. بىرىنىڭ رەسىملىرى باركەن دەيدۇ.

مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى 2‏-ئىيۇل باشلاندى. يېقىندا، مىسىر ئىستىخبارات دائىرىلىرىنىڭ قاھىرەدىكى بىر قانچە ساقچى پونكىتىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 73 نەپەر ئۇيغۇرنى يۆتكەپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. مىسىردا تۇرۇشلۇق يۇقىرىقى ئوقۇغۇچى دۈشەنبە كۈنى بەرگەن ئۇچۇرىدا، ھازىر مىسىر ئىستىخبارات دائىرىلىرىنىڭ قولىدا 95 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوقۇغۇچى: ئۇ بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئادۋوكات ئالدىنقى كۈنى بېرىپ ئىگىلىگەن. ئۇلارنىڭ سانىغا ئىگە بولغان ئىدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ قاھىرەدە تۇتۇلغانلار بولۇپ 95 بالا. ئەسلى 96 بالا. لېكىن قاھىرەدىكى مەركەزدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلار 95 بالا. ئۇلارنىڭ 73 نەپىرى قاھىرەدە تۇتۇلغانلار. 16 نەپىرىنى ئىسكەندىرىيەدىن ئەكەلگەن. 5 ئى غۇردەقەدە تۇتۇلغان. يەنە ئىككىسى قاھىرەدىن تۇتۇلغان. شۇنداق قىلىپ جەمئىي 96 بولدى، بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سانى. 95 بالا ئىستىخباراتنىڭ قولىدا، بىر بالا مۇشۇ قاھىرەدىكى ساقچىخانىدا. ئۇنىڭ بىلەن 96 بولىدۇ.

مۇخبىر: بەزى خەۋەرلەردە خىتاي ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ ئادەملىرىنى كېلىپ سوراق قىلىۋاتىدۇ، دېگەن گەپ تارقالغان. سىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ باقتىڭىزمۇ؟

ئوقۇغۇچى: ئۇنى مەن ئادۋوكاتتىن سورىدىم. ئۇ كۆرۈشۈپتىكەن، شۇ يەردىكى باش ساقچى بىلەن، كۆرۈشسە، بۇ يەرگە كىرىپ سورىغىنى يوق، ئەمما كونسۇلدىن بىر ئادەم كېلىپ بۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ كەتتى دەپتۇ. ئەمما سوراق قىلغان ئىشلارنى بىز بۇ يەردە كۆرمىدۇق ھەم بىز ئۇنداق قىلدۇرمىدۇق دەپتىكەن. قالغىنىنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. ئەتىگەننىڭ ياقى نەچچە خىل، نەچچە ياڭزا خەۋەر ئاڭلىدىم.

مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇلار مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. گېرمانىيە «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى»، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مىسىر بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتىدە مىسىردىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېلىئۇس دۈشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئىلتىماس قىلدۇق. چۈنكى، بۈگۈن مىسىر -ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىرلەشمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بىز ئۆتكەن جۈمە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىسسارى فېدىرىكا مۇغارېنىنىڭ مىسىر بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ مىسىر دائىرىلىرىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قويۇپ بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى، ئۇلارنىڭ مىسىردىن ئايرىلىپ 3‏-بىر دۆلەتكە كېتىشىگە پۇرسەت بېرىشىنى تەلەپ قىلىشىنى ئىلتىماس قىلدۇق.»

ئۇلرىخ دېلئىۇس يەنە، مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلار خىتايغا قايتىپ كەتسە بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا، ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشى زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بۇ يەردىكى يەنە بىر مەسىلە، ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسى. ئۇلار دائىم بىزنىڭ ئۆزىدە يېتەرلىك مەسىلە بار، دەپ، ھەر قايسى دۆلەتتىكى ھاكىمىيەتلەر بىلەن كۆپ ئىختىلاپ يۈز بېرىشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر قايسى ئەللەردىكى ئىشخانىلىرىغا باش ئۇرغان كىشىلەرگە پاناھلىق بېرىشنى بەك ئارزۇلاپ كەتمەيدۇ. بىراق، مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى پەۋقۇلئاددە ئەھۋال. شۇڭا، بىز بۇ مەسىلىنى ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىغا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بەك نازۇك. سىز، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ تۇرۇپ، بىر قانچە ئايدىن كېيىن كېلىڭلار دېيەلمەيسىز. ئۇلارنىڭ قايتىپ كەتسە، مىسىرغا قايتىپ كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ تاللاش يولى يوق. شۇڭا، مۇساپىرلار مەھكىمىسى چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ۋەزىيىتىنى چۈشىنىشى كېرەك» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.