مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىش دولقۇنى قوزغالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.07.14
misirliq-oqughuchilargha-heqsiz-kurs.jpg مىسىردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا تەلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەقسىز تۈرك تىلى كۇرسى ئاچتى.
RFA/Erkin Tarim

7-ئاينىڭ 3-كۈنى مىسىر ساقچىلىرى مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئېلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلار باشقا دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ تۈركىيەگە قېچىشقا باشلىغان ئىدى. ئايروپىلان بېلىتى ئېلىشقا كۈچى يەتمەيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ياۋروپا ۋە تۈركىيەدىكى خەيىر-ساخاۋەتچى ئۇيغۇرلار 387 ئايروپىلان بېلىتى ئەۋەتكەن. مىسىردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا تەلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەقسىز تۈرك تىلى كۇرسى ئاچتى.

3-ئىيۇل كۈنى مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كرىزىسى ئوتتۇرىغا چىققاندا، ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە ئۇيغۇريار يەنى ئۇيغۇر ياردەم گۇرۇپپىسىدىن تەركىب تاپقان كرىزىس گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى. بۇلار جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەيىر-ساخاۋەتچى ئۇيغۇرلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، پۇل يىغىپ مىسىردىكى ئۇيغۇرلارغا ئايروپىلان بېلىتى ئەۋەتتى. مىسىردىن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرك تىلى ئۆگىنىش تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەقسىز تۈرك تىلى ئۆگىتىدىغان كۇرس ئاچتى. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئۇيغۇريار» گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى بولغان ھازىر نورۋېگىيەدە تۇرۇۋاتقان ئەكرەم ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى ھەمدە ئايروپىلان بېلىتى ئەۋەتىش ئىشلىرىغا ئارىلاشقان «ئەزھەرلىكلەرگە ياردەم قىلىش گۇرۇپپىسى» ئەزاسى ھەسەناللاھ ئەپەندىلەر بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى. مىسىردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئۇلار ۋاقىتلىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ قولغا ئېلىش 7-ئاينىڭ 3-كۈنى باشلانغان بولۇپ، 3-چېسلا ئاخشام مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلار «ئۇيغۇريار» گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە تېلېفون قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلغان. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنىلا دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر «مىسىر كرىزىس گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغان. ئەكرەم ئەپەندى مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى باشلىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەكرەم ئەپەندى «ئۇيغۇريار» نىڭ مىسىردىكى 30 ئوقۇغۇچىغا ئايروپىلان بېلىتى ئەۋەتكەنلىكىنى، 18 ئوقۇغۇچىنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، چەتئەلدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىمۇ كۆپەيمەكتە، ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ھەمكارلىقمۇ كۈچەيمەكتە. مىسىرغا بىلەت ئېلىپ ئەۋەتىش ئىشلىرىغا ئارىلاشقان ھەسەناللاھ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپا ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارغا 387 ئەتراپىدا ئايروپىلان بېلىتى ئېلىپ ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ 80% ئى تۈركىيەگە كېلىپ بولغان. ئەزھەرلىكلەرگە ياردەم گۇرۇپپىسى مەسئۇللىرىدىن ھەسەناللاھ ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. 

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە 1500 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مىسىردىن تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن. بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنىڭ يېشى كىچىك بولۇپ، تۈرك تىلىنى بىلمەيدىكەن، تۈركىيەگىمۇ ناتونۇش ئىكەن. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى مىسىردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركچە ئۆگىنىش تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن 4 قارار كۇرس ئاچقانلىقىنى، 48 ئوقۇغۇچىنىڭ تۈركچە ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى مىسىردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا تۈركچە ئۆگەتكەندىن سىرت، تۈركىيەنىڭ دۆلەت قۇرۇلمىسى، قانۇن تۈزۈملىرى، تۈركىيە تارىخى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2009-يىلى قۇرۇلغاندىن بېرى ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن 24 قارار تۈركچە كۇرس ئاچقانلىقىنى، 300 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىغا تۈركچە ئۆگەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.  

بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ بېسىمىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئۆز ‏-ئارا ھەمكارلىشىشنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.