موسكۋادا ئۇيغۇر سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.10.30
moskiva-uyghur-senet-kechiliki-2016.jpg موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر سەنئەت كېچىلىكىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Erkin Tarim


رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۇيغۇر سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئاخشام ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر سەنئەت كېچىلىكى خەلقئارالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 2 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كېچىلىككە قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ تونۇلغان تەمبۇرچىسى مۇرات نورۇزوۋ، دۇتارچى ئۈمىتجان قاسىموۋ، قىرغىزىستانلىق تونۇلغان ئۇيغۇر ناخشىچى شۆھرەت ياقۇپوف قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىلىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسەتتى.

بۇلاردىن سىرت يەنە بەزى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرمۇ دۇتار چېلىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ يىغىن ئەھلىنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولدى. تونۇلغان تەمبۈرچى مۇرات نورۇزوۋ تەمبۈر بىلەن بىر يۈرۈش مۇزىكىلارنى ئورۇنلىدى.

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى ئاندېرسون ئەلىسا خانىم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ھەممە كىشى قىزىقىپ ئاڭلايدىغان «بارغۇم يوق مېنىڭ، مەشرەپ يوق يەرگە» دېگەن ناخشىنى دۇتار بىلەن تەڭكەش قىلىپ ئوقۇپ، يىغىن ئەھلىنىڭ يۇقىرى ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئۇيغۇر سەنئەت كېچىلىكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستاندىكى ئاباي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان ھەمرايېۋ ئەپەندى، چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئىتىنىمۇ ناھايىتى ياخشى ئۆزلەشتۈرگىنىگە ھەيران قالغانلىقىنى بايان قىلدى.

گېرمانىيە گۆتىڭگەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى ئۇيغۇر سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئالىمجان ھەمرايېۋ ئەپەندى 24 - ئۆكتەبىر كۈنى ئاخشام ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر سەنئەت كېچىلىكىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى سەۋەبلەر توغرىسىدا توختالدى.

دوكتور ئالىمجان ھەمرايېۋ ئەپەندى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دمىترىي ۋاسىليېۋنىڭ زور كۈچ چىقىرىشى بىلەن موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇ پائالىيەتنى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى بىلەن موسكۋادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

23 - ئۆكتەبىر كۈنىدىن 26 - ئۆكتەبىر كۈنىگىچە داۋاملاشقان خەلقئارالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا ئۇيغۇر رەسساملىرى يەنە رەسىم كۆرگەزمىسىمۇ ئاچقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.