مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى نەتىجە قازىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ ئاڭلاتماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.03.09
zulpiye-xanim-awstraliye-01.JPG زۇلپىيە خانىم ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نەتىجە كۆرسەتكەن ئاياللار يىغىلىشىدا. 2018-يىلى 8-مارت. ئادىلايد، ئاۋسترالىيە.
RFA/Mehriban

مەلۇم بولۇشىچە، «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» كۈنىدە ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تەسىر كۆرسەتكەن ئاياللار يىغىلىشى» غا ئادىلايد شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى» نىڭ مۇدىرى زۇلپىيە خانىممۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. زۇلپىيە خانىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆزىگە بېرىلگەن 15 مىنۇتلۇق سۆزلەش پۇرسىتىدە خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈلپەتلەرنى ئاڭلىتىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى ۋە ھېسداشلىقىنى قوزغىغان. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىمنىڭ قارىشىچە، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن نەتىجە قازىنىشى ۋە شارائىتى يار بەرگەن ھەرقانداق پۇرسەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە ئاڭلىتىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىدۇ تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زۇلپىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەر يىلى 8-مارت كۈنى ئادىلايد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «نەتىجە قازانغان ئاياللار يىغىلىشى» نىڭ بۇ يىللىق پائالىيىتىگە ئاۋسترالىيەنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئوخشاش خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە نەتىجە قازانغان ئاياللاردىن 100 گە يېقىن كىشى قاتناشقان.

مەزكۇر يىغىلىشتا زۇلپىيە خانىمغا ئۆز خىزمىتىدە نەتىجە قازانغان 4 نەپەر ئالاھىدە مېھماننىڭ بىرى سۈپىتىدە سۆز پۇرسىتى بېرىلگەن.

زۇلپىيە خانىم سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان 4 نەپەر ئايال ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ بىرى ئاۋسترالىيە دۆلىتى ئۈچۈن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 9 قېتىم ئالتۇن مېدال ئېلىپ شەرەپ قازانغان لىببىي خانىم، يەنە بىرى ئاۋسترالىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدا ئۇزۇن يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن داننا خانىم ۋە بېنگالدىن كېلىپ ئاۋسترالىيەدە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ خىزمىتىدە نەتىجە قازانغان خانىملار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

زۇلپىيە خانىم ئۆزىنىڭ ئاۋسترالىيەدە جەمئىيەتشۇناسلىقتا ماگىستىرلىقتا ئوقۇپ، كۆچمەنلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي، خىزمەت تېپىش، بالىلىرىنى تەربىيىلەش قاتارلىق ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمىتىدىكى نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرغاندىن باشقا يەنە 10 نەچچە يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدىكى خىزمەتلىرىنىمۇ سۆزلەپ ئۆتكەن. ئۇ بۇ پائالىيەت داۋامىدا خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق تەقىبلىرى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان.

8-مارتتىكى يىغىلىشتىن كېيىنكى ھېسسىياتىنى بىلدۈرگەن زۇلپىيە خانىم ئادىلايد شەھىرىدىكى نەتىجە قازانغان ئاياللار يىغىلىشىغا ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتناشقانلىقىدىن پەخىرلەنگىنىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىگە بېرىلگەن 15 مىنۇتلۇق سۆزلەش پۇرسىتىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىپ يىغىن ئەھلىنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىيالىغىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. 

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئىلگىرى ئاۋسترالىيەدە بىر مەزگىل ياشىغان، نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان زۇبەيرە خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئادىلايد شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى» نىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈنسىز تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان زۇلپىيە خانىمنىڭ بۇ قېتىم ئادىلايد شەھىرىدىكى نەتىجىلىك ئاياللارنىڭ بىرى سۈپىتىدە مەزكۇر يىغىلىشقا قاتناشقانلىقىدىن شەرەپ ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

زۇبەيرە خانىم، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىر ئايال، بىر ئانا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقىنىڭ ۋە تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەرلىرىدىن كەم ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. 

زۇبەيرە خانىم يەنە ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەزگىلىدە ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن ئىگىلىك تىكلەپ 90-يىللاردا خىتايدىكى 10 چوڭ باينىڭ بىرى بولۇپ تونۇلغان، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقلارغا نارازىلىق بىلدۈرگىنى ئۈچۈن خىتاي تۈرمىسىگە تاشلانغان، كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا تەسىرىنى كۆرسەتكەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى مىسال كەلتۈرۈپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا تارىخىي تۆھپە ياراتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

زۇبەيرە خانىم يەنە بۇ يىل «8-مارت ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئېلان قىلغان دوكلات ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ، مەزكۇر دوكلاتتا 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە تۇتقۇن قىلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان گۈلمىرە ئىمىن، «5-ئىيۇل غايىپلىرى» مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئۇيغۇر ئانا پاتىگۈل غۇلام، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان پاسپورت چەكلىمىسىگە ئوخشاش سىياسىي كەمسىتىشلەرگە ئاشكارا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىلھام توختىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئاتىكەم روزى، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىسى بۇزەينەپ قاتارلىق تۈرمىدىكى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنىڭ ساناپ ئۆتۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.