داگ سائۇندېرس: مۇسۇلمان كۆچمەنلەر غەربكە تەھدىت سېلىۋاتامدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013-03-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
داگ سائۇندېرس: مۇسۇلمان كۆچمەنلەر غەربكە تەھدىت سېلىۋاتامدۇ
داگ سائۇندېرس: مۇسۇلمان كۆچمەنلەر غەربكە تەھدىت سېلىۋاتامدۇ
RFA/Qutlan

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەرب ئەللىرىدىكى كىتابخانىلاردا ئەڭ كۆپ سېتىلىۋاتقان بازارلىق كىتابلارنىڭ بىر قىسمىنى مۇسۇلمانلار ياكى مۇسۇلمان كۆچمەنلەر تېمىسىدىكى كىتابلار تەشكىل قىلماقتا. داگ سائۇندېرسنىڭ «مۇسۇلمانلار تاشقىنى ھەققىدىكى ئەپسانە: كۆچمەنلەر غەربكە تەھدىت سېلىۋاتامدۇ؟» ناملىق كىتابى ئۆتكەن يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى كىتابخانىلاردا ئەڭ كۆپ سېتىلغان كىتابلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئاپتور مۇسۇلمانلاردىن خەۋسىرەشنىڭ ئاساسى يوقلىقىنى دەلىللىگەن

ئاپتور مەزكۇر كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىنى «11 - سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن غەربتىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئوخشىمىغان جەمئىيەت قاتلاملىرىدا ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان مۇسۇلمان كۆچمەنلەردىن خەۋپسىرەش كەيپىياتىدىن باشلايدۇ. يەرلىك ياۋروپالىقلار ئارىسىدا پەيدا بولغان بۇ خىل ئەندىشىنىڭ لوندون، پارىزھ قاتارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرلىرىدىن تارتىپ تاكى سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىدىكى نوپۇسى شالاڭ رايونلارغا قەدەر ئىز سالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بولۇپمۇ 2011 - يىلى 22 - ئىيۇلدا ئاندەرس برېيۋىكنىڭ پىلانلىشى بىلەن نورۋېگىيەدە يۈز بەرگەن 69 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى بىلەن نەتىجىلەنگەن قانلىق ۋەقەنىڭ دەل غەرب جەمئىيەتلىرىدىكى بۇ خىل يوشۇرۇن كەيپىياتنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئاپتور داگ سائۇندېرس ئۆز كىتابىدا ئاندەرس برېيۋىكنىڭ دەل شۇ كۈنى «فاسېبوئوك» تا ئېلان قىلغان 1518 بەتلىك «2083 - يىل: ياۋروپانىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ناملىق ئۇزۇن يازمىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە «11 - سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن غەربتە بازار تاپقان ئامېرىكىلىق يازغۇچى برۇس باۋېرنىڭ «ياۋروپا ئۇخلاپ ياتقاندا» ۋە يەھۇدىي يازغۇچى گىسېلې لىتماننىڭ «ياۋرو - ئەرەبىيە» ناملىق كىتابلاردىن ئىلھام ئالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇندىن باشقا ئاپتور يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گېرمانىيىلىك بانكىر، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى مۇھىم شەخس تىلو ساررازىننىڭ «گېرمانىيە ئۆزىنى ئۆزى ئەمەلدىن قالدۇردى» ناملىق نەچچە مىليون نۇسخا سېتىلغان كىتابى بىلەن ئامېرىكىدىكى بىرقانچە كونسېرۋاتىپ فوندى جەمئىيەتلەر مەبلەغ سېلىپ بازارغا سالغان «رادىكال ئىسلامنىڭ غەربكە قارشى ئۇرۇشى» ناملىق دۋد پىلاستىنكىلىرىنىڭ غەرب جەمئىيىتىدە مۇسۇلمان كۆچمەنلەردىن خەۋپسىرەش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشكە مەلۇم دەرىجىدە تۈرتكە بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئاپتور مەزكۇر كىتابىنىڭ «پاكىتلار» ناملىق ئىككىنچى بۆلۈمىدە نۆۋەتتە غەرب جەمئىيەتلىرىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا جىددىي سۆز تېمىسى بولۇۋاتقان «مۇسۇلمان كۆچمەنلەر يېقىن كەلگۈسىدە غەرب دۆلەتلىرىدىكى كۆپ سانلىق دىنىي گۇرۇپپا بولۇپ قالىدۇ»، «مۇسۇلمانلار غەرب ئۈچۈن باشقا بارلىق كۆچمەنلەر ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت ھېسابلىنىدۇ»، «مۇسۇلمان كۆچمەنلەر ئۆزلىرى كۆچۈپ كەلگەن ئىككىنچى دۆلەتكە سادىق ئەمەس، ئۇلار پەقەتلا ئۆزلىرىنىڭ دىنى ۋە تۇغۇلغان ۋەتىنىگە ساداقەت قىلىدۇ»، «مۇسۇلمان كۆچمەنلەر مەھمان دۆلەتكە ھەرگىز سىڭىشمەيدۇ، بەلكى مەڭگۈ ئۆز چەمبىرىكىدە ئايرىم ياشايدۇ»، «خېلى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى ئالقىشلايدۇ»، «مۇسۇلمانلار غەرب دۆلەتلىرىدە شەرىئەت قانۇنىنى تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەندەك بىر قاتار قاراشلارنى سوغۇققانلىق بىلەن مۇھاكىمە قىلىدۇ. ئاپتور ئاخىرىدا ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكا ۋە راي سىناش تەكشۈرۈشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى قوللىنىپ غەرب جەمئىيەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا بولغان بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە ئارتۇقچە خەۋپسىرەش كەيپىياتىنىڭ ئەمەلىي ئاساسىنىڭ يوقلۇقىنى، بۇنىڭ پەقەت بىر خىل مەدەنىيەت توقۇنۇشى ياكى خاتا چۈشىنىشتىن بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مۇسۇلمان كۆچمەنلىرى دولقۇنى قورقۇنچلىق سان ئەمەس

ئاپتور كىتابىنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمىدە يېقىنقى زامان ياۋروپا تارىخىدىكى ئىككى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك كۆچمەنلەر دولقۇنىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. يەنى ئۆز دەۋرىدە جەنۇبىي ياۋروپادىن غەربىي ياۋروپاغا ياكى ئامېرىكىغا كۆچكەن كاتولىك دىنىدىكى كۆچمەنلەر بىلەن رۇسىيە ۋە شەرقىي ياۋروپادىن غەربكە كۆچكەن يەھۇدىيلارنىڭمۇ ئۆز دەۋرىدە غەرب ئەللىرىگە ئۇزاققىچە ۋەھىمە ھېس قىلدۇرغانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ غەربنىڭ سىياسىي سىستېمىسى ياكى قىممەت قاراشلىرىنى ئۆزگەرتەلمىگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئاپتور بۇ مىساللار ئارقىلىق نۆۋەتتىكى مۇسۇلمان كۆچمەنلەر دولقۇنىنىڭ غەرب ئۈچۈن تەھدىت شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ نۆۋەتتە ياۋروپادىكى 405 مىليون ئاھالە ئىچىدە مۇسۇلمانلارنىڭ 18 مىليون بولۇپ 4.5% نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ 2030 - يىلىغان بارغاندا تەخمىنەن 30 مىليونغا يەتكەن تەقدىردىمۇ پەقەتلا 7.1% نى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى، بۇ نىسبەتنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر جايىدىكى كۆچمەن نوپۇسقا قارىغاندا قورقۇنچلۇق سان ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، مۇسۇلمان تەھدىدى تەشۋىقاتى خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلغان

ئاپتور كىتابىنىڭ ئاخىرقى بۆلۈمىدە خۇلاسە خاراكتېرلىق قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «11 - سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن غەرب ئەللىرىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان «مۇسۇلمانلار تەھدىتى» نەزەرىيىسىنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا جەمئىيەتلىرىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى بىر قەۋەت ۋەھىمە پەردىسى بىلەن توسۇپ قويغانلىقىنى، مۇسۇلمانلارغا بولغان خاتا چۈشىنىشنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى، گېزىت - زھۇرنال ۋە تۈرلۈك تاراتقۇلاردىكى كۈندە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان «ئەل - قائىدە»، «جىھاد»، «ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش»، «ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكى» دېگەندەك سۆز - ئاتالغۇلارنىڭ غەرب دۇنياسىغا خۇددى دېڭىزدىكى سۇنامىنىڭ قورقۇنچلۇق ۋەھىمىسىدەك تۇيغۇ بېرىدىغان قىلىپ قويغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. داگ سائۇندېرس بۇ كىتابىدا مۇنداق بىر خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ: «غەربكە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىت مۇسۇلمان كۆچمەنلەردىن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئۇلارغا بولغان ئىنكاسىمىزدىن كېلىدۇ».

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت