ئۆركەش دۆلەت تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015.03.25
orkesh-dolet-taiwan-teywen-noruz-2015.jpg ئۆركەش دۆلەت تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى
RFA/Haji Qutluq Qadiri


22 - مارت تەيبېيدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەيبېيدا تۇنجى قېتىملىق نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇزۇگۇمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى مەزكۇر جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم ئېلىپ بارغان مەدەنىي پائالىيەت بولۇپ، پائالىيەتكە 1989 - يىلىدىكى بېيجىڭ تيەنئەنمېن 4 - ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئۆركەش دۆلەتمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇزۇگۇم تەيبېيدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- بىز نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ئۆزگىچە ئېلىپ باردۇق يەنى 22 - مارت ئەتىگەندە ئالدى بىلەن تەيبېيدىكى داڭلىق كىتابخانىلاردىن بىرى بولغان «مۇستەقىللىق كىتابخانىسى»غا بېرىپ، ئۇ يەردە مەسلەكداشلىرىمىز بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارغا دائىر بىر قىسىم سىياسىي، تارىخىي كىتابلار ھەققىدە شۇ يەردىكى قەھۋەخانىدا ئۆز - ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردۇق. كېيىن بىر قىسىم مۇھىم شەخسلەر ۋە دوستلىرىمىز بىلەن بىللە مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ نورۇزلۇق بايرىمى ئۈچۈن ئالدىن تەييارلانغان تائاملار بىلەن غىزاھلانغاچ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ئېلىپ باردۇق. بۇ قېتىمقى نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە مېنى ھەممىدىن بەك خوشال قىلغىنى 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن 4 - ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، جۇڭگودىكى تەسىرى كۈچلۈك بولغان سىياسىي شەخسلەردىن بىرى ئۆركەش دۆلەت تۇنجى قېتىم تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلدى. مەن، جەمئىيىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزىدىغان نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئۇنىڭ قاتنىشىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ تېلېفون قىلغىنىمدا ئۇ، ناھايىتى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى شۇنداقلا بۈگۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن سورۇنغا كېلىپ، مېنى بەك ھاياجانلاندۇردى. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ پائالىيەت داۋامىدا سورۇندىكى دوستلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب بېرىشى بىزنى تولىمۇ قايىل قىلدى. ئۇ يەنە، بىزگە نورۇز بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى شۇنداقلا بۇ بايرامنىڭ پارس ۋە تۈركىي تىللىق مىللەتلەرگىمۇ ئورتاق بولغان بايرام ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئەتراپلىق چۈشەنچىلەرنى بەردى.

ئۆركەش دۆلەت يالغۇز نورۇز بايرىمى توغرىسىدا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى تارىخى ۋە يېقىنقى زامان تارىخىدىكى بىر قىسىم سىياسىي ۋەقەلەر ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.

نۇزۇگۇم سۆزىدە، تەيبېيدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق نورۇزنى بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى گەرچە ناھايىتى ئاددىي ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇ پائالىيەتنى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولدى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، پائالىيەت داۋامىدا كۆپچىلىكنىڭ، مۇشۇنداق بىر گۈزەل مەدەنىيەت ۋە تارىخغا ئىگە مىللەتنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۆز ۋەتىنىنى يوقىتىپ قويغانلىقى توغرىسىدىكى بەزى بىر تارىخىي سەۋەبلەر ۋە ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

نۇزۇگۇمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم ئېلىپ بېرىلغان نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن كۆپلىگەن تەيۋەنلىكلەر ھەيران بولغان. سەۋەبى بۇ جەمئىيەت ئۆتكەن يىلى قۇرۇلغان بولسىمۇ، تا ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىلدىكى ئەنئەنىۋى بايراملىرى توغرىسىدا ھېچقانداق بىر پائالىيەت ئېلىپ بېرىلمىغان. شۇڭا پائالىيەتكە قاتناشقان كىشىلەر ئۆركەش دۆلەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ئائىت كۆپلىگەن سوئاللارنى سورىغان.

كۆپچىلىك پائالىيەتتە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تارىخى ۋە شۇنداقلا يېقىندىن بۇيانقى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق باستۇرۇش سىياسەتلىرى توغرىسىدىمۇ سۆھبەتلەشكەن.

تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇزۇگۇمنىڭ ئېيتىشىچە، پائالىيەتكە تەيۋەندە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇلار جۇڭگودىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن تىبەت مەسىلىسىنىڭ ئۆز - ئارا تەغدىرداش بولغان ئورتاق بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ئىككى مىللەت بىر - بىرىگە ھەمكارلىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىشى ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان دۇنياۋىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىلىگەن. سورۇن ئىشتىراكچىلىرى شۇنداقلا يەنە ئىچكىي موڭغۇلدىكى موڭغۇللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسلىسى توغرىسىدىمۇ پىكىرلەشكەن.

نۇزۇگۇم يەنە، تەيۋەن مەتبۇئاتلىرىدا ئاشكارىلانمىغان ۋە شۇنداقلا دۇنيا خەۋەرسىز قىلىۋاتقان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى داۋامىدا يۈز بەرگەن بەزى بىر ئېچىنىشلىق پاجىئەلەر ھەققىدە ئۆركەش دۆلەتنىڭ تەپسىلىي توختالغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ زىيارىتىمىز داۋامىدا، بىزنىڭ بۈگۈنكى نورۇز مەرىكىسىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئۆزىنىڭ قايسى خىلدىكى يىمەكلىكلەرنى ھازىرلىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئاللىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

- ئەسلىدە ئۇيغۇرچە يىمەكلىك ھازىرلىشىم كېرەك ئىدى. ئەمما،ماڭا ئۇيغۇرچە تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىش پۇرسىتى بولمىدى. شۇ سەۋەبتىن فىرانسۇزچە يىمەكلىكلەرنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە تائاملىرىغا يېقىنلاشتۇرغان ھالدا يىمەكلىك تەييارلىدىم. بۇ قېتىمقى پائالىيىتىمىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي بايرىمىنى تەيۋەنلىك دوستلارغا تونۇشتۇرۇش ۋە بۇ ھەقتە ئۆز - ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.