پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار مەرھۇم ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات ئېلىخان ھاجىمنى ئەسلىمەكتە


2015.08.28


پاكىستاندا ئۆتكەن مەرھۇم ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات ئېلىخان ھاجىم 1948 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيەسىنىڭ تاغارچى يېزىسىدا بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن تۈرلۈك زۇلۇملىرىغا چىدىغان ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، 1967 - يىلى پاكىستانغا ھىجرەت قىلىپ چىققان.

ئېلىخان ھاجىم پاكىستانغا كەلگەندىن كېيىن ئوردو تىلى ۋە ئىسلام دىنىي بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆز مىللىتى ۋە دىنىى ئۈچۈن خالىسانە خىزمەتلەرنى قىلىپ 2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى راۋالپىندى شەھىرىدە 66 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئۆزىنىڭ ئىمانى، پەزىلىتى، ئەخلاقىي ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن پاكىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان پاكىستان ئارقىلىق ھەج سەپىرىگە ئاتلانغان بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئوتتۇز يىلغا يېقىن خالىسانە دىنىي خىزمەتتە بولغان راۋاپىندى شەھىرىدىكى قەشقەر راباتنىڭ مۇتىۋەللىسى مەرھۇم دىنىي زات ئېلىخان ھاجىمنى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىل ھەج مەۋسۇمى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئوتلۇق سېغىنىش ئىچىدە ئەسلىدى.

پاكىستاندا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان مۇستەقىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن ئابدۇقېيۇم مەرھۇم دىنىي زات ئېلىخان ھاجىم ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى.

ئۇ، سۆزىدە مەرھۇمنىڭ پاكىستانغا كەلگەن ئۇيغۇرلارغا قىلغان بىر قىسىم خالىسانە ياردەملىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئارقىلىق ھەجگە ماڭغان ئۇيغۇرلارغا قىلغان ئۇنىڭ بىر قىسىم خالىسانە ياردەملىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.ئابدۇقېيۇم يەنە ئەلىخان ھاجىمنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلىش سەۋەبلىرىنى بايان قىلىپ، 1967 - يىلى ئېلىخان ھاجىمنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ۋەتەندىن ئايرىلىپ پاكىستانغا كەلگەن مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن مەھمۇدخان ئۆزلىرىنىڭ پاكىستانغا يېتىپ كېلىش جەريانى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا مەرھۇمنىڭ سىڭلىسى ئالتۇنخان ئاكىسى ئېلىخان ھاجىمنى ئەسلەپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.