بالتىستان پارلامېنتى خىتايدىن پاكىستانلىقلار بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.03.05
pakistan-xitay-dostluq-tash-yol.jpg خىتاي-پاكىستان دوستلۇق تاشيولىدا يۈك توشۇۋاتقان ئاپتوموبىللار. 2018-يىلى 28-ئىيۇن، تاشقورغان.
AFP

پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا چېگرىداش گىلگىت بالتىستان رايونلۇق پارلامېنتى يەكشەنبە كۈنى بىردەك ئاۋاز بىلەن قارار لايىھەسى ماقۇللاپ، پاكىستان فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئېرى گىلگىت-بالتىستانلىق 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئايالنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلغان.

پاكىستان بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرىسىدىكى قونجىراپ تاش يولى ئېچىلغان يېقىنقى 30-40 يىل مابەينىدە پاكىستانلىق ئەركەكلەر بىلەن توي قىلغان بىر قىسىم ئائىلىلەر مەيدانغا كەلگەن ئىدى. لېكىن ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 3‏-ئايلاردا باشلانغان ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولاش ھەرىكىتىنىڭ سىرتىدا قالمىغان.

نۆۋەتتە پاكىستانلىقلار بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئومۇمىي سانى مەلۇم ئەمەس. لېكىن گىلگىت-بالتىستان پارلامېنتىنىڭ قارار لايىھەسىدە كۆرسىتىشىچە، پاكىستان-خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمپورت-ئېكسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 50 دىن ئارتۇق گىلگىت-بالتىستانلىقنىڭ ئايالى ئۇيغۇر ئىكەن. قارار لايىھەسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گىلگىت-بالتىستانلىقلار بىلەن توي قىلغان بۇ ئاياللارنىڭ تۇتقان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي پاكىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى ۋە ئەڭ يېقىن دوستى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاندىكى خىتايغا قارشى ھەرقانداق ھەرىكىتىنى چەكلەپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا، بۇ قېتىم پاكىستان يەرلىك پارلامېنتىنىڭ قارار ماقۇللاپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشى ئاز ئۇچرايدىغان ھادىسە، دەپ قارالماقتا.

بىز دۈشەنبە كۈنى گىلگىت-بالتىستان پارلامېنتى، خىتاينىڭ ئىسلامئابادتىكى ئەلچىخانىسى ۋە «پاكىستان ئاياللار ھوقۇقى جەمئىيىتى» گە تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن گىلگىت-بالتىستان پارلامېنتى تېلېفونىمىزنى ئالمىدى. «پاكىستان ئاياللار ھوقۇقى جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى شائىستە بۇخارى بولسا بۇ مەسىلىگە پىكىر بىلدۈرۈشنى رەت قىلدى.

شائىستە بۇخارى تەرجىماننىڭ ۋاسىتىسىدە سوئاللىرىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «مېنىڭ بۇنداق بىر قارار لايىھەسىدىن ياكى پاكىستانلىقلار بىلەن توي قىلغان خىتاي پۇقراسى ئاياللارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا دائىر ئۇنداق بىر قانۇن لايىھەسىدىن خەۋىرىم يوق. مەن ھازىر بۇنداق بىر لايىھەنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى دەلىللىمىدىم. شۇڭا، پاكىستانلىقلار بىلەن توي قىلغان خىتاي پۇقراسى ئاياللارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان ئۇنداق بىر قارار ياكى قانۇن لايىھەسى چىقىرىلغانلىق مەسىلىسىگە جاۋاب بېرەلمەيمەن. بىراق ئۇنىڭ ئورنىغا سىز مېنىڭ بۇ مەسىلىدىكى شەخسىي پىكىرىمنى سورىسىڭىز، بەلكى مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشىم مۇمكىن».

شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدىكى شەخسىي پىكىرىنى سورىدۇق. بىراق ئۇ بۇ سوئالىمىزغىمۇ جاۋاب بەرمىدى. ئۇ بۇ سوئالنى مەزكۇر ۋەقەدىن خەۋەردار ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

پاكىستان «شەپەق گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر قارار لايىھىسىنى گىلگىت-بالتىستان پارلامېنت ئەزاسى بىبى سەلىمە ئوتتۇرىغا قويغان. قارار لايىھەدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ چەتئەللىكلەر بىلەن توي قىلغانلارنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغانلىقى، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدە پاكىستانلىقلار بىلەن توي قىلغان نۇرغۇن يەرلىك ئاياللارنىڭ بارلىقى تەكىتلەنگەن. قارار لايىھەسىدە كۆرسىتىشىچە، بۇ ئاياللارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى گىلگىت-بالتىستاندىكى ئائىلىلەرنىڭ ئانىسىز قېلىپ، بۇ ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ ئىزتىراپ چېكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتائىكەن.

لېكىن گىلگىت-بالتىستان پارلامېنتىنىڭ قارارىنىڭ پاكىستان مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قانچىلىك تەسىرى قىلىشى، ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە قويۇش-قويماسلىقى مەلۇم ئەمەس. ئامېرىكىدىكى گىلگىت- بالتىستان تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى سەنگې سېرىڭ، يەرلىك پارلامېنتنىڭ قارارىنىڭ قانۇنى كۈچى يوقلۇقى، ئۇنىڭ پەقەت تەۋسىيە خاراكتېرلىك قارار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بىراق بۇ قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادى كارىدورىدىكى ھالقىلىق رايون گىلگىت-بالتىستاندىكى ئۇيغۇر-گىلگىتلىق ئائىلىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەنگې سېرىڭ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئالدى بىلەن مەزكۇر يەرلىك پارلامېنتنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمزى كېرەك. ئۇ ئاساسى قانۇنلۇق ئورگان ئەمەس. ئۇنىڭ پاكىستاننىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ھوقۇقى يوق. ئۇنىڭ ھەتتا كەشمىر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ھوقۇقى يوق. ئۇنىڭ بۇ مەسىلىلەردە قانۇن چىقىرالمايدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ بۇ قېتىم چىقارغىنى پەقەت بىر قارار لايىھەسى. ئۇ قارار لايىجھەسى ماقۇللاپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى تەنقىد قىلدى. شۇڭا، ئۇنىڭ ھېچقانداق قانۇنى ئىجرا قىلىش كۈچى بولمايدۇ. پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى ئىجرا قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق. ئەمما ئۇ شۇ نەرسىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ گىلگىتتىكى ئۇيغۇر- بالتىستان ئائىلىلىرىنىڭ ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن بالىلار ئانىلىرىدىن، ئانىلار بالىلىرىدىن ئايرىلدى. بۇ بىر زور ۋەقە. چۈنكى، ئۇ بۇ ئائىلىلەردە پسىخولوگىيەلىك ۋە روھىي تۇراقسىزلىق يارىتىدۇ. يەرلىك خەلقلەر بۇرۇندىنلا خىتاي تۈرمىلىرىدىكى پاكىستانلىقلارنىڭ مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە قويۇپ كەلگەن ئىدى. مانا ئەمدى ئۇنىڭغا پاكىستانلىقلار بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەسىلىسى قېتىلدى».

سەنگې سېرىڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي پاكىستاننىڭ گىلگىت-بالتىستان مەسىلىسىدىكى ئاجىزلىقىنى سۇيىئىستېمال قىلماقتا ئىكەن. ئۇ، خىتاي ئۇنىڭغا قارشى ھەرقانداق بىر كۈچنىڭ گىلگىت بالتىستاندا پەيدا بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقى، مانا بۇنىڭ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇتقۇن قىلىشىدىكى سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سەنگې سېرىڭ: خىتاي گىلگىتنىڭ ۋەزىيىتىنى بەك ياخشى بىلىدۇ. خىتاي پاكىستاننىڭ گىلگىت مەسىلىسىدىكى كوزىرىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ گىلگىت بالتىستان ھەققىدىكى 447‏-نومۇرلۇق قارارىدا پاكىستاننىڭ بۇ رايوندىن چېكىنىشى تەلەپ قىلىنغان. ئەگەر كەلگۈسىدە ياۋروپا دۆلەتلىرى، رۇسىيە ياكى ئامېرىكا پاكىستانغا قارشى چىقىپ، ب د ت پاكىستاننىڭ گىلگىتتىكى مەۋجۇتلۇقىغا خىرىس قىلسا، خىتاي پاكىستاننىڭ كوزىرىنىڭ بەك ئاجىزلىقىنى بىلىدۇ. شۇشا، خىتاي گىلگىت بالتىستاندىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ دوستلۇقىغا قاتتىق يۆلىنىۋاتىدۇ. يەرلىك خەلق خىتاينى قوللاپ تۇرغاندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىنى يولغا قويالايدۇ. مانا بۇ خىتاينىڭ گىلگىت-بالتىستاندا خىتايغا قارشى ھەرقانداق بىر ئامىلنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى خالىماسلىقىدىكى ۋە گىلگىت بالتىستانلىقلارغا توي قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇتقۇن قىلىشىدىكى سەۋەبتۇر.»

پاكىستان «شەپەق گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، گىلگىت- بالتىستان پارلامېنت ئەزاسى جاۋېت ھۈسەيىن قارار لاھىيەسى ئاۋازغا قويۇلغاندا سۆز قىلىپ، يۇقىرىقى ئاياللارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغاندا بالىلىرىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكى، بالىلارنىڭ دادىسى پاكىستاندا قالغاچقا بالىلارنىڭ قارانچۇقسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گىلگىت بالتىستان پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جافارۇللاھ خان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە بۇ ئاياللارنى «دىنىي ئەسەبىي» گۇرۇھلار بىلەن ئالاقىسى بار، دەپ تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «لېكىن بۇ ئاياللارنىڭ ھېچبىرى خىتايدا تېررورلۇققا چېتىلغىنى يوق» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.