پاكىستاندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگەنلەرنى مۇكاپاتلىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-07-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
پاكىستاندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا چاقىرىلغان كىشىلەر
پاكىستاندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا چاقىرىلغان كىشىلەر
RFA


رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى روزا ھېيتلىق زىياپەت بېرىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنى شۇ يەردىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىگەن پاشا قاتارلىق كىشىلەرنى مۇكاپاتلىغان.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ باشلىقى ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، راۋالپىندىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى بىرقانچە يىلدىن بۇيان بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن. ئىلگىرى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇلارنى راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى بۇنداق ئاشكارا پائالىيەتتە مۇكاپاتلىمىغان. بۇ يىل خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى ئاشكارا مۇكاپاتلىشى، راۋالپىندىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئەنسىرەتكەن، ئەمما يەنە زور بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىشلەۋاتقانلارغا نەپرەت بىلدۈرگەن.

19 - ئىيۇل كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسى راۋالپىندى، گېلگىت قاتارلىق شەھەرلەردە روزا ھېيتلىق زىياپەت بەرگەن. زىياپەتكە پاكىستاندا يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار تەكلىپ قىلىنغان. خىتاي ئەلچىخانىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل ناملاردا زىياپەتلەرنى بېرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، پاكىستاندا يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولىدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ خىل زىياپەتلەرگە يىللاردىن بۇيان قاتنىشىپ كەلگەن. بۇ يىلقى زىياپەتتە خىتاي ئەلچىخانىسى يەنە يىللاردىكىدىن پەرقلىق ھالدا خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلاشقان ئۇيغۇرلارنى مۇكاپاتلاش نامىدا پۇل تارقاتقان، بۇ خەۋەر راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغاندىن كېيىن جىددىي ئىنكاس قوزغىغان.

راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلار رادىيومىزغا يوللىغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، راۋالپىندى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن روزا ھېتلىق زىياپەتتە، خىتاي كونسۇلخانا خادىمى بۇ جايدىكى ناسىرخان، پاشاخان قاتارلىقلار يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان خىتاي مۇھاجىرلار ئۇيۇشمىسىغا 45 مىڭ دوللار پۇل بەرگەن ۋە بۇ پۇلنىڭ 35 مىڭ دوللارىنى بۇ يەردە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ يىللىق خىراجىتىگە ۋە ئۇيۇشمىنىڭ پائالىيىتىگە ئىشلىتىشنى، قالغان 10 مىڭ دوللار پۇل خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلاشقان ئۇيۇشما ئەزالىرىدىن پاشاخان، ئابدۇرەھىم قاتارلىق بىرقانچەيلەنگە بېرىلگەن مۇكاپات پۇلى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى ئاشكارا مۇكاپاتلىشى راۋالپىندىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردا ئەنسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەن بولسا، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلىگەن بۇ كىشىلەرگە نىسپەتەن نەپرەت تۇيغۇسىنى قوزغىغان.

ردىيومىز 19 - ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ روزا ھېيتتلىق زىياپىتىگە قاتناشقان كىشىلەردىن پاشاخان، مۇھەممەت تۇرسۇن، ئابلەتخان قاتارلىق كىشىلەرگە تېلىفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما پاشاخان ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلمىدى. قالغان ئىككۈيلەننىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۇلارنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىپ، خىتاي ئەلچىخانىسى ئۆتكۈزگەن زىياپەتنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ باشلىقى ئۆمەر ئەپەندى ۋە مۇستەقىل سىياسىي پائالىيەتچى قەييۇم ئەپەندىلەر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ راۋالپىندىدىكى پائالىيەتلىرى كۆپىيىپ، بۇ شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك تۇييغۇسى كۈچەيگەندىن بۇيان، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇشۇ خىل زىياپەت ۋە پائالىيەتلەرنى كۆپەيتىپ، خىتاي بىلەن بىۋاستە مەنپەئەتى بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئۆز يېنىغا تارتىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلار ئارقىلىق پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر ئەپەندى سۆزىدە، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ پائالىيەتلىرى كۈچەيگەندىن بۇيان، راۋالپىندىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ بۇ يەردە قۇرۇلغان «خىتاي مۇھاجىرلار ئۇيۇشمىسى» ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز چەكلەپ كەلگەنلىكىنى، بۇ قېتىم خىتاي مۇھاجىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ناسىرخاننىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن روزا ھېيتلىق زىياپەتتە، خىتاي ئەلچىخانىسىنى شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىگەن پاشاخان قاتارلىق كىشىلەرگە 10 مىڭ دوللار مۇكاپات بېرىلگەنلىكىدىن ئۆزىنىڭمۇ خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈردى.

راۋالپىندىدىكى مۇستەقىل سىياسىي پائالىيەتچى قەييۇم ئۇيغۇر ئەپەندى خىتاي كونسۇلخانىسى ئىلگىرىمۇ بۇ خىل زىياپەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ئۆزىگە تارتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى قۇرۇلۇپ، راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك تۇيغۇسى كۈچەيگەندىن بۇيان، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پاكىستاننىڭ راۋالپىندى، گىلگىت شەھەرلىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى :«ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ راۋالپىندىدىكى پائالىيىتى كۈچەيگەندىن بۇيان، بۇ يەردىكى خىتاي كونسۇلخانىسىمۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە تارتىشقا ئۇرۇنماقتا. ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى نامىدىكى ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي ئەلچىخانىسى گىلگىت ۋە راۋالپىندى شەھەرلىرىدە پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى بالىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەپ قۇرۇپ بەردى. پەقەت راۋالپىندىدىكى مەكتەپ ئۈچۈنلا يىلىغا 12مىڭ دوللار خىراجەتنى راۋالپىندىدىكى «خىتاي مۇھاجىرلار ئۇيۇشمىسى»غا بېرىدۇ. ئۇيۇشمىنىڭ باشلىقى ئىلگىرى رىزاخان ئىدى، ھازىر ئۇنىڭ ئىنىسى ناسىرخان باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. خىتاي كونسۇلخانىسى بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا بېرىدىغان زىياپەتلەرنى ئاساسلىقى ناسىرخاننىڭ ئۆيىدە ئۇيۇشتۇرىدۇ. ئۇيۇشمىنىڭ كونكرېت پائالىيەتلىرىنى قىلغۇچىلار بولسا 50 يىلدىن بۇيان بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىگە ھىچ ئارىلاشمىغان پاشا ئىسىملىك بىرى. بۇ يىل ناسىرخاننىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن روزا ھېيت زىياپىتىدە خىتاي كونسۇلخانىسى راۋالپىندى شەھىرىدىكى «خىتاي مۇھاجىرلار ئۇيۇشمىسى»غا 35 مىڭ دوللار پۇل بېرىپ، بۇ پۇلنىڭ 12 مىڭ دوللارىنى مەكتەپ خىراجىتىگە، قالغىنىنى باشقا خىراجەتلەرگە ئىشلىتىشنى ئېيتىپتۇ. بۇندىن باشقا يەنە 10 مىڭ دوللار پۇلنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۈچۈن ئىشلىگەن پاشا، ئابدۇرېھىم قاتارلىقلارغا مۇكاپات ئۈچۈن بېرىپتۇ.»

قەييۇم ئەپەندى يەنە، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ بۇ يىلقى روزا ھېيت زىياپىتىدە ئۇلار ئۈچۈن ئىشلىگەن كىشىلەرنى ئاشكارا مۇكاپاتلىشىنىڭ تەسىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، پاكىستاندەك خىتاينىڭ تەسىرى كۈچلۈك دۆلەتتە گەرچە خىتاينىڭ بۇ خىل تاكتىكىسى ئۈنۈم بېرىپ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە ئۇيغۈر ھوقۇقلىرى ھەققىدىكى پائالىيەتتىن يىراقلاشتۇرسىمۇ، ئەمما پاكىستان خىتايغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا دېموكراتىك دۆلەت بولغىنى ئۈچۈن، خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسەت بېسىملىرىنىڭ بۇ يەردىكى ئىرادىسى مۇستەھكەم ئۇيغۇرلارغا تەسىر قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاندىكى قانۇن - نىزاملار بويىچە ئۆزىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداپ، تىنچ يول بىلەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى پاكىستانلىقلارغا ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت