قازاقىستاندىكى پارلامېنت ۋە مەسلىھەت سايلاملىرىدا ئۇيغۇرلارمۇ سايلاندى
2016.03.25
شاۋكەت نىياز ئوغلى ئۆمەروف
قازاقىستاننىڭ « نۇر. ئۆز» ئاگېنتلىقىنىڭ 24-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاقئوردىدا قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ يېڭى تەركىبى تەستىقلاندى. «نۇر ئوتان» پارتىيىسىنىڭ سىياسىي كېڭىشى بيۇروسىنىڭ مەجلىسىدە مەملىكەت پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف 20-مارتتا قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشى ۋە يەرلىك مەسلىھەت سايلاملىرىدا 1000 ئەتراپىدا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ، 51 دۆلەتتىن 150 ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ بولغانلىقىنى، سايلاملارنىڭ ئوچۇق، ئېنىق ۋە يۇقىرى تەشكىلىي دەرىجىدە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
قازاقىستاننىڭ مەركىزىي سايلام كومىسىيىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، مەملىكەتنىڭ پارلامېنت ئالىي كېڭىشىگە ئومۇمەن 107 ئەزا بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئۇلاردىن «نۇر ئوتان» پارتىيىسى 84 ئەزاغا، قازاقىستان «ئاق يول» دېموكراتىك پارتىيىسى 7 ئەزاغا، قازاقىستان كوممۇنىستىك خەلق پارتىيىسى 7 ئەزاغا، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى 9 ئەزاغا ئىگە بولغان.
مەملىكەتنىڭ بارلىق شەھەر ۋە يېزىلىرىدا ئۆتكەن بۇ سايلاملارغا ئۇيغۇرلاردىنمۇ نامزاتلار كۆرسىتىلگەن ئىدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف مەزكۇر سايلامغا كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان خەلقىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «سايلامغا نۇرغۇن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى قاتنىشىپ، ئۇلارنىڭ ئايرىملىرى غالىپ چىقتى. مەسلىھەتكە ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف ناھىيىسىدىن چوڭ كارخانىچى زاكىرجان قۇزىيېف، ئىگىلىك رەھبىرى ئادىلجان غوجامبەردىيېف ئۆتتى، ئۇيغۇر ناھىيىسىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالتە ۋەكىلى سايلاندى. ئالماتا شەھەرلىك مەسلىھەت ئەزالىقىغا جۇمھۇرىيىتىمىزدە تونۇلغان چوڭ بىلىم دەرگاھلىرىنىڭ بىرى ئا. روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيە مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف ئۆتتى.»
شاۋكەت نىياز ئوغلى ئۆمەروف 1961-يىلى ئالماتا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1979-يىلى ئالماتا ۋىلايىتى خەشكىلەڭ ناھىيىسىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە ئورۇنلاشقان ئا. روزىباقىيېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغان ش. ئۆمەروف 1983-ۋە 1994-يىللىرى شۇ مەكتەپتە تەنھەرىكەت مۇئەللىمى بولۇپ ئىشلىدى. ئۇ 1989-يىلى قارىغاندا شەھىرى تەنھەرىكەت تېخنىكومىنى، 1994-يىلى ئالماتا شەھىرى تەنھەرىكەت ئىنستىتۇتىنى، 2005-يىلى « تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاماملىغان. ش. ئۆمەروف ئالماتا بىلىم باشقارمىسىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن 1994-يىلى ئا. روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن ئىدى.
ئالماتا شەھەرلىك مەسلىھەتىنىڭ ئەزاسى ش. ئۆمەروف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سايلام ھەققىدە توختالدى: « قازاقىستان بويىچە سايلامنىڭ ھەممىسى قانۇنغا مۇۋاپىق، ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە ئۆتتى. ئالماتا شەھىرىنىڭ 13-رايونى بويىچە سايلامغا جامائەتچىلىك ناھايىتى ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى بىزنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ‹نۇر ئوتۇن› پارتىيىسىگە ۋە ماڭا بەردى. ئاساسىي ۋەزىپىلەر بويىچە كۆپرەك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى، يەنى تۇرمۇشنى ياخشىلاش، كوچىلارغا يورۇق بېرىش ( چىراغ ئورنىتىش)، سۇ تۇرۇبىلىرىنى يېڭىلاش ۋە باشقىمۇ ئىشلارنى ھۆكۈمەتنىڭ خىراجىتىگە قاراپ، ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، دەپ ئويلايمەن.»
قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشى ئەزالىقىغا سايلانغان شاھىمەردان ھۈسەن ئوغلى نۇرۇموف 1950-يىلى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسىگە قاراشلىق ئاچىنوقا يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا باھالار بىلەن تاماملىغان ئۇ 1968-ۋە 1973-يىللار ئارىلىقىدا لېنىن نامىدىكى تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق فاكۇلتېتىدا بىلىم تەھسىل قىلدى. ش. نۇرۇموف مەكتەپتە مۇدىر، شۇنداقلا سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىدا ھەر خىل لاۋازىملاردا ئىشلىدى. ئۇ ئۇزۇن يىللار داۋامىدا قوراللىق كۈچلەر تەركىبىدە، ئاندىن قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا خىزمەت قىلغان. 2012-يىلىدىن باشلاپ ش. نۇرۇموف قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىدى.
باش مۇھەررىر ئېرشات ئەسمەتوف ئۆز سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئۇتۇقىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا قانچىلىك تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىدىن، مەملىكەتتە ياشاۋاتقان باشقىمۇ خەلقلەر قاتارىدا ھۆرمەتلىك ئورۇندا تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ناھايىتى خۇشال بولىدىغان ۋەقە بۇ، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى تەرىپىدىن چۈشكەن توققۇز ئەزانىڭ ئىچىدە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنومەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموف بولدى. بىز قېرىنداشلىرىمىزنى چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەپ، ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە چوڭ ئۇتۇقلار تىلەيمىز.»









