خىتاي ئاگرونوملىرى قازاقىستاندا ئوغۇتلارنى قانۇنسىز قوللانغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018.09.26
qazaqistan-xitay-visa-naraziliq.jpg خىتايغا ۋىزا ئىلتىماسى رەت قىلىنغان قازاقلار ئالماتادىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. 2017-يىلى 31-ماي.
Photo: RFA

قازاقىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن «ماترىتسا»، «زاكون» تور گېزىتلىرى، شۇنداقلا «ياۋرو-ئاسىيا» بىرىنچى قانىلى شەرقىي قازاقىستان ۋىلايىتىدە خىتاينىڭ ئۆزى ئىشلەپ چىققان يەر ئوغۇتلىرىنى قانۇنسىز قوللانغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقاتتى. بۇ خەۋەرنى رۇسىيەنىڭ «سېنتىر ئاسىيا» مۇستەقىل تور بېتىمۇ ئېلان قىلدى.

21-سېنتەبىردە ئېلان قىلىنغان «ھاشارەتلەردەك زەھەرلىمەكتە. خىتاي ئاگرونوملىرى قازاقىستاندا خىمىيەلىك دورىلارنى قانۇنسىز قوللاندى» دەپ ئاتالغان ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، شەرقىي قازاقىستاننىڭ بېسقاراغاي ناھىيەسىگە جايلاشقان 15 گېكتار مەيداندىكى ئېتىزلىقتا خىتاي شىركىتىنىڭ ئاگرونوملىرى خىمىيەلىك دورىلارنى ئىشلەتكەن. ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «قازاقىستاندا خىتاي ئاگرونوملىرى تەرىپىدىن خىمىيەلىك ئوغۇتلارنىڭ قوللانغانلىقى خەلقئارا جاڭجالنىڭ چىقىشىغا خەۋپ تۇغدۇرماقتا. قانۇننى بۇزۇش پاكىتى توغرىلىق جەمئىيەت ۋەكىللىرى خەۋەر قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قولىغا پەقەت تىزىملاشتىن ئۆتمىگەن ماددىلارنى ئېلىپ كىرىشلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ پايدىلىنىشىنى تەستىقلايدىغان ھۆججەتلەرمۇ كەلگەن».

ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، قازاقىستاندىكى يېزا ئىگىلىكى يەرلىرىنى چەتئەللىكلەرگە ۋە چەتئەل شىركەتلىرىگە بېرىش توغرىلىق خەۋەر جامائەتچىلىك ئارىسىدا ھەر خىل ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغان. مەملىكەتنىڭ مۇھىتنى ساقلاش مۇتەخەسسىسلىرى بولسا، بۇنىڭدىن قاتتىق تەشۋىشلەنمەكتە.

شەرقىي قازاقىستان ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە سانائەت بويىچە دۆلەتلىك تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەھبىرى ئايبېك كەرىموفنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ «لوڭ شىن» شىركىتى تەرىپىدىن قاراباس يېزا ئىگىلىكى تېررىتورىيەسىدە خىمىيەۋى ئوغۇتلارنى قوللانغانلىقى ئاشكارىلانغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «كومىتېت تەرىپىدىن پىلاندىن سىرت تەكشۈرۈش بەلگىلەنگەن. ھەقىقەتەنمۇ، خىتايدىن ئېلىپ كىرىلگەن دورىلار ئاشكارىلانغان. شەرقىي قازاقىستاننىڭ بېسقاراغاي ناھىيەسىنىڭ 15 گېكتارغا يېقىن يېرىدە خىتاي شىركىتىنىڭ ئاگرونوملىرى دورىلارنى ئىشلەتكەن. ترېفلان دورىسى، ياكى ئۇنى ‹ترىفلۇرالىن 480› دەپمۇ ئاتايدۇ، قازاقىستاندا تىزىملاشتىن ئۆتمىگەن ۋە پايدىلىنىشقا رۇخسەت ئالمىغان. جامائەتچىلىك سالامەتلىكىنى قوغداش باشقارمىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇلار چەتئەللىك يېزا ئىگىلىكى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دورىلارنى ئىشلىتىشكە كىرىشكەلىكىنى بىلگەن ھەم بۇ دورىلار رۇخسەت قىلىنغانلار تىزىمىدا بولمىغانلىقتىن، ئۇلارنى قانۇنلاشتۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن.»

مەزكۇر ئىدارە خىزمەتچىلىرى خىتاي تەرەپكە بۇ دورىنى تىزىملاشتىن ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ،  لېكىن خىتاي شىركىتى دورىلارنى چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكۈزۈپ، قانۇنسىز پايدىلانغان. پەقەت شۇنىڭدىن كېيىنلا جەرىمانە تۆلىگەن.
قازاقىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى قاتارىدىكى «ئېكولوگىيە قۇرۇلتىيى»نىڭ رەئىسى ۋادىم نىنىڭ ئېيتىشىچە، ترېفلان دورىسى ھەقىقەتەنمۇ چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكۈزۈلۈپ، پايدىلىنىلغان. مۇنداق ئەھۋاللار رۇسىيەدىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال يەرلىك ئاھالە تەرىپىدىن بىر نەچچە قېتىم ئەرز قىلىنغان، مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر دورىلاردا زەھەرلىك ماددىلارنىڭ يوقلۇقى ھەققىدە بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما پەقەت مۇشۇنداق ئوغۇتلارنىڭ پايدىلىنىلىشى مۇھىتنى ساقلاش خادىملىرىنى بىئارام قىلغان. ۋادىم نى چەتئەللىكلەرنىڭ باشقىمۇ خىمىيەلىك ئوغۇتلارنى قازاقىستانغا ئېلىپ كىرىش ۋە پايدىلىنىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس جاسارال قۇئانىشالىن ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، خىتاي شىركەتلىرى رۇسىيە، قازاقىستان ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەردە يېزا ئىگىلىكى يەرلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشتە دائىم خىمىيەلىك ئوغۇتلارنى كۆپلەپ پايدىلانغان ئىكەن. ئۇ خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەتكەن يەرلەرنىڭ تېگىدىن كۆيۈپ، ئۇ يەرلەرنى بىر نەچچە يىل ئىشلىتىشكە ھەرگىز بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلار يۈرگەن يەرنىڭ بارلىقى شۇ. ئۇلار پەقەت رۇسىيە ياكى قازاقىستان بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، قەيەرگە بارسىلا، ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى، ئېلىپ بارىدىغان سىياسىتى شۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يېرىنىمۇ شۇنداق زەھەرلەپ بولدى. ئۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىكى يەرلىرىنىڭ كۆپچىلىكى شۇنداق خىمىيەلىك ئوغۇتلارنى كۆپلەپ پايدىلىنىش سەۋەبىدىن كاردىن چىققان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇ ئىشىنى يەنىمۇ داۋام قىلىش مەقسىتىدە رۇسىيەدىن، قازاقىستاندىن يەرلەرنى ئىجارىگە ئېلىپ، ئۆز ئىشىنى مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقتا. ئۇلار ئۆز يېرىنى ئايىمىسا، باشقىلارنىڭ يېرىنى ئايامدۇ؟ ئەمما بۇ يەردە خىتاي تەرەپنى ئەيىبلەشتىن بۇرۇن مۇشۇ يەردىكى دائىرىلەرنى ئەيىبلەيمەن. سەۋەبى ئۇلارغا يول ئېچىپ بېرىۋاتقان ئەنە شۇ رۇسىيە ياكى قازاقىستان ھۆكۈمىتى. مېنىڭ ئويۇمچە، مەسىلەن، خىتاي شىركەتلىرى ئۆزلىرى بىلىپ،  بۇ يەرگە كېلىپ، ئوقەت قىلمايدۇ. دېمەك ئىككى ئوتتۇرىدا كېلىشىم بار دېگەن سۆز.»

جاسارال قۇئانىلاشىل يەنە خىتايدىن قازاقىستانغا كېلىۋاتقان يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنىڭمۇ ئەنە شۇنداق يوللار بىلەن تەييارلىنىپ، ئاھالىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش مۇمكىنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن چەتتىن كىرىۋاتقان بارلىق نەرسىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەمدى قازاقىستان يېزا ئىگىلىكى ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، پروفېسسور مەسىمجان ۋىلياموفنىڭ ئېيتىشىچە، يېزا ئىگىلىكى يەرلىرىدە كۆپىنچە ئورگانىك ئوغۇتلارنى پايدىلىنىش، بولۇپمۇ ياۋروپا ئەللىرىدە كەڭ يولغا قويۇلغان ئىكەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندىمۇ بۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنمەكتىكەن.

مەسىمجان ۋىلياموف مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ مەنىسى مىنېراللىق ئوغۇتلارنى پايدىلانماي، كۆپىنچە ھەر قانداق ئۆسۈملۈكلەرنى ئېچىتىپ، ئۇلارنى ئوغۇت رېتىدە پايدىلىنىش. يا بولمىسا، يېزا ئىگىلىكىدە چىققان مەھسۇلاتلارنى ئېچىتىپ، شۇنى پايدىلىنىش. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسەن خىتايدىن، قىرغىزىستاندىن، ئۆزبېكىستاندىن مىنېراللىق ئوغۇتلارنى ئېلىپ كېلىپ، ھېچ بىر تەكشۈرۈشسىز پايدىلىنىش دۇرۇس بولمايدۇ. ئۇلارنى مۇشۇ يەردە رۇخسەت ئېلىنغاندىن كېيىن پايدىلىنىش كېرەك. شۇ ئوغۇتلارنى پايدىلانغاندا ئۆز مۆلچەرىدە پايدىلىنىش كېرەك. سەۋەبى ئەگەردە ئۆز مۆلچەرىدىن ئېشىپ كەتسە، ئۇلاردا ئادەمگە زەخمەت يېتىدىغان خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ يىغىلىشىغا سەۋەب بولۇپ، ئورگانىزمغا زەخمەت يەتكۈزۈشى مۇمكىن.»

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزا يەرلىرىدىكى دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا قانداق ئوغۇتلار پايدىلىنىلىدۇ؟

بۇ ھەقتە بىز ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق بايسېيىت يېزىسىدا ياشاۋاتقان يېزا ئىگىلىكى مۇتەخەسسىسى، ئاگرونوم مەرۈپ تايىروف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت دەۋرىدە يېزا ئىگىلىكىدە مىنېراللىق ئوغۇتلارنى كۆپرەك ئىشلەتكەن ئىكەن. مۇنداق ئوغۇتلار ئاساسەن قۇۋۋىتى ناچار يەرلەردە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ بارلىقى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن دائىم كونترول ئاستىغا ئېلىنىپ كەلگەن.

مەرۈپ تايىروف ئەپەندى كېيىنكى ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «سوۋېت ھۆكۈمىتىدىن كېيىن خەلققە يەر بۆلۈنۈپ بەرگەندىن كېيىن مىنېراللىق ئوغۇتلارنى پايدىلىنىشنى قويدى. سەۋەبى قىممەت. ئاساسەن رۇسىيە ۋە قازاقىستاننىڭ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆزبېكىستاننىڭ ئازوت ئوغۇتى پايدىلىنىلدى. ئەمدى خىتاينىڭ ئوغۇتىنى قوللاندى دېگەننى مەن تېخى ئاڭلىمىدىم. خىتايدىن دېربېسىت، يەنى ھارام چۆپلەرگە قارشى ئوغۇت ئالدى. خىتاينىڭ ئەرزان بولغانلىقتىن، شىركەتلەر ئېلىپ، خەلققە سېتىپ بېرىدۇ. ھازىرچە كىچىك-كىچىك دېھقانچىلىق ئىگىلىكلىرى ئوغۇتنى ئاز پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئاساسەن قىغدىن پايدىلىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىر ئاز يانچۇقى تولغاندىن كېيىن، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، رۇسىيەنىڭ ئازوت ئوغۇتلىرىنى پايدىلىنىۋاتىدۇ.»

مەرۈپ تايىروف ھەر قانداق بىر ئوغۇتنى پايدىلىنىش ئالدىدا ئۇنى قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش لازىملىقىنى، بۇ جەھەتتە ئوغۇتلارنىڭ خىتايدىن قانۇنسىز ئېلىپ كېلىنىپ، يەنە قانۇنسىز پايدىلانغانلىقىنىڭ دۇرۇس ئەمەس ئىكەنلىكىنى، ھەر بىر يەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئوغۇتلارنىمۇ شۇ ئالاھىدىلىككە قاراپ ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ خەلق سالامەتلىكىنى ئويلاشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، رۇسىيەنىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ خىتاي شىركەتلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىنىڭ رۇسىيە يېرىدە خىمىيەۋى ئوغۇتلارنى كەڭ قوللىنىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭدىن يەرلىك ئاھالىنىڭ كۆپلەپ زىيانغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۈزلۈكسىز ئېيتىپ كەلگەن ئىدى.  مەتبۇئات ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندىكى زور مىقداردىكى يەرلەرنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە ئىجارىگە بېرىلىش مەسىلىسى قازاقىستان جامائىتىدە قاتتىق نارازىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، مۇنداق نارازىلىقلار پەقەت ئاممىۋى ئىنكاس شەكلىدە قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.