8 - نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىن خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2016.07.23
turkiye-sherqiy-turkistanliq-qerindashlar-uchrishishi.jpg 8 - نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى
RFA/Arslan


8 - نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى 18 - ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇلدا باشلىنىپ 21 - ئىيۇل پەيشەنبە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. يىغىنغا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كەلگەن تەشكىلات رەھبەرلىرى، ژۇرنالىستلار، تەتقىقاتچىلار، زىيالىيلار، دىنىي ئۆلىمالار ۋە ئۇيغۇر ياشلار قاتنىشىپ «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ساغلام ئىدىيە، توغرا ھەرىكەت» دېگەن تېمىنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇزاكىرە ۋە مۇلاھىزە ئېلىپ باردى.

يىغىن ئاخىرىدا 8 - نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى.

4 كۈن داۋام قىلغان يىغىن ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەردىن بىر قانچە كىشى مۇنبەرگە چىقىپ خۇلاسە دوكلاتىنى بىرلىكتە ئېلان قىلدى. خۇلاسە دوكلاتىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئوقۇپ ئۆتتى.

دوكلاتتا يېزىلىشىچە، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ئاشقۇنلۇق ۋە چۈشكۈنلۈكتىن خالىي ئوتتۇرا يولنى تۇتۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخبارات ۋە تەشۋىقاتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئاخبارات ۋە تەشۋىقاتنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ھەقلىق داۋايىمىزنىڭ ھەر قايسى ئەللەرگە ئۇلار قوبۇل قىلالايدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش ۋە ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسەتلىرىنى دۇنياغا پاش قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقسىزلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى دەلىل - ئىسپاتلار بىلەن ئېلان قىلىش، خىتاينىڭ دىنىمىزغا، تىلىمىزغا، مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقات ھۇجۇملىرىغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۈگۈنكى كۈندىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.»

دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ۋائىزلىق پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تىلغا ئېلىنىپ، ۋائىزلىقتا ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

فىنلاندىيەدىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان فىنلاندىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى دوكتور مەمەتئېلى قارىم يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان «ساغلام ئىدىيە توغرا ھەرىكەت» پىكرىنىڭ مۇھىملىقنى تەكىتلىدى.

گوللاندىيەدىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان ئابدۇسالام قارىم مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىغىنغا فىنلاندىيەدىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان ئابدۇلھەپىز قارىم بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا دىنىي ۋە پەننىي زىيالىيلارنىڭ بىر يەرگە كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىر ئىجابىي تەرەققىيات ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.