قىرغىزىستاندا خىتاي ئەلچىخانىسىنى پارتلىتىشقا ئىشلەتكەن ئوق-دورىنى قىرغىز ھەربىي، ساقچىلار ساتقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.10.27
xitay-elchixanisi-qirghizistan-partlash.jpg بىشكەك شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتىلغان ئاپتوموبىللىق ھۇجۇمدىن كېيىن قىرغىزىستان ساقچىلىرى يېتىپ كەلگەن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 30-ئاۋغۇست، قىرغىزىستان.
AFP

قىرغىزىستان تەكشۈرۈش خادىملىرى ئاكتىپ ۋەزىپىدىكى بەزى قىرغىزىستانلىق ھەربىي، ساقچىلىرىنىڭ بۇ يىل 30‏-ئاۋغۇست خىتاينىڭ بىشكەكتىكى ئەلچىخانىسى ئۇچرىغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

قىرغىزىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋە رۇسىيە ئاخباراتى ئىنتېرفاكسنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە چېگرا قوغداش قىسىملىرىدىن 14 ئوفىتسېر ۋەقەگە ئالاقىدار قورال-ياراق ئەتكەسچىلىكىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 26 نەپەر ئوفىتسېرى ۋەقەگە چېتىشلىقى بار، دېگەن گۇمان بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

بىر قىرغىزىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئىنتېرفاكس ۋە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، بۇ ئوفىتسېرلارنىڭ بۇ يىل 30‏-ئاۋغۇست خىتاي ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا قىرغىزىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر تەپتىش ئەمەلدارىغا سۇيىقەست پىلانلىغان «تېررورلۇق گۇرۇھى»غا قورال-ياراق ساتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قولغا ئېلىنغانلار چېگرا قوغداش قىسىملىرىنىڭ ئاكتىپ ۋەزىپىدىكى ۋە دەم ئېلىشتىكى بىر قانچە ئوفىتسېرى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر دىرېكتورى قاتارلىق كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

قىرغىزىستاندىكى بىر ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى پەيشەنبە كۈنى رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، بىر قانچە ھەربىي ئوفىتسېرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئەمما تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ جامائەت ئەربابى: «شۇ، تۇتۇلغانتى، ئاپتومات، ئوق بىر نەرسىنى ساتقانلار. ھازىر ئاشۇلارغا ساتقانمۇ مۇشۇلار دېگەن گەپ چىقىۋاتىدۇ. ئاشۇ ھېلىقى ئوشتا تۇتۇلغان 2-3 ئادەمنىڭكى، شۇلار شۇنداق كۆرسەتتىمۇ ياكى، ئىشقىلىپ شۇنداق، دەپ چىقتى. ئىككى ئوفىتسېر، بىر شوپۇر، يەنە 2-3 ئوفىتسېرلارنى قولغا ئالدى. ئاشۇلارغا ساتقانمۇ شۇلار، دەپ چىقىرىۋاتىدۇ. ئاخىرى تېخى چىقمىدى، ئەمما شۇلار پارتلاتقانلارغا ئارىلاشقانلار، دېدى، (پارتلاتقۇچنى) ئەسكەرلەردىن ئالغانتۇق دەپ. ئاخىرى ئەمدى شۇ يېرىم ئاي ياكى بىر ئاي ئىچىدە چىقا، ئۇنى بىز گېزىتلەردە يازىمىز، دەپ ۋەدە بەردى» دېدى.

يۇقىرىقى جامائەت ئەربابىنىڭ كۆرسىتىشىچە، قىرغىزىستاندا ھەربىي-ساقچىلارنىڭ مائاشى تۆۋەن، پارىخورلۇق ئېغىر بولۇپ، بۇ ھەربىي قورال-ياراقلارنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشنى قىيىنلاشتۇرماقتا ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردە قاراڭ، پارىخورلۇق كۈچلۈكرەك، خەقنىڭ(شۇ يەردە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ) ئايلىقى ئاز، كونترول ياخشى بولمىغاچقا مۇشۇنداق بولۇپ قالغان، بولۇۋاتقان ئىشلار بۇ. بىر يېرى ياخشى، ئېنىقلاپ چىقىپ، ئاشۇ چوڭىنى ئىشتىن ئېلىۋېتىدۇ. ئۇ تەرەپتىن كىچىككىنە بولسىمۇ، ئادىللىق بولۇۋاتىدۇ. ھېلىقى گېنېرالمۇ، پولكوۋنىكمۇ، نېسىمىگە قارىماي تۇتقۇنى ياخشى-دە بىر ياقتىن. يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئۇنچىلىك ئىشلار بولۇپ قالىدۇ، 10-20 ئاپتومات دېگەن ھەممە يەردە بار، بۇنداق ئەسكەر قورال ساتىدىغان. بۇ بىزنىڭكى، سوۋېت پارچىلانغاندىن كېيىن بۇنداق ئىشلار جىق يۈز بەردى. قازاقىستاندىمۇ بولدى، ئۆزبېكىستاننى بىلمەيمەن، ئەمما رۇسىيەدىمۇ ئۇنداق ئىشلار بولغان. بۇ يەردىمۇ شۇ، ئۇنداق ئىشلار بولۇپ قالىدۇ. (لېكىن) خاتىرجەم بولغىنىمىز، ئۇيغۇرلار ئارىلاشمىغان دېگىنى.»

قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ھۇجۇمنى ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق، دەپ ئېلان قىلىشى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى خېلى قاتتىق بىئارام قىلغان. ئەمما كېيىنكى خەۋەرلەردە، ھۇجۇمغا ئۇيغۇرلاردىن باشقا قىرغىز، ئۆزبېك ۋە رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، خىتاينىڭ بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، قىرغىزىستانغا بېسىم ئىشلىتىشىدىن، قىرغىز ھۆكۈمىتى ئارقىلىق قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائېتىنى تېخىمۇ قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

قىرغىزىستاندا ئولتۇرۇشلۇق يەنە بىر جامائەت ئەربابى، پەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھازىر قىرغىزىستاندا ھاكىمىيەت ئىچىدىكى ئىختىلاپ ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە ئەندىشىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مۇنداق ئېيتقاندا، ھازىر ماۋۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچىدە بىر-بىرى بىلەن قىلىشقان ئىشلار بار. شۇڭلاشقا مەسىلەن، روزا ئوتامبايېۋا ئامېرىكىغا كېتىپتۇ، دەيدۇ. ھازىر ئامېرىكىدىكەن دەيدۇ. ئۇ ھېلىقى 30‏-چېسلادىكى قىرغىزىستان مۇستەقىللىق كۈنىدە، ئاتامبايېف سەھنىدە ئۇلارنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ تىللىۋەتتى. ئوتانبايىۋا، ئاتامبايېۋ پاراتنىڭ ئۈستىدە سەھنىدىكى ۋاقتىدا تېلېۋىزورلاردا كۆرسەتتى، ئاچچىقلاپ كەتكەن. ئاسانلىقچە ئۇنداق پارات بولۇۋاتقان مەزگىلدە كەتمەيدۇ. ئەمدى ئۇ كېتىپ ئۇنداق قىلغاندىن كېيىن، مۇشۇ يەردە بىر قالايمىقانچىلىق چىقارمىكىن، دەپ بىر ئەندىشە بار، بۇلاردا.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلار ھەر تەرەپتە ئۇيغۇرلارنى چىشلەيدۇ، نازارەت قىلىدۇ. قوشنا-قۇلۇملاردىن مەلۇمات ئالىدۇ، بېسىم شۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، ئادەم ئەندىشە قىلىپ يۈرىدىكەن. پوككىدە ئادەمنىڭ ماشىنىسىغا ياكى ئۆيىگە بىرەر نەرسە تاشلاپ قويسا، بالادا قالىدىغان گەپ.»

رۇسىيە ۋە قىرغىزىستان ئاخباراتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ساقچىلار بۇ يىل سېنتەبىردە قىرغىزىستانلىق بىر قورال-ياراق ئەتكەسچىسىنى قولغا ئالغان. بۇ ئادەم قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسىنىڭ شوپۇرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيىدىن قىرغىزىستان قوراللىق كۈچلىرى باش شتابىنىڭ قورال-ياراق ئامبىرىدىن يوقاپ كەتكەن نۇرغۇن ئاپتومات، ناگان ۋە ئوق-دورىلار تېپىلغان.

خەۋەردە، بۇ كىشىنىڭ ئۇنى قورال بىلەن تەمىنلىگەن ھەربىي ئوفىتسېرنى ئاشكارىلىغانلىقىنى، بۇ ھەربىي ئوفىتسېرنىڭ مەزكۇر قورال-ياراق ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىدىكى باشقا ساقچى ۋە ھەربىي ئوفىتسېرلارنى پاش قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.