خىتاي قىرغىزىستانغا ئۈچ مىليارد دوللار مەبلەغ سالماقچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد قاسىم
2013.09.12
shi-jinping-qirghizistan-ziyaret-almasbek-atambayef.jpg قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايېف خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى. 2013-يىلى 10-سېنتەبىر، بىشكەك.
AFP

خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ قىرغىزىستاندىكى زىيارىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ. قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايىف بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت باشلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ھەققىدىكى توختامنامىگە قول قويۇشتى.

بۇنىڭدىن باشقا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تاشيول ھەم تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى،تەبىئىي گاز لىنىيىسى قۇرۇلۇشى، مېدىتسىنا ساھەسى، ئىقتىسادى ھەمكارلىق قاتارلىق يەتتە كېلىشىمنامە تۈزۈلدى. بۇ كېلىشىملەرگە ئاساسەن خىتاي تەرەپ قىرغىزىستانغا ئۈچ مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ. خىتاي رەئىسى بۈگۈن قىرغىزىستاننىڭ قارا بالتا شەھىرىدىكى خىتاي تەرەپ مەبلەغ سېلىپ قۇرۇپ بەرگەن، يىلىغا 800 يۈزمىڭ توننا نېفىتنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا، قىرغىز تەرەپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بۇ زاۋۇتنىڭ كېڭەيتىپ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يەنە 400 مىليون دوللار سەرىپلەشكە قوشۇلغانلىقىنى، شۇنىڭدەك قىرغىزىستاندا خىتاي مېدىتسىنا مەركىزى قۇرۇش، «يىپەك يولى ئىقتىسادى ھەمكارلىق بەلبىغى» تەسەۋۋۇرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە چۈشىنىش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دۆلەت رەئىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدە ئېنېرگىيە بايلىقلىرى ساھەسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە قىرغىزىستاندىكى پېشقەدەم زىيالىي ئۆمەر ئىبراھىم ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.