شۋېتسىيە ۋە گوللاندىيەدە خىتايغا قارشى نامايىش بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.10.01
Amesterdamda_Namayish_20171001-1.jpg ئامىستېردامدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش. 2017-يىل 1-ئۆكتەبىر، ئامىستېردام، گوللاندىيە.
RFA/Ekrem

1-ئۆكتەبىر كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولىم ۋە گوللاندىيەنىڭ ئامىستېردام شەھەرلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلدى.

شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولىم شەھىرىدىكى نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇللاھ ئەپەندى، بۇ نامايىشنى «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ۋە موڭغۇللار، تىبەتلىكلەر بىلەن بىرلىكتە نامايىش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىدى ھەققىدە توختالدى. 

شىۋېتسىيەدىكى نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت 13:00 دا باشلانغان بولۇپ، ئىككى سائەت داۋاملاشقان بۇ نامايىشقا قاتناشقان يەنە بىر خانىممۇ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدىكى تەسىراتىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. 

1-ئۆكتەبىر كۈنى يەنە گوللاندىيەنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ «ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئامىستېردامدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا سائەت 13:00-14:30 گىچە نامايىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن ئابدۇراھمان ھاجىممۇ خىتاي ئۈچۈن دۆلەت بايرىمى بولغان بۇ كۈننىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «ماتەم كۈنى» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسۇللىرىدىن ئوبۇلقاسىم ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدە قاراشلىرىنى بىلدۈردى. 

گوللاندىيەدىكى جامائەت ئەربابى، «ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەيسا قارىمۇ بۈگۈنكى بۇ نامايىش ھەققىدە توختىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىشىشىنى تەشەببۇس قىلدى. 

نامايىشچىلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق ۋە تۈرلۈك تەشۋىقات لوزۇنكىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، جاراڭلىق شۇئارلار بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان غەزەپلىرىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرگە، تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق يەرلىك خەلققە خىتاي زۇلمىنى پاش قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.