شۋېتسىيەدە ئۇيغۇرلار تۇركىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۇشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىھسان
2014.03.03
shiwetsiye-uyghur-parlament.jpg شۋېتسىيەدە ئۇيغۇرلار تۇركىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىللە
RFA/Ihsan


1 - مارت كۈنى شۋېتسىيەدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىدىن سېدا جەمئىيىتى بىلەن تەقۋا جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان سۈرىيەگە ياردەم پائالىيىتى ستوكھولمنىڭ شەرخولم رايونىدىكى پائالىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ ياردەم پائالىيىتىگە تۈركىيەنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتىنى باشقۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى ئورخان ئاتالاي، شۋېتسىيە يېشىللار پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى ۋە پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا باشلىقى مەھمەت قاپلان، تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى تەرىپىدىن ياۋروپادا قۇرۇلغان «ياۋروپا تۈرك دىموكراتلار بىرلىكى»نىڭ مەسئۇلى ئۆزەر ئەكەن، شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن باشچىلىقىدىكى بىرگۇرۇپپا ھەيئەت قاتناشتى.

پائالىيەتتە ئاق پارتىيە ۋەكىلى ئورخان ئاتالاي، مەھمەت قاپلان سۆزگە تەكلىپ قىلىندى.

سۆزگە چىققان مەھمەت قاپلان پۈتۈن دۇنيادا زۇلۇم چىكىۋاتقان سۈرىيە، پەلەستىن، شەرقىي تۈركىستان، سومالى، چېچەنىستان، ئافغانىستان ۋە بارلىق مۇسۇلمان دولەتلەرنىڭ پات يېقىندا ھۆرلۈككە ئېرىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى ھەمدە پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا رەھمىتىنى بىلدۇردى.

شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 17:30دىن 19گىچە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتكە، ئادالەت تەرەققىيات پارتىيىسى پالامېنت ئەزاسى ئورخان ئاتالاي مەخسۇس شۋېتسىيەدىكى «ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى» شوبىسىنىڭ ئېچىلىش ۋە رەھبەرلىك قاتلىمىنى سايلاش مۇراسىمىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىدىكى ھەيئەتلەرمۇ بۇ مۇراسىمغا تەكلىپ بىلەن قاتناشىتى.

يىغىندىن كېيىن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن، تۇركىيە پارلامېنت ئەزاسى بىلەن سۆھبەتتە بولدى.

سۆھبەتتىن كېيىن ئەخمەتجان تۇرسۇن پالامېنت ئەزاسى ئورخان ئاتالايغا ئۇيغۇرلارنىڭ چىمەن دوپپىسى ۋە ئىزنەك سوۋغا قىلدى ۋە بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇننى زىيارەت قىلدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.