ئۇيغۇر ياشلىرى شىۋېتسىيەدە ئىگىلىك تىكلىمەكتە

0:00 / 0:00

شىۋېتسىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شىۋېت تىلىنى پىششىق ئۆگىنىپ، ھەر خىل كەسىپلەردە خىزمەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارەت جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس.

بۈگۈن ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا تونۇشتۇرماقچى بولغان ياشلىرىمىزدىن ئابدۇسالام 2011-يىلى شىۋېتسىيەگە كۆچمەن بولۇپ قوبۇل قىلىنغان. ئۇ شىۋېتسىيەگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، بىر تەرەپتىن مۇقىم خىزمەت قىلغاچ، قانداق قىلغاندا شىۋېتسىيەدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ھەققىدە ئىزدەنگەن.

2016-يىلى 9-ئايدا شىۋېتسىيەنىڭ سىكۇتخەر رايونىدا «ئەرزان» تاللا بازىرىنى ئېچىپ تىجارەت باشلىغان. تاللا بازىرىغا ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كۆكتات، مېۋە، ھالال گۆش ۋە يېمەكلىكلەر سېلىپ، شۇ رايوندىكى خېرىدارلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە تۆت نەپەر ئۇيغۇرنى خىزمەت بىلەن تەمىنلىگەن.

بىز بۇ ھەقتە ئابدۇسالامنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن، تاللا بازىرىغا ئىزدەپ باردۇق. ئۇ بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، تاللا بازىرىنى ئېچىشتىكى مەقسىتى ۋە كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە توختالدى.