كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي تەسىرىنى كۆپ ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.02.28
ottura-asia-305.jpg ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خەرىتىسى. 2009-يىلى نويابىر.
http://en.wikipedia.org

بۈگۈن ئامېرىكىدىكى خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسى «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىسى» تېمىسىدا بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادا شەكىللىنىدىغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ۋەزىيەت تۈپەيلى، خىتاي ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي تەسىرىنى ئاشۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەمما رايون ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئامېرىكا ۋە رۇسىيىدەك سىياسىي تەسىرگە ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە تۈركىيىنىڭ سابىق دۆلەت مىنىستىرى ئەخەت ئەندىجان ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلىدى.

ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 2014-يىلى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشى بىلەن بۇنىڭ ئافغانىستان ۋە ئافغانىستانغا قوشنا ئەللەردە نېمە ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى، بولۇپمۇ خىتاي ۋە رۇسىيىدىن ئىبارەت ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن قانداق يول تۇتىدىغانلىقى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇندىن كېيىن رايوندا قانداق رول ئوينايدىغانلىقىدەك مەسىلىلەر قىزغىن مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ كەلدى. بۈگۈن بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى مۇستەقىل تەتقىقات ئورگانلىرىدىن بولغان خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسى «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىسى» تېمىسىدا بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتقا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىسى دەپ تېما قويۇلۇشىدا مۇنداق بىر قانچە سەۋەب بار. مەزكۇر ئورگاننىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي تەسىرىنى كۈنسايىن ئاشۇرۇپ، رايوندىكى ئالاھىدە چوڭ كۈچكە ئايلاندى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنى قىسقىغىنە بىر ‏-ئىككى يىل ئىچىدە ئارقىدا قالدۇرۇش ئېھتىمالى ئىنتايىن يۇقىرى. ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇقىملىق مەسىلىسىگە يولۇقۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشى بىلەن شەكىللىنىدىغان يېڭى ۋەزىيەت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى چىرىكلىك، دۆلەتتە قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنماسلىقى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خىزمەتلىرىنىڭ ناچارلىشىشى ۋە بۇ دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنى دۆلەتتىكى بارلىق مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزى دەپ قارىشىدەك ئامىللار رايون دۆلەتلىرىدە مۇقىمسىزلىق يارىتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە خىتاينىڭ تەسىرىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ دۆلەتلەردە خىتايدىن قورقۇش خاھىشىمۇ كۈچەيمەكتە. مانا مۇشۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئامىللار ھەممىسى كەلگۈسىدە خىتاينىڭ بۇ رايوندا ئۆزى خالىغان مۇقىم مۇھىتنى يارىتىشىغا تەھدىت پەيدا قىلغانلىقتىن، خىتاينىڭ مۇقىملىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن سىياسىي تەسىرىنى ئاشۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، رۇسىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئۇنىڭ سىياسىي تەسىرىنىڭمۇ ئاشىدىغانلىقىدەك مەنىنى ئىپادىلەپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۈگۈن تۈركىيىنىڭ سابىق دۆلەت مىنىستىرى، پروفېسسور دوكتور ئەخەت ئەندىجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە رۇسىيىنىڭ تەسىرىنى ئاسانلىقچە ئۆچۈرۈۋېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خەۋپسىزلىك ۋە باشقا ساھەلەردە خىتاينىڭ ئاكتىپ تەسىرگە ئىگە بولىدىغانلىقىغا مەن ئانچە ئىشەنمەيمەن. چۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى شاڭخەي گۇرۇھىغا خىتاي بىلەن بىرگە ئەزا بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ خەۋپسىزلىكنى مەقسەت قىلىپ قۇرغان تەشكىلات ياكى گۇرۇپپىلىرىغا خىتاينىڭ قاتناشمىغانلىقىنى ياكى قاتناشتۇرۇلمىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. تېخىمۇ مۇھىمى، ئەگەر خىتاي بۇ دۆلەتلەردە خەۋپسىزلىك ساھەلىرىگە ئارىلاشسا، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئالدىنقى پىلانغا چىقىپ كېتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىش ئىمكانىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ» دەيدۇ.

شۇڭا ئەخەت ئەپەندى خىتاي ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا زور مەبلەغلەرنى سالسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا خەۋپسىزلىك ۋە باشقا ساھەلەردە كۈچلۈك سىياسىي تەسىرگە ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شاڭخەي گۇرۇھى قۇرۇلغاندا مۇتەخەسسىسلەر، بۇ تەشكىلاتنىڭ كۆرۈنمەككە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشكىلاتنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى كونترول قىلىش، مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا زېمىن يارىتىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسىمۇ بۈگۈنكى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى تىزگىنلەش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن تالىبان خىتاي ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئاساسىي مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقى، ئۇ چاغدا خىتاي بەلكىم تالىبان كۈچلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانچىلارغا ياردەم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تالىبان كۈچلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئەخەت ئەندىجان ئەپەندى بۇ خىل كۆز قاراشقا قوشۇلمايدۇ. ئۇ تالىباننىڭ خىتاي ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. چۈنكى ئۇ تالىباننىڭ ئەينى يىللاردا ئافغانىستاندا ناھايىتى زور تەسىرگە ئىگە ۋە كۈچكە ئىگە مەزگىلدىمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاينى بىئارام قىلىدىغان بىر ئىش قىلىپ باقمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوچۇق-ئاشكارا بولمىسىمۇ، خىتاي بىلەن تالىباننىڭ سودا مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، خىتاينىڭ تالىباننى ئەزان قوراللار بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇنداق بىر شارائىتتا تالىباننىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن خىتاينى بىئارام قىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئەخەت ئەندىجان ئەپەندى بۇ يەردە ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇيغۇرلار ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى بىلەن ياكى ئافغانىستاندا تۇرۇشقا داۋام قىلىشىغا قاراپ تۇرۇپ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنىڭ ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئوخشاش داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭمۇ سىياسىي تەسىرىنىڭ ئاشمايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇنداق قىلغان تەقدىردە بۇنىڭ يالغۇز رۇسىيىنىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي تەھدىتىدىن گۇمانلىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىمۇ ئويغىتىپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.